توختام قانۇنى

ئورنى Wikipedia
(1999- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 1999- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15- نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 1999- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى)
   ئومۇمىي پرىنسىپ
  1- باب ئومۇمىي بەلگىلىمە
  2- باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى
  3- باب توختامنىڭ كۈچى
  4- باب توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى
  5- باب توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى
  6- باب توختامدىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلىشىشى
  7- باب خىلاپلىق جاۋابكارلىقى
  8- باب باشقا بەلگىلىمىلەر
   خاس پرىنسىپ
   9- باب سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى 
  10- باب توك، سۇ، گاز ۋە پار بېرىش- ئىشلىتىش توختامى
  11- باب ھەدىيە توختامى
  12- باب قەرز پۇل ئېلىش توختامى
  13- باب ئىجارە توختامى
  14- باب مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە توختامى
  15- باب كاسىنا ئىش توختامى
  16- باب قۇرۇلۇش توختامى
  17- باب ترانسىپورت توختامى
  18- باب تېخنىكا توختامى
  19- باب ساقلاش توختامى
  20- باب ئامباردا ساقلاش توختامى
  21- باب ھاۋالە توختامى
  22- باب بېدىكلىك توختامى
  
  ئومۇمىي پرىنسىپ
  1- باب ئومۇمىي بەلگىلىمە
  1- ماددا بۇ قانۇن توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
  2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان توختام باراۋەر سۇبيېكتىپ بولغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ.
  نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىر كېلىشىمىگە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
  3- ماددا توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇندىكى ئورنى باراۋەر بولىدۇ، بىر تەرەپنىڭ ئۆز ئىرادىسنى يەنە بىر تەرەپكە تېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  4- ماددا ئالاقىدارلار ئىختىيارلىق بىلەن توختام تۈزۈش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  5- ماددا ئالاقىدار ھەر تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىشى كېرەك.
  6- ماددا ئالاقىدار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
  7- ماددا ئالاقىدار توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
  8- ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئالاقىدارلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، توختامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى بىكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
  قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.