توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

توخۇ سوقۇشتۇرۇش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمدىن تا ھازىرغىچە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، مەنىۋى تۇرمۇشنى جانلاندۇرىدىغان، قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئادەتتە يېزىلاردىكى بازار كۈنلىرى، ھېيت - بايراملاردا مەھەللىلەردىكى كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سوقۇشتۇرۇلىدىغان توخۇلار تاللىنىدۇ. ھەتتا، بەزى توخۇ سوقۇشتۇرۇش ھەۋەسكارلىرى ۋىلايەت ئاتلاپ توخۇ تاللايدۇ. شىنجاڭدا تۇرپان توخۇسىنىڭ بويى ئېگىز، سوقۇشۇشقا ئامرا ق بولغاچقا، قەشقەر خوتەنلەردىن ئاتايىن تۇرپانغا كېلىپ توخۇ ئېلىپ كېتىدۇ. توخۇ سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە، شىمالىي شىنجاڭدا ئىلى ۋىلايەتلىرىدە كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. توخۇلار ئادەتتە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق ۋاقىت سوقۇشىدۇ. بىر - بىرىنى چوقۇپ تاجىلىرىنى قانغا بوياپ، پەيلىرىنى يۇلۇۋېتىدۇ. مۇشۇنداق بىر - بىرىنى چوقۇپ، بارماقلىرى بىلەن قامىشىپ سوقۇشۇش جەريانىدا قاچقىنى، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىم تۇرۇۋالغىنى يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ. توخۇ، قوشقار، كەكلىكلەرگە ئوخشاش مەرد سوقۇشمايدۇ. توخۇ سوقۇشتۇرۇش سورۇنىدا تاماشىنىنلارمۇ كۆپ بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]