توشقان قوغلاش ئويۇنى(ئۇيغۇر ئويۇنلىرى)

ئورنى Wikipedia

توشقان قوغلاش - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى بولۇپ، ھەر يىلى قىشنىڭ تۇنجى قار ياغقان كۈنىلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى، تۇنجى قار ياغقان كۈنى دالىدىكى توشقان كۆپىنچە يېزىلاردىكى خۇسۇسىي ئاتلىرى بار دېھقانلار قاتنىشىدۇ. ئۇلار توشقان ئوۋلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوۋ ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. توشقاننى قوغلاپ يېتىپ، چوماق، قامچا، بىلەن توشقاننى ئۇرۇپ يېقىتىدۇ. بەزى ئوۋ ماھىرلىرى تىرىكمۇ تۇتۇۋالىدۇ. بۇ ئويۇندا چوماق ئېتىش ئارقىلىق ھەممەيلەننى يېڭىۋالىدۇ. توشقان ئالغۇچى مەغرۇر قىياپەتتە ئالغان توشقىنىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىدۇ. بۇ خىل ئوۋ ئوۋلاش ساپ ئوۋ ئوۋلاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى مەنىۋى تۇرمۇشنى جانلاندۇرىدىغان ئويۇن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق توشقان قوغلاش ئادەتتىكى ئوۋ ئوۋلاشقا ئوخشىمايدۇ. بۇرۇن يېزىلاردا بۇ ئويۇن ھەر يىلى تۇنجى ياغقان قاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلماي قالمايتتى. بۇ ئويۇن يېقىنقى يىللاردىن بىرى يەنە ئەسلىگە كېلىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى جانلاندى. توپلىشىپ توشقان قوغلاش رىقابەتچىلىكى كۈچلۈك ئويۇن بولغاچقا، ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدۇ. شۇڭا، توشقان قوغلىسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ ئويۇن تەشكىللىك ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئىلمىيلەشكەن قائىدىگە چۈشۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسا، بۇ بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرى خەزىنىمىزگە قوشۇلغان بايلىق بولۇپ قالاتتى.[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]