توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمى

ئورنى Wikipedia

توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمى بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرىقتە ئەرەبلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن قەدىمىي ئىلىمدۇر. ئەينى زامان كىشىلىرى ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مۇكەممەلپەرەس تىپ، ساخاۋەتخۇمار تىپ، نىشانپەرەس تىپ، پاجىئەلىك رومانتىك تىپ، كۆزەتكۈچى تىپ، گۇمانخور تىپ، راھەتپەرەس تىپ، غوجا ئاكا تىپ، تىنىچلىقپەرۋەر تىپدىن ئىبارەت توققۇز تىپقا ئايرىغان. ئۇلار يەنە بۇ توققۇز تىپنى توققۇز بۇلۇڭلۇق گرافىك ئارقىلىق تۇتاشتۇرغان ھەمدە چەمبەر ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش قولاي بولغان توققۇز تىپ گرافىكىنى ھاسىل قىلغان. توققۇز تىپ خاراكتېر ئىلمىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ پىنھان قىسىملىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، ھەقىقي ئۆزلۈكى، تۈپكى ئارزۇلىرى، يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى قېزىپ چىقىرىشتا، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى تونۇش، ئىجتىمائىي ئالاقە، كارخانە باشقۇرۇش، لايىق تاللاش، تۇرمۇش، نىكاھ، پەرزەنت تەربىيلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

مەنبە[تەھرىرلەش]

مەركىزى تىلۋىىزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرچە قانىلى https://web.archive.org/web/20180412164524/http://www.uyntv.com/lm/gongkaike/pishilogiya/ {{|url=https://web.archive.org/web/20180412164524/http://www.uyntv.com/lm/gongkaike/pishilogiya/ |date=2018-04-12 }}