توققۇز قاتار ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

توققۇز قاتار ئويۇنى - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ كىشىلەرنىڭ پىكىر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زېھنىنى ئېچىش جەھەتتە ياردىمى زور بولغان كۈچلۈك رىقابەتچىلىككە ئىگە قىزىقارلىق ئويۇن ھېسابلىنىدۇ. توققۇز قاتارنىڭ مەيدان شەكلى ئەپلىك سۇپىلارغا ياكى تەكشى يەر يۈزىگە بور بىلەن كۋادرات شەكلىدە سىزىلىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ھەجىمدە بولغان ئاق - قارا تاشلارنى تاللاپ ئېلىپ <ئۇرۇق> قىلىشقا بولىدۇ. ئوينىغۇچى ئىككى تەرەپ توققۇز دانىدىن ئۇرۇق تەييارلايدۇ. ئويناش ئۇسسۇلى: توققۇز قاتار مۇسابىقىسىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئىككى تەرەپ قاتارغا بالدۇر ئۇرۇق بېسىش نۆۋىتى تالىشىدۇ. ئاندىن ئۇرۇقنى نۆۋەت بىلەن بىر - بىردىن قاتار ئىچىدىكى بۇرجەكلەرگە، كېسىشكەن نۇقتىلارغا باسىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇرۇق بېسىش نۆۋىتى ئالغان كىشى بىر ئۇرۇقنى قاتار ئىچىگە باسسا، ئارقىدىن ئىككىنچى كىشى بىر ئۇرۇقنى باسىدۇ. قالغان ئۇرۇقلىرىنىمۇ شۇ تەرىقىدە ئىككى تەرەپ جەمئىي 18 دانە ئۇرۇقنى بېسىپ تۈگىتىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچىلەردىن بىرى نۆۋەت بىلەن ئۇرۇق يۆتكەپ مېڭىپ ئۇرۇقىدىن ئۈچنى بالدۇر بىر قاتار قلىۋالسا، قارشى تەرەپنىڭ بىر ئۇرۇقىنى يەيدۇ. قايسى بىرى بولسۇن، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىنى بۇرۇن يەپ تۈگەتسە ياكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىنى قاماپ، يۈرۈش يولىنى قويمىسا شۇ يەڭگەن بولىدۇ. قاتار ئويۇنىنى كۆپىنچە ياشانغانلار ياخشى كۆرۈپ ئوينايدۇ. بۇ خىل ئويۇن ھېچقانداق بىر مەيدان، سايمان تەلەپ قىلمايدىغان بولغاچقا، مەكتەپلەردە، دەم ئېلىش سورۇنلىرىدا تەشكىللىك ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]