توك بانكىسى

ئورنى Wikipedia

توك بانكىسى (ئېنگلىزچە: Power bank، پاۋېر بانك؛ ئاددىيلاشتۇرلغان خەنچە: 充电宝، چوڭدىيەنباۋ) شۇنداقلا توكدان ھەم دېيىلىدىغان، بىر خىل ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي، كۆچمە توك مەنبەسىدۇر. يانفون ياكى باشقا ئۈسكىنلەرنىڭ توكى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت يېتىدىغانلىغى ئۈچۈن، ۋاقتىدا توك قاچىلاش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان توك مەنبەسى ئىجاد قىلىنغان. زەرەتلىگۈچ ئارقىلىق توك بانكىسى/توكداندىن يانفون، خاتىرە كومپىيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە زەرەتلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. توك بانكىسى كۆپىنچە ھالدا تىك تۆتبۇلۇپ ياكى يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ.

ئاستروم توك بانكسىى
توك بانكىسىدىن يانفونغا توك قاچىلاش


شياۋمى 2 توك بانكىسى
توك بانكىسى