توك مەنبەسى

ئورنى Wikipedia

توك مەنبەسى : باشقا شەكىلدىكى ئېنىرگىيەنى ئىلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلما توك مەنبەسى دىيىلىدۇ . گىنىراتور مىخانىك ئىنىرگىيەنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ،باتارىيە خىمىيەلىك ئىنىرگىيەنى ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ . گىنىراتور، قۇرغاق باتارىيە قاتارلىقلار توك مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ .ئۆزگۈرىشچان توك تىرانسىفورماتور ۋە توك رەتلەش توك يولىدىن ئۆتكەندىن كىيىن توراقلىق توككا ئايلىنىدۇ ، بۇخىل قۇرۇلما تۇراقلىق ئىلىكتىر مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ .

ئىلىكتىرون ئۈسكۈنىلىرىنى سىگىنال بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇرۇلما سىگىنال مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ . كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپا ئالدىنقى بوغۇمدىن كەلگەن سىگىنالنى كۈچەيتىپ ، كۈچەيتىلگەن سىگىنالنى كىيىنكى بوغۇم توك يولىغا ئەۋەتىدۇ . كىرىستال ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىنى كىيىنكى توك يولىغا نىسبەتەن بىر سىگىنال مەنبەسى دەپ قاراشقا بولىدۇ . تۇراقلىق توك مەنبەسى ، سىگىنال مەنبەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توك مەنبەسى دىيىلىدۇ .