توك چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ چاقپەلەك

ئورنى Wikipedia


ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

نامى :يوتلاندىيە چاقپەلىكى

توك چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ چاقپەلەك ھەققىدە[تەھرىرلەش]

دانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يوتلاندىيە دېڭىزىنىڭ بويىدىكى ئېگىزلىكتە كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان قۇرۇلۇشنى بىر قانچە كىلومېتىر نېرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، يېقىن بېرىپ قارىسىڭىز، ئۇنىڭ بىر زور چاقپەلەك ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى خۇددى ئۈچ قاناتلىق پروپىللېرغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يوغان موتۇرنىڭ ئاسما بۆلۈمى مۇنار تۈۋرۈكىنىڭ ئۈستىگ ئورنىتىلغان. بۇ دۇنيا بويىچە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ زور چاقپەلەك بولۇپ، يوتلاندىيە چاقپەلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ چاقپەلەكنى ياساش ئۈچۈن ئۈچ يىل ۋاقىت كەتكەن. بۇ چاقپەلەك 1978-يىلى باش يازدا پىقىراشقا باشلىغاندىن بېرى ياخشى ئىشلەپ توك چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. يوتلاندىيە چاقپەلىكىنىڭ نۇرمىلىق قۇۋۋىتى 2000 كىلوۋات، بىر يىلدا چىقىرىدىغان توكى تۆت مىليون كىلوۋات سائەت، پۈتۈن چاقپەلەك مۇنار تۈۋرۈكى، ئاسما بۆلۈم، پالاق ۋە توك چىقىرىش ئۈسكۈنىسىدىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ ئۈچ پالىقى پۈتۈنلەي ھالقىسىمان ئوكسىگىنلىق دىۋىرقاي بىلەن چاقلاشتۇرۇلغان ئەينەك تالاسى(ياكى ئەينەك پولات) دىن ياسالغان. پالاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 27.1 مېتىر، ئەڭ زور كەڭلىكى 2.13 مېتىر بولۇپ، ھەر بىر پالاقنىڭ ئېغىلىقى بەش توننا كېلىدۇ. پالاقنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا مىنۇتىغا 40 قېتىمغا يېتىدۇ. ئۇچۇرتۇش دائىرىسىنىڭ دىئامېتىرى 54.3 مېتىر كېلىدۇ. ھەر بىر پالاقنىڭ ئۇچىغا دىئامېتىرى 1.52 مېتىر كېلىدىغان كىچىك پاراشوت ئورنىتىلغان بولۇپ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە ياكى ئايلىنىش تېزلىكى ئادەتتىكىدىن ئېشىپ كەتكەندە، پاراشوت ئاپتۇماتىك ھالدا قاپقاقتىن ئاجرىلىپ ئېچىلىدۇ-دە، پالاقنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى كېمەيتىلىدۇ. 2000 كىلوۋاتلىق بۇ چاقپەلەكنىڭ 3300 ۋولتىلىق ئۈچ فازىلىق ئۆزگىرىشچان توك گىنىراتورىنى شىۋېتسىيىنىڭ قەغەز زاۋۇدى يەتكۈزۈپ بەرگەن. پۈتۈن چاقپەلەكنى لايىھىلەش، مەبلەغ سېلىش ۋە قۇراشتۇرۇش ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىشتىن تاشقىرى ھەۋەسكارلار-تىۋىند شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار ياسىغان.

كېلىپ چىقىشى[تەھرىرلەش]

ئۇلار نىمە ئۈچۈن بۇنىڭغا مۇنچىۋالا قىزىقىدۇ. دانىيىنىڭ شامال كۈچىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ھاسىل قىلغۇدەك يېرى يوق. دۇنيا بويىچە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ دانىيە ھۆكۈمىتى 5-6 مىليارد كىرونا(تەخمىنەن بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ) سەرپ قىلىپ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرماقچى بولغاندا خەلق ئاممىسى قارشى چىقىپ، مۇھىتنىڭ تازىلىقىنى ساقلايدىغان ئىشەنچىلىك ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلغان. دانىيىدىكى يوتلاندىيە يېرىم ئارال بولۇپ، شىمالىي دېڭىزغا بېقىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ھەركۈنى دېگۈدەك دېڭىز شامىلى چىقىدۇ. شۇڭا بۇ جاي كۆڭۈلدىكىدەك شامال كۈچى ئېنىرگىيە مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىشقا تازا باب كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە يوتلاندىيە چاقپېلىكى دۇنياغا كەلگەن. يوتلاندىيە چاقپېلىكى قۇرۇلغانلىقتىن، دانىيە ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە مەنبەسى پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولغان. ھۆكۈمەت يەنە بىر ئېنىرگىيە مەنبەسى سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە 66 مىليون كرونا(تەخمىنەن 11 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ) ئاجرىتىدىغانلىقىنى 1978-يىلى قىشتا جاكارلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا يېقىندا كۆك تاغ تىزمىسىدا توك چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چاقپەلەك قۇردى. ئۇنىڭ توك چىقىرىش قۇۋۋىتىمۇ 2000 كىلوۋاتقا يېتىدۇ. (دەي شۇۋېن)

ئىزدە قامۇسى