تويلىشىش ئادەتلىرى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇرلار توي ئىشىنى <ئۆمۈر سودىسى> دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا توي ئىشى، توي مۇراسىمى، بولۇپمۇ، لايىق تاللاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە فېئوداللىق ھۆددىگەرلىك ئاساسىدىكى نىكاھ تۈزۈمى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەچكە، تويلىشىشتىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بەزى فېئوداللىق ئەخلاقىي قاراشلار شەكىللەنگەن. <قىرغاق كۆرۈپ بوز ئايال، ئانا كۆرۈپ قىز ئال> دېگەن ماقالىدە ئەنە شۇنداق فېئوداللىق ئەخلاقى قاراش ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلاردا تويلىشىش جەريانى تۆۋەندىكىچە باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ:

'

  • }}{{== بىرىنچى، لايىق تاللاش ==

لايىق تاللاشتا ئادەتتە مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللىنىدۇ:

1) ئاتا - ئانا بىلەن ئەل - مەھەللە، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئىچىدىن، ئاندىن قالسا يات يېزا - قىشلاقلاردىن ئۆز پەرزەنتى (ئوغلى) ئۈچۈن لايىق كۆزىتىدۇ. ئاتا - ئانىنىڭ پىكرى بىر يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقىلار ئارقىلىق ئوغلىغا بېشارەت بېرىلىدۇ ياكى ئوغلىنىڭ رايى ئاڭلىنىدۇ. ئوغۇلدا باشقا ئىنكاس بولمىسا ئاتا - ئانا كۆزىتىپ تاللىغان لايىق نىشانلىنىدۇ. ئەگەر ئوغلىنىڭ ياقتۇرۇپ سۆزلىشىپ يۈرگەن لايىقى بولغان تەقدىردە بۇ لايىق ئاتا - ئانىغىمۇ مۇناسىپ كۆرۈلسە، ئاخىرقى ھېسابتا شۇ لايىق نىشانلىنىدۇ. ئادەتتە ئاتا - ئانىنىڭ پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئوغۇل بىلەن قىز بىر - بىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا ئۆز ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ سىمۋولى قىلىپ ئۆزئارا خاتىرە قالدۇرۇشىدۇ. ئوغۇللار ئادەتتە كۈمۈش ئۈزۈك (ھاللىق ئائىلىدىكىلەر ئالتۇن ئۈزۈك)، بويۇنتۇمار، قىزلار ئۆزى گۈل چېكىپ ئىشلىگەن قول ياغلىق تەقدىم قىلىدۇ.

(2) بەزى ئائىلىلەر مەلۇم بىرىنىڭ ئوغلىنى (قىزىنى) كىچىكىدىن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولسا، ھەرخىل سورۇن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ <بالا قىلىۋالىمەن>، <ئوبدان بالا بولدى> دېگەندەك سۆز - ئىبارىلەر بىلەن ئوغۇلغا (قىزغا) جۈملىدىن ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا - ئانىسىغا بېشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئوغۇل (قىز) دا، ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا - ئانىسىدا بۇ بېشارەتكە مۇناسىپ بىرەر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل (قىز)دا، ئوغۇل (قىز) نىڭ ئاتا - ئانىسىغا بۇ بېشارەتكە مۇناسىپ بىرەر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل (قىز) تەرەپ تۇغقان، يارۇ - بۇرادەرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىستەكلىرىنى بىلدۈرىشىدۇ. ئىككى تەرەپ رەسمىي مۇناسىپ كۆرۈشسە، ئاندىن قۇدىلىشىش تەدبىرلىرىنى كۆرىدۇ.

(3) بەزى ئائىلىلەر، بولۇپمۇ كۆپ قىزلىق ئائىلىلەر ئۆزلىرى بىۋاستە ياۋاش، تىرىشچان ئاتىسىز ياكى ئانىسىز ياكى قارا يىتىم بالىلارنى تاللاپ قىزلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭغا چېتىپ قويىدۇ. ئۇ شۇ ئۆينىڭ ئوغلى ھېسابىدا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە <ئوغۇلچىلاپ ئەكىرىش (كىرىش)> دەپ ئاتىلىدۇ.

(4) مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق تاللاش: ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ياش ئوغۇل - قىزلارغا، جۈملىدىن ئوتتۇرا ياشلىق يويتاق ياكى سويتاق (تۇل ئايال) لارغا لايىق تونۇشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغان ئاياللار بولۇپ كەلگەن. بۇنداق ئايال <دەللال> دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئۆز ئوغلى، )قىز(لىرى ئۈچۈن جۈملىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بويتاق - سويتاقلار ئۆزلىرى ئۈچۈن شۇنداق ئاياللار ئارقىلىق لايىق تاللايدۇ، بۇنداق ئاياللار ھازىرقى <لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى>نىڭ رولىنى ئويناپ كەلگەن.

(5) لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا لايىق تاللاشتا مۇنداق ئالاھىدە ئۇسۇلمۇ قوللىنىپ كېلىنگەن:

ئوغۇل بىلەن قىزنى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆزىتىش: بالىلار بىللە ئويناپ، كېلىپ - كېتىپ يۈرگەن چاغلىرىدىن باشلاپ، ئاتا - ئانىلار ئۇلارنى سۆز ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقى، تۈرگۈن، جۇشقۇنلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆزىتىپ، شۇلاردىن بىرەرىنى نىشانلايدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئانىسى شۇ نىشانلىغان قىزنىڭ كېلىپ - كېتىپ ئويناپ يۈرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قىزغا تۇيدۇرماي ئۇنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى قىيىپ قويىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئانىسى ئوغۇلنىڭ بېشىغا ياكى مۈرىسىگە بىر كالتە ئاق يىپنى يىپىشتۈرۈپ قويىدۇ. بالىلار ئۆيلىرىگە قايتقاندا بۇنى كۆرگەن ئاتا - ئانا ھە قىزىمىزغا(ئوغلىمىزغا) لايىق چىقىپتۇ دەپ (ئۇچۇر)ئەلچى كۈتىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئەلچى ئەۋەتىش تەرەددۇتىدا بولىدۇ. ئەلچى بېرىشتا توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخان قىلىپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرمىسە، قىز تەرەپ ئايرىم توققۇز دانە بېلىق بېشىنى پىشۇرۇپ داستىخاننى ياندۇرىدۇ.

بۇرۇنقى چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا قىيامەتلىك ئىككى دوست ئاياللىرى ھامىلدار چاغدىلا كەلگۈسىدە پەرزەنتلىرىنى چېتىپ قويۇشنى ۋەدىلىشىدىغان ئادەتمۇ بولغان. ئەگەر ئاياللىرى ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بىرى ئوغۇل، بىرى قىز تۇغقان بولسا، ئۇلار ساغلام چوڭ بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن ھامان ئۇلارنى چېتىپ قوياتتى.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، لايىق تاللاشتا مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنىلمىسۇن، ئاتا - ئانىنىڭ ئىرادىسى ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن. بۇ فېئوداللىق ئەخلاقى قاراش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇرۇن يەنە مۇنداق ئادەت - خاھىشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن: ①بالاغەتكە يېتىپ قالغان قىزلار ئۆزى يالغۇز يىراق - يېقىنلارغا بېرىشتىن، بولۇپمۇ يىگىتلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن، يىگىتلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىناتتى. بۇ قىزلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق دەپ قارىلاتتى. ②لايىقنى ئاتا - ئانا تاللاپ بېكىتكەچكە، تويلىشىدىغان ئوغۇل - قىز ئوتتۇرىسىدا ئۇچرىشىش بولمايتتى. بولۇپمۇ باشقا مەھەللە، يېزىلاردىن تويلاشقۇچىلار تا توي بولۇپ قىز كۆچۈرۈپ كېلىنىپ كەچكى يۈز ئاچقۇسى بولغاندا ئاندىن يۈز كۆرۈشەتتى. ③ياش ئوغۇل - قىزلاردا ئۆزئار مۇھەببەتلىشىش خاھىشلىرى بولسىمۇ، ئەمما ناھايىتى خۇپىيانە بولاتتى. ئەگەر سېزىلىپ قالسا، ئۇلار بولۇپمۇ قىزلار داپشاق، ئەخلاقسىز دەپ قارىلاتتى. ④ئۆز ئارا مۇھەببەت باغلىشىپ تويلىشىشقا ۋەدىلەشكەن ياش ئوغۇل - قىزلار ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە باشقىلارغا ياتلىق بولۇش (ئۆيلىنىش) كە مەجبۇر بولغان تەقدىردە، كېيىن ھەر باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ، ئاخىر ئىككىسى تويلىشىپ بىرگە ئۆتىدىغان ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنماي بىر - ئىككى كۈن بىللە قېچىپ كېتىپ ئاتا - ئانىسىنى ئۆزلىرىنىڭ تويلىشىشىغا مەجبۇر قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. تۆۋەندىكى خەلق قوشاقلىرىدىن ياشلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە بولغان تەشنالىقىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس:

ئېتىم ئويناپ سۇندۇردى، قۇشباش ئېگەرىمنى،

ئاتام ماڭا ئېپ بەرمەيدۇ، سۆيگەن يارىمنى.

× × × ×

ئاققىنا كۆڭلەك كىيىپسىز، ئاق تىكەنلەر ئىلمىسۇن،

ئاق تىكەنلەر ئىلسا ئىلسۇن، ۋەدە يالغان بولمىسۇ.

× × × ×

سەن قاياقتىن كېلىسەن، چىرايلىقىم كۆزى خۇمار،

ساڭا تىلىم تەگمىسۇن، بوينۇڭغا ئاسقىن تىلتۇمار.

ئىككىنچى، ئادەم (ئەلچى) قويۇش[تەھرىرلەش]

لايىق مۇقىملانغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى قويىدۇ. ئەلچى ئادەتتە ئىككى - ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. قىز تەرەپ بارغان ئەلچىلەرنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، داستىخان سېلىپ چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان ئۈستىدە ئەلچىلەر <ئەلچىگە ئۆلۈم يوق> دەپ سۆز باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگەن مۇددىئاسىنى ئىزھار قىلىدۇ. ئوغۇل تەرەپ مۇناسىپ كۆرسە <ھەر قايسىلىرىدىن قىزىمىزنى ئايىمايمىز>؛ مۇناسىپ كۆرمىسە<قىزىمىزنى تېخى كىچىك> ياكى <قىزىمىزنىڭ بېشى باغلاقلىق> ياكى <باشقىلارنىڭ داستىخىنىنى ئېلىپ قويغان> دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئۈچىنچى، داستىخان تاشلاش[تەھرىرلەش]

بۇ <كىچىك چاي> ياكى <رەھمەت چېيى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئوغۇل تەرەپ ئۆز ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ يۇرت ئىچىدە ئېقىۋاتقان رەسمىيەتلەر بويىچە ئىككى - ئۈچ كىيىملىك رەخت، مەلۇم ساندا نان، قەنت - گېزەك، بىر تاختا چاي قاتارلىق نەرسىلەرنى ھازىرلاپ ئوغۇلنىڭ ئانىسى ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلىرىدىن تۆت - بەش ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا قىز تەرەپكە بارىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئانىسى رەسمىي يۈز كۆرۈشىدۇ. قىز تەرەپ كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن ئەكەلگەن سوۋغاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تويلۇق توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى سوراپ خوشلىشىپ قايتىدۇ.

تۆتىنچى، تويلۇق مەسلىھەت[تەھرىرلەش]

<تويلۇق> توي سۆزىدىن كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا تويلۇق، خاس تويلۇق قويۇمچا، ئاش سۈيىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس تويلۇق مەخسۇس قىزغا ئاتالغان بىر يۈرۈش ئۈستىباش، ئىككى - ئۈچ كىيىملىك ئەن رەخت ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى؛ قويۇمچا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى، بىۋاستە تۇغقان ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا قويۇلىدىغان مېھمان (ئاساسەن كىيىملىك رەخت)؛ ئاش سۈيى مەرىكە كۈنى مېھمان ئۇزىتىشقا كېرەكلىك گۆش - ياغ، ئۇن ياكى گۈرۈچ، سەۋزە، چاي - تۇز، قەنت - گېزەك، ئوتۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە يۇقىرىقى ئۈچ تۈر بويىچە تىزىملىك بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ۋەكىلى قىز تەرەپ ئۆيىگە جەم بولۇپ، تىزىملىكتىكى تەلەپ بىلەن ئوغۇل تەرەپنىڭ ھازىرلىقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىدۇ. قىز تەرەپ ئالدى بىلەن ۋەكىللەرنى چىرايلىق كۈتىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن رەسمىي مەسلىھەت باشلىنىدۇ. مەسلىھەت ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك بىر قارارغا كېلىشىپ تارقىشىدۇ. مەسلىھەت جەريانىدا قىز تەرەپ دادىسى سۆز ئاچماي ئولتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك مۇشۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ قويۇمچا ۋە ياندۇرۇق قويۇمچا قويۇلىدىغانلارنىڭ دائىرىسى، ئادەم سانى ئۈستىدىمۇ مەسلىھەت بولىدۇ. مەسلىھەت ئارقىلىق بەزى ئائىلىلەر ئىككى تەرەپ ئاتا - ئانىسىدىن باشقىلارغا قويۇمچا قويماسلىقنى ياكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچىسىگىلا قويۇشنى قارار قىلىشىدۇ. بەزىلەر تويلۇق ئۈستىدە بىھۇدە تالاش - تارتىش بولۇشى بىلەن بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئاتا - ئانىسى شەخسەن ئۆزلىرى يۈز تۇرانە كېلىشىپ ھەل قىلىدۇ. چۈنكى تويلۇق ئۈستىدىكى شۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر ئارقىسىدا بولۇش ئالدىدا توي بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولاتتى.

كونا ئادەت بويىچە قىز ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دېگەندە، توققۇز قۇر، ئاز دېگەندە بەش قۇردىن يەتتە قۇرغىچە، ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ كىيىملىك، بىردىن دوپپا، ياغلىق، بىر جۈپ ئۆتۈك، زىننەت بۇيۇملىرىدىن بىر جۈپ ئالتۇن ياكى كۈمۈش ھالقا سېلىناتتى. ئەمما يۇقىرى تەبىقە باي ئائىلىلەر ئوتتۇرىسىدا يازلىق - قىشلىق بولۇپ ئون نەچچە قۇر كىيىملىك، جۈپلەپ ياغلىق، دوپپا، قاما تۇماق، ئۆتۈك قاتارلىق ئۈستىباش، بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە ئالتۇن تاج، ئالتۇن قاداقلىق دوپپا قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى سېلىناتتى. مەرىكە ئۈچۈن ئون - يىگىرمە قوي، ئىككى - ئۈچ كالا، نەچچە يۈز جىڭلاپ ئۇن، گۈرۈچ ئىشلىتەتتى.

تويلۇقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنىڭ <9> بولۇشىغا كەلسەك، <9>نىڭ قەدىمكى ئەنئەنىمىزدە <مۇقەددەس سان> دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.

بەشىنچى، تويلۇق تاپشۇرۇش[تەھرىرلەش]

تويلۇق تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئاساسەن ئىككى خىل:①تويلۇق مەسلىھەتى پىشقاندىن كېيىن تويلۇقنى بازار باھاسى بويىچە پۇلغا سۇندۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇپ تويلۇقنى قىز تەرەپ ئۆز خاھىشىچە ئېلىش. ②ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تويلۇق ھازىرلاپ چوڭ چاي كۈنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا قويۇش. ئادەتتە ئىككىنچى خىل ئۇسۇل بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ كېلىنگەن.

ئالتىنچى، چوڭ چاي[تەھرىرلەش]

بۇ باسقۇچتا، قىزغا ھازىرلانغان تويلۇق تاپشۇرۇلىدۇ ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىسى قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان قويۇمچىلار قويۇلىدۇ. مەرىكە كۈنى رەسمىي بېكىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ <چوڭ چاي> دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى رەسمىي بېكىتىلىدۇ. شۇڭا بۇ <چوڭ چاي> دەپ ئاتالغان. بۇ كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلىرىمۇ ھازىر بولىدۇ. ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلىرى بولۇپ 10 - 15 كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھازىرلىغان تويلۇق، قويۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا ھازىرلىغان تويلۇق، قويۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا گۆش، ماي، گۈرۈچ، سەۋزە، تۇز، قەنت - گېزەك، بىرەر تاختا چاي قوشۇپ قىز تەرەپكە داستىخان قىلىپ كېلىدۇ. قىز تەرەپ مېھمانلارنى چىرايلىق مېھمان قىلىدۇ. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپ ۋەكىلى (ئايال) ئەكەلگەن داستىخاننى مېھمانلار ئالدىدا ئېچى، ئۆز تەرتىپى بويىچە بىر - بىرلەپ ئېلان قىلىدۇ. بۇ رەسمىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ۋەكىلى (ئەرلەر) توينىڭ ئاش سۈيى ۋە كەم نەرسىلەر ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ بىر قارارغا كېلىپ، ئاش ـ سۇ ئەكىلىدىغان ۋاقىت بىلەن مەرىكە كۈنىنى بەلگىلەپ خوشلىشىپ قايتىدۇ.

لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدا بېلىق، بېلىق تۇتۇش قوراللىرى، چېگە - تۇرقا، تۈلكە قاتارلىق نەرسىلەرنى تويلۇق سېلىش ئادىتى بولغان، بۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان دەريا، كۆل ۋە ئاراللاردا سىرت بىلەن ئالاقىسىز دېگۈدەك ھالەتتە ياشاپ كەلگەنلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك . روشەنكى، بۇ ئادەتلەر ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى ئىپتىدائىي ئادەتلىرىنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ سىنپىي جەمئىيەتكە قەدەم قويغان باسقۇچلىرىدىكى تويلىشىش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلاردا تويلۇق مىقدارى چوڭ باي، توي مەرىكىسىنىڭ كۆلىمى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتتە ئېقىۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا بولىدۇ. قىز تەرەپ ئارتۇقچە تەلەپ قويسا، جامائەتچىلىكنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلار ئىلاجى بار تەڭ ئورۇندىكىلەر بىلەن تويلىشىدۇ.