توپۇق ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

توپۇق ئويۇنى - شەرتى مېغىز، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، مۇددىتى ئۇزۇن، ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممىگە تەڭ ئومۇملاشقان ئويۇن. بۇ ئويۇنمۇ دوستلۇقنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئۇنتۇلماس،، ساداقەتمەن بولۇشنى سىناش ئويۇنى بولۇپ، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ توپۇقى لازىم. توپۇق توي قوي ياكى ئۆچكىنىڭ ئارقا پۇت سېنىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇستەھكەم ئۇيۇللۇققا ئىگە. گۆش بىلەن توپۇق سۆڭىكى ئارىسىدىكى ئۇيۇللۇققا سىمۋول قىلىنغان. توپۇق ئويۇنىنىڭ ئوينىلىشى: توپۇق ئوينىغۇچى ئىككى كىشى بىر يەردە تۇرغان بولسۇن ياكى يىراق يەردە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر يەنە بىرىگە پاكىزلانغان توپۇقنى تېشىپ يىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. توپۇقنى قوبۇل قىلغان دوستى ئۇنى ئېلىپ يېنىدا ساقلايدۇ. توپۇق بەرگۈچى خالىغان مەزگىلدە تۇيۇقسىز توپۇقنى سورايدۇ. توپۇق ئالغۇچى دەرھال چىقىرپ بېرىشى لازىم. شۇندىلا ئۇ ئۇتقان بولىدۇ شۇ چاغدا، تۇپۇق بەرگۈچى قوي، كالا، ھەتتا تۆگە سويۇپ چاي (مەشرەپ) بېرىپ دوستىنىڭ ساداقىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. مۇبادا دېگەن ۋاقتىدا توپۇقنى چىقىرىپ بېرەلمىسە، توپۇق ئالغۇچى ئۇتتۇرغان بولۇپ ئۇتقۇچى تەرەپكە مەشرەپ - چاي بېرىدۇ. توپۇق ئويۇنى ئۆز ئارا دوستلۇق ۋە ساداقەتمەنلىكنى سىنايدىغان، ھوشيارلىقنى ئاشۇرىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى» دىن[1]


      قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چوپان يېزىسى ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى يىراق ، جۇغراپىيىلىك مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇپ ، قەدىمدىن تارتىپ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى كەم بولغان قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسى ئارىسىدىكى تاغلىق يېزا . بۇ يېزىدىكىلەر توپۇق ( ھايۋاننىڭ تىزىدىكى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك سۆڭەك ، ئۇچى پەسكە قاراپ تۇرىدۇ ) ئويۇنى ( توپاق ) ئويناشنى بۇرۇندىن تارتىپ ئادەت قىلغان .

     توپۇق ئوينىغۇچى مەشرەپ ، توي – تۆكۈنلەردە توپۇقنى جامائەت ئالدىدا كۆڭلى يېقىن ، مەرت ، مەردانە ، بېجىرىم دوست – يارەنلەرگە ئىككى قوللاپ : ‹‹ سىلىگە بىر توپىقىم بار ئىدى ››دەپ ئەدەپ بىلەن تۇتىدۇ . تۇپۇق ئويۇنىنى ئالغۇچى ئىككى قوللاپ : ‹‹ھەشقاللا ، رەھمەت›› دەپ ئالىدۇ . بۇ ئويۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بولۇپ ، توپۇق ئالغۇچىنى توپۇق بەرگۈچى پايلاپ تۇرىدۇ . ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا ئىككى ئۈچ يىلغا سۈرۈلىدۇ . توپۇق ئالغۇچى توپۇقنى كېچە – كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايدۇ . ئەگەر يېنىدىن ئايرىسا ، توپۇق بەرگۈچى : ‹‹توپۇقنى بەر››دەپ تۇتىدۇ . توپۇق ئالغۇچى ئۇتتۇرىۋەتسە جامائەتكە مەشرەپ بېرىپ ، توپۇق بەرگۈچى قارشى تەرەپتە توپۇق يوق دەپ جەزىم قىلغاندا ئاندىن قايتۇرۇشنى ئېيتىدۇ . شۇ ۋاقىتىدا توپۇق ئالغۇچىدا توپۇق چىقىپ قالسا توپۇق بەرگۈچى ئەل جامائەتكە مەشرەپ بېرىپ ، شۇ كىشىنى رازى بولغۇدەك توپاقتىن بىرنى ئېلىپ ئەل – جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ ، توپۇقنى بېرىدۇ . بۇ ئويۇن شۇ كىشىنىڭ مەرد – مەردانە ، ئادىمىيلىكىنى سىنايدىغان ئويۇن .[2]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
  2. مۇھەررىر : قەيـسەر؛ مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 02- 26 15:21؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-02/26/content_160161.htm