تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىن ئۇيغۇرلارغا نەزەر

ئورنى Wikipedia

تارىم ئوغلى

ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان «مىللىي داۋا» قانداق ھەرىكەت؟ ئەگەر «مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى» نىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاپ، قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىيالمىدى؟ مەن مەزكۇر ماقالىدە تىبەتلىكلەر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئامىللارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ئۈمىدىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە يەنە نېمىلەرنىڭ كەملىكىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ياردەم قىلىش. ھېچ قانداق ئىش مۇتلەق بولمايدۇ. بىر ئادەم مەلۇم بىر تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا يەكۈن چىقارغاندا ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىشلىتىلگەن تىل بىر خىل مۇتلەق ئەھۋال ئۈستىدە يەكۈن چىقىرىشقا ئوخشاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەمەلىيەتتە تەتقىقاتچىنىڭ دېگەنلىرى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئومۇمىي ئەھۋالغا، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ كۆزىتىشى دائىرىسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالغا قارىتىلغان بولىدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقارماسلىقنى سورايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇم شەكىلدىكى ياكى مەلۇم مەنىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى. 1930-يىللىرىدىن باشلىغاندىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئەسىر بولاي دەپ قالدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ھازىرغىچە تېخى غەلىبە قازىنالمىدى. شۇڭلاشقا ئالدىنقى ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەكۈنلەر ئۇيغۇرلارغا ماس كەلمەسلىكى، بولۇپمۇ تولۇق ماس كەلمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسى بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىسىدىمۇ زور پەرق بار. ئۇنىڭ بەزىلىرى مەزكۇر ماقالىدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر يازمىغا ئوخشاش ماقالىلەرنى ئوقۇغاندا ئۇيغۇرلار قايسى ئىشلارنى ياخشى قىلالىغانلىقى، قايسى ئىشلارنى بولسا ياخشى قىلالمىغانلىقى، يەنە قايسى ئىشلارنى بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ خاتا قىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى سورايمەن. ھەممە ئادەم تەنقىد قىلالايدۇ، ئەمما تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئاساستا ئىلمىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىللەتنى ئىجابىي نەرسىلەر بىلەن ئۈمىدلەندۈرۈش، ۋە ئىجابىي ئۇسۇلدا توغرا يېتەكلەش تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇنى بەك تەنقىد قىلغۇڭىز كېلىپ كەتسە، تەنقىد يېزىشتىن بۇرۇن مەزكۇر ماقالىنىڭ مەنبەسىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئاڭلاپ چىقىشىڭىزنى، ھەمدە ئاشۇ مەنبەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن زىيالىينىڭ تەرجىمىھالىنى بىر ئاز بىلىپ چىقىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.

ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن، تىبەتلىكلەر ئېرىپ بېرىۋاتقان مىللىي داۋا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئاشۇ ھەرىكەت ۋە ئاشۇ ھەرىكەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىت تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

(1) خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر قۇرغان فېئودالىزملىق ھوقۇقنى (ياكى ئادەمنى) دەرىجىگە ئايرىش سىستېمىسى (等级体制) ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھوقۇقنى دەرىجىگە ئايرىش سىستېمىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە ئالدىنقى 2000 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىچىدە ھېچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھوقۇقنى دەرىجىگە ئايرىش سىستېمىسى بىر پىرامىداغا ئوخشاش بولۇپ، پۈتۈن ھوقۇق پىرامىدىنىڭ ئەڭ چوققىسىدىكى ئادەمگە ياكى ئادەملەرگە، مەسىلەن، پادىشاھقا مەركەزلەشكەن. بۇ پىرامىدىنىڭ قالغان بالداقلىرىدا تۇرغان كىشىلەر ياكى يۇقىرىغا قارايدۇ—ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلارغا خۇشامەت قىلىدۇ، ياكى تۆۋەنگە قارايدۇ—ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرغانلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. بۇنداق سىستېمىدا ياشايدىغان كىشىلەر ھەرگىزمۇ بىر ئوخشاش ئېگىزلىكتىكى تەكشىلىكتە تۇرۇپ، ياكى بىر-بىرى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشمايدۇ. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا باراۋەر مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا مۇنداق بىر سۆز پەيدا بولدى: خىتاي ھاكىمىيىتى پۇقرالىرىنى بىر يېڭى جەمئىيەتكە باشلاپ كىردى، ئەمما ئۆزى بولسا تېخىچە بۇرۇنقى كونا جەمئىيەت ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دېمەك، پۈتۈن دۇنيا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرمۇ قەدىمدىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بىر خىل فېئودالىزملىق ھوقۇق تۈزۈمى ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئىزچىل تۈردە «56 مىللەت بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرى» دېگەن تەشۋىقات يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇ كىمنىڭ گېپى؟ خىتايلارنىڭمۇ؟ خىتايلار ئۆز ئالدىغىلا «باشقىلار بىز بىلەن بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرى» دەۋالسا ھېساب ئەمەس، بۇ ئىشتا بىز باشقىلار قانداق قارايدۇ، دېگەن نۇقتىغا ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ. بۇ مەسىلىدە خىتايلار ھازىر ئىنتايىن دۆتلۈك قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي خەلقى ئەنە شۇنداق پۈتۈن ھوقۇق پىرامىدىنىڭ چوققىسىدىكى پادىشاھقا ياكى بىر توپ ئادەمگە مەركەزلەشكەن سىستېما ئىچىدە ياشاشقا جاق تويدى. بۇنداق تۈزۈلمىنىڭ زىيىنىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تارتتى. شۇڭا ئۇلار ھازىر بىر پىرامىدا شەكلىدىكى تۈزۈلمە ئەمەس، بىر «ئاياق قېپى» شەكلىدىكى دېموكراتىك تۈزۈلمە ئىچىدە ياشاشنى تولىمۇ ئىستەيدۇ. ئوخشىمىغان رايونلار ئوتتۇرىسىدا بىر خىل فېدېراتسىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان، ھەممە ئادەم ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان تۈزۈلمە ئىچىدە ياشاشنى ئىستەيدۇ. بۇ ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر خىل ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ، بۇ يۈزلىنىشنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. بىرلەشكەن نەرسە چوقۇم يەنە ئايرىلىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھازىر بارلىق ئوخشىمايدىغان مىللەتلەر ئايرىلىپ ياشاش ئۈستىدە ئويلىنىدىغان زامان يېتىپ كەلدى.

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭدىن نەچچە ئاي ئىلگىرى خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبو يېتەكچىلىكىدىكى بىر توپ خىتاي زىيالىيلىرى تۈزۈپ چىققان «8-ئاساسىي قانۇن» (零八宪章) مۇ خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا فېدېراتسىيە تۈزۈمى (联 邦制) ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

(2) ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممىسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇ ئۇقۇم بىر ئىنتايىن ھالقىلىق ئۇقۇم. ھازىر خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا جەمئىي 6 مىليون تىبەتلىكلەر بار. ئەگەر ئۇلارنى بېلەت تاشلىغۇزسا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىل بولۇشنى ئىستەيدۇ. ئۇنداق ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى، خىتايلارنىڭ نېمە دېيىشى مۇھىم ئەمەس. خىتايلارنىڭ تىبەتلىكلەر ئۈچۈن سۆزلەش ھوقۇقى يوق. ئەگەر تىبەتلىكلەر مۇستەقىل بولىمىز، دەيدىكەن، ئۇلار مۇستەقىل بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن باشقىچە بىر يولنى تاللاپ بېرىش ھوقۇقىڭىز يوق. مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى دېگەن ئەنە شۇ. باشقا مىللەت ياكى باشقا خەلقنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ ئىرادىسىنى رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. مانا بۇ دېموكراتىيەنىڭ مەنىسىدۇر.

(3) تارىخ تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشى تەرىپىدە. تىبەتنىڭ بۇرۇنقى تارىخى مۇستەقىل ياشاش تارىخى، ياكى ماھىيەت جەھەتتىن مۇستەقىل ياشاش تارىخى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى، دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە تىبەت بۇرۇنقى خىتاي دۆلىتىگە تايانغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ماھىيەت جەھەتتىن تىبەت بىر مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. تىبەتنىڭ بۇرۇن ئۆز داھىيسى، ئۆز قانۇنى، ۋە ئۆز ئارمىيەسى بار بولغان. تىبەتنى 1950-يىللىرى خىتاي كومپارتىيەسى قوراللىق بېسىۋالغان بولۇپ، بۇ تارىخىي پاكىتنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ھازىر يالغانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ھېچ بىر كارغا كەلمەيدۇ. ھازىر خىتاي دۆلىتىنىڭ بېسىۋالغان رايونلاردىن چىقىپ كېتىش ۋاقتى كەلدى. خىتاي كومپارتىيەسى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەممە مىللەتنى قۇتقۇزۇپ قالغۇچى ئىكەنلىكىنى كۈيلەشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەت بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر نوچى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتنى قانداق بېسىۋالغانلىقىنىڭ رېكورتلىرىنى تارقىتىپ باقسۇن. ئۇ ھەرگىزمۇ «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» جەريانى ئەمەس. سەن «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلغان» خەلق ھەرگىزمۇ سېنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىڭنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.

(4) پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ خەلقى تىبەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايدۇ. سىز خىتاي دۆلىتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ سوراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن تىبەتنىڭ بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ ھازىر بىر ئادەتتىكى چۈشەنچىگە ئايلىنىپ بولغان ئىش. تىبەتنى خىتاي كومپارتىيەسى بېسىۋالغان، شۇڭلاشقا خىتاي كومپارتىيەسى تىبەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك. بۇ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت ۋە بارلىق خەلقلەرنىڭ ئورتاق كۆز-قارىشى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزىنى بويىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.

(5) ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيەت نەزەرىيەسى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ. فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر توكۋىل (托克维尔) نىڭ «ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەسى ھەققىدە» دېگەن بىر كىتابى بار بولۇپ، ئاشۇ كىتابتا ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاساسى يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇ بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئامېرىكىغا كېلىپ، ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ئاندىن يۇقىرىدىكى كىتابنى يازغان. ئاشۇ نەزەرىيە بويىچە قارىغاندا، ھازىرقى زامان دېموكراتىك جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇنداق 3 چوڭ ئالاھىدىلىكى بار: 1) شەھەر رايونلىرى (township) غا بۆلۈنۈپ، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش. 2) خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىپ، ھەر خىل تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ چىقىش. 3) دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي ئەركىنلىكى بار بولۇش. مەن كېيىنچە مۇشۇ تېمىدا بىر پارچە ئايرىم ماقالە تەييارلايدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بۇ مەسىلە ھەققىدە بۇنىڭدىن كۆپ توختالمايمەن.

(6) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا كوممۇنىست ئەللىرىنىڭ پارچىلىنىشى. سابىت سوۋېت ئىتتىپاقى ئون نەچچە دۆلەتكە پارچىلاندى. يۈگۈسلاۋىيە 7 دۆلەتكە پارچىلاندى. چېخوسلوۋاكىيە 2 دۆلەتكە پارچىلاندى. كوممۇنىستىك دۆلەتلەرنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلار چوقۇم پارچىلىنىدۇ. سەۋەبى، بۇ دۆلەتلەر بۇرۇن باشقا دۆلەتلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان. شۇڭلاشقا كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن، ھېلىقى مەجبۇرىي قوشۇلۇپ قالغان مىللەتلەر تەبىئىي ھالدا پارچىلىنىپ، بۇرۇنقى دۆلەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

بۇ يەردە بىز ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغىنى بالتىق دېڭىزى بويىدىكى 3 كىچىك دۆلەتنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. ئەينى ۋاقىتتا ئاشۇ 3 كىچىك دۆلەتنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىر چوڭ بومبىنىڭ پىلىكىگە ئوت تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينىغان ئىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆرۈلۈشىگە تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى سەۋەب بولىدۇ. ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتىگە تىبەتلىكلەر باشلامچىلىق قىلىدۇ. خىتاي پۇقرالىرى بولسا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ.

ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى يىقىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىر ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت. بىرىنچى كۆز-قاراشتىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي دۆلىتى چوقۇم پارچىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى ئۆرۈلۈپ چۈشىدىكەن، تىبەت چوقۇم خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىپ، تىبەتتىكى خىتايلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ شۇنداق بولامدۇ-يوق، دەيدىغان مەسىلە ئەمەس، بەلكى بۇ ئاشۇنداق ئىش قاچان بولىدۇ، دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت. يەنى ئۇ بىر ۋاقىت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت. بۇ ئىشنىڭ يۈز بەرمەسلىك ئېھتىماللىقى قەتئىيلا مەۋجۇت ئەمەس.

يەنە بىر كۆز-قاراشتىكىلەر بولسا تىبەت مەسىلىسى خىتاي دۆلىتى دېموكراتىك تۈزۈمگە ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ كۆز-قاراشنى قوبۇل قىلىدۇ.

(7) يات مىللەتنى چەتكە قېقىش ئىنسانلارنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ئامېرىكىدا 140 دىن كۆپرەك مىللەتلەر بىللە ياشايدۇ. كۆرۈنۈشتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق سۈركىلىش يوق. بۇنداق ياخشى ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، بىرى كىشىلەرنىڭ ئەقلىي كۈچى ئىنسانلارنىڭ يات مىللەتنى چەتكە قېقىش خۇسۇسىيىتىدىن ئۈستۈن كەلگەن، يەنە بىرى بولسا ئامېرىكىدا باشقىلارنى كەمسىتىش جىنايىتى ھەققىدە ئىنتايىن قاتتىق قانۇن بار. يەنى، ئامېرىكىدا بىر مىللەت ئادىمى باشقا بىر مىللەت ئادىمىنى كەمسىتىدىغان ئىشلارنى ئىنتايىن قاتتىق جازالايدۇ. بولۇپمۇ شىركەت ۋە باشقا ھەر خىل خىزمەت ئورۇنلىرىدا شۇنداق. شۇنداق بولسىمۇ، ئانچە چاندۇرماي تۇرۇپ، ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بەلگىلىگەن.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇنداق بىر كۆز-قارىشى بار: مېھمانلار بېلىققا ئوخشايدۇ. بىرىنچى كۈنى سىز ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ يەيسىز. ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭدىن سەل چىقىپ قالىسىز. ئۈچىنچى كۈنى بۇ بېلىق بىر خىل بۇزۇلۇپ قالغان يېمەكلىكتەك تېتىيدۇ. مېھمان بىلەن ئۆي ئىگىسىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ شۇنداق. بىرىنچى كۈنى ئۆي ئىگىسى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئۆي ئىگىسىنىڭ قىزغىنلىقى ئۇنچىۋالا يۇقىرى بولمايدۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئۆي ئىگىسى «بۇ مېھمان ئەمدى كەتسە بولاتتى»، دەپ ئويلاشقا باشلايدۇ. ئەگەر سىز دوستىڭىزنىڭ ئۆيىدە 6 – 7 كۈن تۇرىدىكەنسىز، دوستىڭىزنىڭ بالىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن «بۇ تاغىمىز نېمىشقا تېخىچە كەتمەيدۇ؟» دەپ سوراشقا باشلايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ياتلارنى چەتكە قېقىش خۇسۇسىيىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ئۆينىڭ ئادىمى بولمىسىڭىز، سىز ئەڭ ياخشىسى كېتىڭ.

خىتاي دۆلىتىدە ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتلەردە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ھازىر پەقەت مەركەزدىن قېچىش كۈچىلا مەۋجۇت. خىتاي كومپارتىيەسى قۇرغان فېئوداللىق ئادەملەرنى ھوقۇق دەرىجىلىرىگە ئايرىش تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتتە مەدەنىيەتلىك ئەقلىي كۈچ ياكى مەدەنىيەتلىك سەۋەبلەشتۈرۈش ئىقتىدارى مەۋجۇت ئەمەس. ئىرقىي كەمسىتىش ئىشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىشنى چەكلەپ، ئاشۇنداق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالايدىغان قانۇنلارمۇ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋال تىبەتلىكلەردىكى باشقىلارنى يەكلەش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە ۋە كېڭىيىشىگە پايدىلىق. تىبەتلىكلەر خىتايلارنى قارشى ئالمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىبەتتىن كېتىشىنى ئىستەيدۇ.

(8) تىبەتلىكلەرنىڭ بىر سۈرگۈن ھۆكۈمىتى بار، ھەمدە سۈرگۈن ھۆكۈمىتىدىن پەقەت بىرىلا بار. ھازىر خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما تىبەتلىكلەر ئۈچۈن پەقەت بىرلا سۈرگۈن ھۆكۈمىتى بار. تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تىبەتلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يىراقلىشىشى، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. تىبەتلىكلەر ئۆزىنىڭ سۈرگۈن ھۆكۈمىتىگە تەلپۈنۈپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەلپۈنمەيدۇ. تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، ھەمدە ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈلگەن ساپالىق ھۆكۈمەت. ئۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا تىبەتكە قايتىپ بېرىپ، تىبەتنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، ئۇ زېمىننى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. تىبەت مۇستەقىل بولسا، سۈرگۈن ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۇ ئۆتكۈنچى دەۋردە يۈز بېرىدىغان قالايمىقانچىلىقلاردىن ساقلانغان ھالدا، ناھايىتى تېزلا بىر نورمال مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلىنالايدۇ. شۇڭلاشقا خىتايلار تىبەتلىكلەر ئۈچۈن باش قاتۇرمىسىمۇ، تىبەتلىكلەر ئۈچۈن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. تىبەتلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ياخشى قىلىپ كېتەلەيدۇ.

(9) دالاي لاما يەنىلا تىبەت خەلقىنىڭ روھىي داھىيسى. دالاي لاما نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر زات. دالاي لامانىڭ ياشاپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي دۆلىتىدىن ئايرىلىش ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. تىبەتلىكلەر ئۈچۈن دالاي لاما ئاسماندىكى قۇياشقا ئوخشايدۇ.

ئەمما، دالاي لامانىڭ «ئوتتۇرا يول» ئىستراتېگىيەسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. شۇڭا ئۇ تىبەت خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلغىنى ياخشى.

(10) دالاي لاما پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، تىبەتلىكلەرنىڭ «ئوتتۇرا يول» سىياسىتى ئۆزگىرىشى مۇمكىن. تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىدىكى يېڭى ئەۋلادلار، تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتى ئاستىدىكى تىبەتلىك ياشلار، ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەر ئىچىدە مۇستەقىل بولۇش تەرەپدارى بولۇۋاتقانلارنىڭ سانى ھازىر ئىنتايىن كۆپ. ئۇلارنىڭ تەلىپى توغرا بولۇپ، بۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت چوقۇم ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى تارىختىكى توغرا يول بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپى خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ قىممەت قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭلاشقا تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىۋاتىدۇ.

(11) خىتاي كومپارتىيەسى تىبەت مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بۈگۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ماۋ زېدۇڭ ئىمپېرىيەسى ئەينى زاماندا سادىر قىلغان كېڭەيمىچىلىك قىلمىشىنىڭ پوقىنى تازىلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى سىرتقا دېيەلمەيدىغان دەرد-ئەلەملەر بىلەن لىق تولدى. ماۋ قوللانغان تۈزۈم بىر پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. پادىشاھلىق تۈزۈمىدە بىر پادىشاھنىڭ ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى كېڭەيمىچىلىك. ئەينى ۋاقىتتا ماۋ ئەنە شۇنداق مەنتىقىدە تىبەتنى بېسىۋالغان. ھازىرقى زامان خىتاي رەھبەرلىكى ھازىر شۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى بارلىق يامان ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ماۋ قىلغان يامان ئىشلار ئۈچۈنمۇ بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.

تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يۇقىرىقىدەك ئەخلاقىي ئاساسقا ۋە دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئىگە. ئەمما، تىبەت ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر قالاق ھالەتتە بولغاچقا، غەرب ئەللىرىنىڭ تىبەتكە بولغان قوللىشى ئېغىزاكى ھېسداشلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ئىقتىسادىي جەھەتتە قالاق بولىدىكەنسىز، كىشىلەر سىزگە ئانچە دىققەت بەرمەيدۇ. كىشىلەر سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ھازىر دۇنيادىكى ئەللەر ئىچىدە مۇشۇنداق تەقدىرگە ئۇچراۋاتقانلار ئاز ئەمەس. بۇنىڭ بىر مىسالى بۇتاندۇر. دۇنيا ئۇ دۆلەتتە نېمە ئىش بولۇۋاتقىنىغا ئاساسەن دىققەت ئېتىبارىنى بەرمەيدۇ.

بۇ ئىشقا مىسال بولالايدىغان يەنە بىر ئىش بار. 1963-يىلى ۋىيېتنامدىكى بىر دىنىي زات ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغاندا، بۇ ۋەقە بىر مەزگىل پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر بولۇپ كەتتى. پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئاشۇ كىشى ئۈچۈن ئىچى ئېچىشتى. ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىدىكى تۈپ مەقسىتى شۇ چاغدىكى ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ بۇددا دىنى ئېتىقادچىلىرىغا قوللانغان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بولدى. شۇ ۋەقە ھەققىدە خەۋەر يازغان «نيۇ-يورك دەۋر گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرى ئۆزى يازغان ئاشۇ خەۋەر ئۈچۈن بىر ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاشۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ۋىيېتنام ئۇرۇشىنى خەۋەر قىلىپ كەلگەن يەنە بىر مۇخبىرمۇ بىر ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ھېلىقى زاتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان خەلقئارالىق بېسىملار ئاستىدا، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتىنىڭ باش رەھبىرى ئۆزىنىڭ بۇددا دىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە قاراتقان بىر قىسىم سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرىي بولدى. ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بىرلا ئادەم ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالغان بولسىمۇ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىر شۇنچىۋالا چوڭ دولقۇننى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. شۇنچىۋالا چوڭ ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ئەمدى بۈگۈنكى تىبەتكە قاراپ باقايلى. يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە 70 نەپەر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالدى. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتتە ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمىدى. تىبەتلىكلەر ھازىرمۇ ئەڭ بىچارە ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ.

گەرچە تىبەتلىكلەر ئىچكى جەھەتتە ناھايىتى ياخشى شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش جەھەتتە ئۇلار يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق توسقۇنلارغا، ۋە ئىنتايىن ئېغىر مۇشەققەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن سىرتتىن بىر ئاز قىممىتى بار ياردەملەرگە ئېرىشىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىبەتلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ غەلىبىگە ئېرىشتۈرمىسە بولمايدۇ.

2017-يىلى 1-دېكابىر

پايدىلىنىش مەنبەسى:

王澄:西藏独立运动是大革命的首战

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.