تيەنۋېن 1-نومۇر

ئورنى Wikipedia
تيەنۋېن1-نومۇرنىڭ قويۇپ بېرلىشى كۆرۈنۈشى

2020-يىلى 23-ئىيۇل سائەت 12دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئۇزۇن سەپەر 5-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزەر 4-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق، تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش «تيەنۋېن 1- نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن. راكېتا 2000 سېكۇنتتىن ئارتۇق ئۇچقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان. «تيەنۋېن 1-نومۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەرشارىدىن مارسقا يۆتكىلىش ئوربىتىسىدا 7 ئاي ئۇچقاندىن كېيىن مارس ئەتراپىغا يېتىپ بېرىپ، «تورمۇزلاش» ئارقىلىق مارس تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ، مارسنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا كىرىدىكەن ھەمدە پۇرسەت تېپىپ قونۇش، كۆزىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قانات يايدۇرۇپ، مارسنى ئىلمىي تەكشۈرىدىكەن.

تيەنۋېن 1-نومۇرنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسى
تيەنۋېن 1-نىڭ مارىسقا قونىدىغان ئورۇن خەرىتىسى

تۇنجى قېتىملىق مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى 2016-يىلى 1-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلغان، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەشكىللەپ يولغا قويغان بولۇپ، كونكرېت قىلىپ قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدىسى ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، توشۇغۇچى راكېتا، قويۇپ بېرىش مەيدانى، ئۆلچەش-تىزگىنلەش، يەر يۈزىدە قوللىنىش قاتارلىق بەش چوڭ سىستېمىدىن تەركىب تاپقان.