تۆرە
ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە) تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن مۇھەممەت ئابدۇمىجىت
سەلجۇقلار بىلەن دەسلەپكى ئوسمان تۈرك دۆلىتىدىكىلەر تارىختىن بۇيان قېلىپلاشقان قائىدە-تۈزۈملەرنى «ئوغۇز تۆرەسى» دەپ ئاتاشاتتى. لۈتفى پاشا [1] نىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ئوسمان غازىنىڭ ئوغۇز بەگلىرى تەرىپىدىن خانلىققا ئولتۇرغۇزۇلغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق مەلۇماتلار بار: «سىز قايى قەبىلىسىدىن [2] بولىسىز! بۇ قەبىلە، ئوغۇز قاغاندىن كېيىن ئوغۇز بەگلىرىنىڭ ئاتامانى ۋە خاقانى بولىدىغان قەبىلىدۇر. كۈنخاننىڭ ۋەسىيىتى، ئوغۇز تۆرەسىنىڭ شەرتىدە، ئوغۇز قەبىلىسىدىن ھېچكىم قالمىغاندا، پادىشاھلىق قايى پۇشتى تۇرۇقلۇق ئۆزگە قەبىلە ۋە پۇشتىدىكىلەرگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ.»
«تۆرە» سۆزى بىلەن «ئوغۇز» دېگەن ئىسىمنى بىللە ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن بولساقمۇ، تۆرە پەقەت ئوغۇزلارنىڭ قائىدە-يۇسۇنلىرىنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئورخۇن پۈتۈكلىرىدىمۇ بۇ سۆزنى ئۇچرىتىمىز. «ئىكىن ئارا ئىدى ئۆكسۈز. كۆكتۈرك ئانجا ئولۇرۇر ئەرمىش، بىلگە قاغان ئەرمىش، ئالپ قاغان ئەرمىش، بۈيۈكى يىمە بىلگە ئەرمىش ئەرىنچ، بەگلەرى يىمە بۇدۇنى يىمە تۈز ئەرمىش. ئانى ئۈچۈن ئىلگى تۇتمۇش ئەرمىش، ئىلگە تۇتۇپ تۆرۈگ ئىتمىش.» بۇلار مۇنۇ مەنىلەرگە ئىگە: «ئىككىسى ئارىسىدا كۆكتۈركلەر ئۆزىگە خان، ئۆزىگە بەگ بولۇپ ياشايتتى. ئۇلاردا قاغانلار دانا ئىدى. بارلىق يارلىقلىرى ھېكمەتلىك ئىدى. ئۇلار لەشكەر ئىدى. بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە پۈتۈن خەلقى دۇرۇست ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار شۇنچىۋالا چوڭ بىر دۆلەتنى ئىدارە قىلدى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلغىنىدا قانۇن ئورناتتى.»
Thomsen بۇ يەردىكى تۆرۈگ (Törüg) سۆزىنى «قانۇن» دەپ تەرجىمە قىلغان. ھالبۇكى، باشقا بىر يەردە «مۇئەسسەسە» دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەن: «تۈرك ئوغۇز بەگلەرى بۇدۇنى ئەشىدىن. ئۈزە تەڭرى باسماسار، ئاسرا يەر تېلىنمەسەر، تۈرك بۇدۇن ئىلنىگ، تۈرۈنگ كىم ئارتادى؟» بۇنىڭ تەرجىمىسى: «تۈرك ئوغۇز بەگلىرى ۋە پۇقرالىرى ئاڭلاڭلار! ئۈستىدىن ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىگىچە، ئاستىدا يەر يېرىلمىغۇچە، سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارنى ۋە تۈزۈمۈڭلارنى كىم ۋەيران قىلالايدۇ؟» «تۆرۈ (Törü)» ۋە «ئەل (il)» سۆزلىرىنى [3] بۇ مىساللارنىڭ بىرىنچىسىدە «Kef» بىلەن، ئىككىنچىسىدە «Törün (تۆرۈن)» ۋە «ilig (ئىلىگ)» شەكلىدە «Nun» بىلەن ئۇچرىتىمىز. بۇ يەردىكى «Kef» ۋە «Nun» پەقەتلا قوشۇمچىلاردىن ئىبارەتتۇر.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «تۆرە» سۆزىنىڭ شەرقىي تۈركچىدە «تۆرۈ» شەكلىدە يېزىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ دىۋاننىڭ 3-جىلتىنىڭ 167-بېتىدە «تۆرۈ» نىڭ مەنىسىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: تۆرۈ — ئاتا سۆزى بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسىنى مۇنداق ئىزاھلاشقا بولىدۇ: «ئەل تەرك ئېتىلىدۇ، تۆرۈ تەرك ئېتىلمەيدۇ.» بۇ مىسال ئەجدادلارنىڭ قائىدە-تۈزۈمىدىن چەتنىمەسلىك كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يۇقىرىقى ئاتا سۆزىنىڭ شەرھىسى بولسا «دۆلەت ياكى ئەل تەرك ئېتىلىشى مۇمكىن، ئەجداد تۈزۈمى تەرك ئېتىلمەيدۇ.» تۈركلەرنىڭ ياۋلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن يەرلەردىن مىللىي تۆرەسى ساقلىنىپ قالغان يەرلەرگە كۆچۈشى مەسىلىنىڭ تېخىچە تۈركلەرنىڭ روھىي دۇنياسىدا ياشاۋاتقانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى مىساللار بىزگە «تۆرە» سۆزى بىلەن «ئەل» سۆزىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا بىللە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئەل – دۆلەت»، «تۆرە – قائىدە-تۈزۈم» دېگەن مەنىدە كەلگەندە، ئىككىلا سۆزنىڭ كۆپىنچە بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشى تەبىئىي بىر ئەھۋالدۇر. ئەمما، تۆرە سۆزىنىڭ مەنىسى قائىدە-قانۇننىڭ مەنىسىگە ئوخشاش چەكلىك بولمايدۇ. يېزىق بىلەن پۈتۈلگەن قانۇنلاردىن سىرت، يېزىلمىغان قائىدە-يۇسۇنلارمۇ تۆرەنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. ھەتتا، قانۇنىي جەھەتتىكى تۆرەدىن باشقا دىننىي ۋە ئەخلاقىي تۆرەلەرمۇ مەۋجۇت. مۇشۇلارغا ئاساسلىنىپ تۈرك تۆرەسى قەدىمكى تۈركلەرگە ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قىياسلارغا قارىغاندا، «تۈرك» سۆزى «تۆرە» سۆزىدىن تۈرلىنىپ چىققان. باشقا ئەسەرلىرىمدە يازغان «سوغداق (Soğdak)» سۆزى بىلەن «سوغۇدلۇ (Soğdlu)» سۆزىنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولغاندەك، «تۈرك (Türk)» سۆزى بىلەن «تۆرەلىك (تۆرەلى)» سۆزى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. «كاف» ھەرىپىگە ئوخشاش «كەف» ھەرىپىمۇ سېلىشتۇرما ۋە سۈپەت قوشۇمچىسىدۇر. بۇ ئېھتىماللىققا ئاساسلانغاندا «تۈرك» سۆزى «تۆرە» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. ئەمما، بۇ ئېھتىماللىق تېخى تۈركولوگلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بولغاچقا، پەقەتلا مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئىزاھات:
[1] لۈتفى پاشا: ئوسمان تۈرك دۆلىتىنىڭ 8-پادىشاھى II. بەيازىت زامانىسىدا ئۆتكەن، ئەسلى تېگى ئالبان بىر تارىخچى. لۈتفى پاشانىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق.
[2] قايى قەبىلىسى: تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى بولۇپ، «ئوغۇزنامە» داستانىدا ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىدىن تەركىب تاپقان دېيىلىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈرك تىللار دىۋانى» دا بولسا 22 قەبىلىگە تەۋە دەپ خاتىرىلەنگەن. قايى قەبىلىسى سەلجۇقلار ۋە ئوسمان تۈرك دۆلىتىنىڭمۇ قۇرغۇچىلىرىدۇر.
[3] ئىل: بۇ يەردە ئۇيغۇرچىدىكى ئەل دېگەن مەنىدە كەلگەن.
مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «تۈرك تۆرەسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشرىياتى
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.