تۆگە بەيگىسى

ئورنى Wikipedia

تۆگە بەيگىسى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى. ئەلمىساقتىن تارتىپ <چۆل كېمىسى> دەپ ئاتالغان تۆگە دەشت - باياۋان، قۇملق، چۆل - جەزىلەردىن كېزىپ ئۆتۈشتە ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق قاتناش ۋاستىلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، كۆڭۈل ئېچىشتىمۇ بىر خىل ياخشى ۋاستە بولۇپ كەلگەن. ئايرىم ناھىيە - شەھەرلەردە، تۆگە باققۇچىلار ئۆز تۆگىلىرى ئىچىدىن يۈگۈرۈك تۆگىلەرنى تاللاپ بەيگىگە سالسا، قاۋۇللىرىنى تاللاپ ئۆز ئارا تالاشتۇرۇشقا سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ھەرىكەت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە ۋە كەڭ تۈردە ئومۇملاشماقتا. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، تۆگە تالاشتۇرۇش ئەمەلدىن قېلىپ تۆگە بەيگىسى ساقلىنىپ قالدى. ھازىر تۆگە بەيگىسى سانجى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلمەكتە. تۆگە بەيگىسى بۇرۇنقى چاغلاردا كەڭ دالىلاردا ئېلىپ بېرىلاتتى. مۇسابىقىدە مەلۇم ئارىلىق بەلگىلىنىپ، ئاخىرقى بەلگىگە ئەڭ بۇرۇن چېپىپ بارغان تۆگە يەڭگەن ھېسابلىناتتى. ھازىر تۆگە بەيگىسى مۇسابىقە قائىدىسى بويىچە 1000 مېتىر، 2000 مېتىرلىق مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]