تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخممۇ؟

ئورنى Wikipedia

 تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟


TXTكىتاب ئىشلىگۈچى :ئۇيغۇر شاھ


ماتىريال مەنبەسى : ئىسلام تورى

bbs,xabnam.com

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

يىىگىرمە يىللارنىڭ ئىلگرىدە شىنجاڭ ئونۋىرستىتىنىڭ بىر دەرسلىك كىتابىنى ئۇقۇغۇنۇم ئېسىمدە، كىتابتا مۇنداقراق بىرقانچە سوئال بۇلىدىغان

<تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟>

<اللە ھەممىگە قادىر ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۈتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارتالامدۇ ؟.....>

(نە ئۇزۇبىللاھ)........

ئارىدىن 20 نەچچە يىللار ئۆتۈپتۇ، بۇ ئىلمىي بولمىغان سوئاللارنى ئۇنتۇپمۇ قالار ئىكەنمەن، ئەمما مەرھۇم پراففېسسور، ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن(جانابى اللە ئۇل زاتقا رەھمەت ۋە مەغفىرەت ئاتاقىلسۇن، ئامىن!....)نىڭ كىتابىنى ئوقۇۋېتىپ <تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟>دېگەندەك ئاخىرى چىقماس مۇنازىرىگە كىرىپ قېلىشنى خالىماسلىق ھەققىدە بىر جۈملىگە كۆزۈم چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن <تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ؟>دېگەن مۇنازىرنىڭ ئاخىرنى چىقىرىشنى خالاپ قالدىم،جانابى اللە بىزگە قۇۋەت ئاتا قلسۇن.


1.سوئال تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ تۇخۇممۇ؟ 1.جاۋاپ يۇقارقى سوئالنىڭ باتىللىقى شۇ يەردىكى، مۇبادا سىز <تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغان>دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە <تۇخۇ تۇخمدىن چىقىدىغان تۇرسا ؟...>دەپ سوئال قۇيىدۇ.

مۇبادا سىز <تۇخۇم بۇرۇن پەيدا بولغان >دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز قارشى تەرەپ سىزگە دەرھاللا <تۇخۇمنى تۇخۇ تۇغىدىغان تۇرسا ؟...>دەپ سوئال قۇيىدۇ. ئاخىردا سىز ئىلاھى سىرلار غەزىنىسىدىن دۇردانە ئىزلەشكە يارالغان ئەقلىي قۇۋۋەتلىرىڭزنى كۈركە تۇخۇ بىلەن سېسسىق تۇخۇم ئىچىدە چۈشەپ قۇيۇشقا مەجبۇر بۇلىسىز،نەتىجىدە ئىلاھى ئىشىق ۋە ھىدايەت ماكانى بولغان بىغۇبار قەلبىڭزگە ماركىسىزىمنىڭ ئاتىزىملىق ھىلە مىكىرلىرىدىن پەيدا بولغان گۇمانى قارا سايە جايلىشىدۇ!...بەلكىم بۇ سوئالنىڭ كەشپىياتچىسىنىڭ مەخسىتىمۇ شۇ بولسا كىرەك

يۇقارقى سوئالغا بېرلىدىغان ئىلمىي ھەقىقىي جاۋاپ شۇكى

!...دۇنيادا تۇخۇم تۇغىدىغان تۇخۇ ۋە تۇخۇ چىقىردىغان تۇخۇم ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس

ئۇنداق بۇلۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسى تۆۋەندىكىچە

(1) تۇخۇ دېگەن بۇ ئاتالغۇ بولسا ئەركەك ۋە چىشى ئىككى جىنىسنىڭ ئورتاق نامى،يەنى قىزىل تاجىلىق تەكەببۇر خۇراز بىلەن ماختانچاق ۋات ۋات مىكيان ۋە ئوماق چۇك چۇك چۈجىنىڭ ئورتاق نامىدۇر،ھالبۇكى تۇخۇمنى تۇخۇ ياكى چۈجە ئەمەس پەقەت مىكيان چىقىرىدۇ،چىقارغاندىمۇ ئۆزى تەنھا ئەمەس، جەزمەن ۋە جەزمەنكى خۇرازنىڭ ئىشتىراكىدا ئاندىن چىقىرىدۇ (2) <تۇخۇم>دېگەن بۇ ئاتالغۇمۇ ئەركەك ۋە چىشى،ئىككى جىنىسنىڭ ئۇرۇقىنىڭ قۇشۇلمىسى بۇلۇپ، تۇخۇمنى مىكيان باسسا ياكى مەلۇم مۇددەت مەلۇم ئىسسىقلىق ئاستىدا ئاندىن بىر تۇخۇمدىن بىرلا قېتىمدا پەقەت بىرلا ئەركەك ياكى چىشى چۈجە چىقىدۇ، ئۇمۇ ئۆزلىكىدىن مۇتلەق بىرلا چىللاپلا مەڭگۈگە <تۇخۇ> دېگەن بىر جانلىقنىڭ تۈر نامىنى بىلدۈردىغان ئاتالغۇ-<تۇخۇ>دېگەن سۆزگە ۋە ياكى بىرلا قېتىمدا قىزىل تاجىلىق تەكەببۇر خۇراز بىلەن ماختانچاق ۋات ۋات مىكيان ۋە چۇك چۇك چۈجىگە ئايلىنالمايدۇ!... (3) ئادەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يارىلىش قىسسىلىرىدىن شۇ مەلۇمكى، ئالدى بىلەن ئەركەك، ئاندىن چىشى جىنىس يارتىلغاندۇر!... مۇبادا خۇراز بۇرۇن يارالمىغان بولسا مىكيانمۇ بولمىغان بۇلاتتى!... شۇڭا ھەقلىق يۇسۇندا شۇنى جاكالايمىزكى:تۇخۇ بۇرۇن يارالغان، يارالغاندىمۇ بىر ئەركەك بىر چىشى قىلىپ يارالغان، ئەركىكى چىشىسى بىلەن جۈپلەشسە ئاندىن تۇخۇم تۇغىدىغان تەبىئەتتە تەغدىر قىلىنىپ يارالغان!... مۇبادا بىراۋلار دەۋا قىلغاندەك تۇخۇ ئۆزلىكىدىنلا پەيدا بۇلۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئاتالمىش ھېچنىمە يوق بىر زاماندا <جانابى ئەلمىساقۇ غايىبۇ تۇخۇ> ئالىيلىرى خۇراز ۋە مىكياندىن ئىبارەت ئىككى جىنىس بۇلۇپ قالغان!... ئاتالمىش ئۇلارنىڭ مىكرو جانلىق ھالەتتىكى تۇنجى تۈرەلمىسى قانداق قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان ۋەزىپىنى كىيىنكى ھۆجەيرىسىگە مىراس قالدۇرالىغان؟... مۇبادا ئۇلار دەسلەپتە ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغاندا تاق جىنىس بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارغا ئىككى جىنىسقا بۈلۈنۈپ ئەۋلاد قالدۇرۇش كارامىتىنى كىم بەرگەن!... ئۇ كارامەت ئۆزلىكىدىن پەيدا بۇلۇپ قالغان بولسا ۋە ئاشۇ تۇنجى جانلىقلارنىڭ تىنىدىلا ئەۋلاد قالدۇرۇش قابىلىيتى بار دىيىلسە ، ئۇنداقتا ئوخشاش بىر تۈردىكى ئىككى جىنىسلىق بىر جۈپ جانلىق قانداق قىلىپ بىر بىرىگە ئوخشىمىغان، بىرىنىڭ كەم يىرىنى بىرى تولدىرالايدىغان ئىككى ئالاھىدىلىك بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كەم كۈتسىز پەيدا بۇلالىغان؟... تەپەككۇر بولمىغان ھەتتا شۇ نەرسىنىڭ جانلىق ماددى مەۋجۇتلىقىمۇ يوق بىر ھالەتتە، پەيدا بولغۇسى جانلىقنىڭ ياشاش ئىھتىياجلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر تۈركۈم ئورگانىزىملارنىڭ تاسادىبى ۋە ئۆزلىكىدىن مۇكەممەل لاھىيلىنىپ قېلىشى زىنھار مۇمكىن ئەمەستۇر!... شۇنىسى ئايانكى ماھىر بىر ياراتقۇچى بولمىغان ھالەتتە ھېچ بىر جانلىق ياكى جانسىز جىسىم ئۆزىنى ئۆزى يارتالمايدۇ!...تۇخۇ بىلەن تۇخۇممۇ ، سىز بىلەن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە!...

ئاللاھۇ ئەكبەر !...

2.سوئال

< اللە ھەممىگە قادىر ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۈتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارتالامدۇ؟...>

(نە ئۇزۇبىللاھ)

2.جاۋاپ ئەلۋەتتە اللە ھەممىگە قادىر!...

< اللە ھەممىگە قادىر ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۈتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارتالامدۇ؟...>دىگەن بۇ سوئالنى قويغۇچىغا جاۋابىمىز شۇكى: ئەلۋەتتە ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى زاتنىڭ سۈپىتىنى ھەممىگە قادىر ئەمەس سىز بىزدەك يارالغۇچى <زات>لارنىڭ كەمتۈك ئەقىلى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ!... سىزگە ناھايىتى ئايدىڭكى، بىز سىزگە : < اللە ھەممىگە قادىر ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۈتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارتالايدۇ>دېسەك، سىز دەرھاللا <ئۆزى كۆتۈرەلمىگەن تاشنى ياراتقان ئىلاھ ھەممىگە قادر ئەمەس ، چۈنكى ئۇ تاشنى كۆتۈرەلمىدى>دىيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ،مۇبادا ئۇنداق تاشنى يارتالمايدۇ دېسەك، سىز دەرھاللا<بىر تاشنى يارتىشتىن ئاجىز كەلگەن ئىلاھ ھەممىگە قادىر ئەمەس > دىيىشىز تۇرغانلا گەپ!... مۇبادا سىزنىڭ بۇ سوئال ئارقىلىق ئىسپاتلىماقچى بولغىنىڭىز< اللە نىڭ ھەممىگە قادىرلىقى>بولسا ئىدى سىز ھەرگۈزمۇ < اللە ھەممىگە قادىر ئىكەن ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى كۈتۈرەلمەيدىغان تاشنى يارتالامدۇ؟...>دەپ بىمەنە سوئال قۇيۇپ يۇرمىگەن بۇلاتتىڭىز، چۈنكى بۇ سوئالىڭىزدا <كۆتۈرۈلمەيدىغان تاش>ئىبارىسى سىزنىڭ اللە نىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى ئىسپاتلاش ئويىڭىزنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە سوئالىڭىزنىڭ فورمال لوگىكا قانۇنىيەتلىرگە ھەم ىڭلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ!... زامان ۋە ماكان ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ نىڭ خەلىپىلىكىدە بولغان بولسا ، سىز قىلىچتىن ئىبارەت ئەڭ تېز جاۋاپ بىلەن مەھشەرگاھتا اللە نىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى بىلىۋالغان بۇلاتتىڭىز!... خەير!.. زامان ۋە ماكان مەندەك ئاسىي قۇلنىڭ ۋاقتىدا گال قەلىمىم بىلەن سىزگە تىل چايناپ جاۋاپ بەرمەكتىن باشقا ئامال بولمىدى !...

جانابى اللە بىزنى كەچۈرگەي...

....

سۆزىمىز <كۆتۈرۈلمەيدىغان تاش >ئىبارىسىدە بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم بولسۇنكى، دۇنيادا ۋە چەكسىز ئالەمدە جانابى اللە نى ئامالسىز قالدۇرالايدىغان ھېچ بىر كۈچ بولمىغان ۋە بولمايدۇ!...ئەلۋەتتە <كۆتۈرۈلمەيدىغان تاش> مۇ بولمايدۇ!...ھەتتاكى ئەڭ ئاجىز بولغان ئىنسانغا ھەم چەكسىز ئالەمدە <كۆتۈرۈلمەيدىغان تاش> مەۋجۇت ئەمەس!... قەدىمدە ئارخىمىد دەپ بىر ئالىم ئۆتكەن،ئىستىلاچى ئارمىيە ئۇنى ئەسىر ئېلىپ بوينىغا قىلىچ تەڭلىگەن زاماندا ئۇ:<مىنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرما ، مەن بىر تىئورمىنى ئىسپاتلىۋالاي..>دىگەنمىش، ئەنە شۇ ئالىم ئېيتىدۇكى:مۇبادا ماڭا بىر پىشاڭ بىرىلسە ئالەمدىكى مەلۇم بىر يۇلتۇزنى تايىنىش نوختىسى قىلىپ تۇرۇپ يەرشارىنى ئورنىدىن يۆتكىۋېتەلەيتتىم> شۇنداق، بۇ مىھرىبان اللە تەرپىدىن ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلدى!....شۇڭا ئىنسانغا چەكسىز ئالەمدە يارتىلغان جسىملار ئىچىدە كۆتۈرۈلمەيدىغىنى يوقتۇر!... بار دىيىلسە شارائىت ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى كۆتۈرۈشكە ۋاقتىنچە ئىمكانسىزلىقلار بار خالاس!... بىر تاغنى پارچىلاپ ياكى پىشاڭنىڭ ياردىمىدە ئورنىدىن يلاتكەش تامامەن مۇمكىن، بۇنى سىز كۆتۈرەلمەسلىك دېمەكچىمۇ ياكى بۇنداق كۆتۈرسە كۆتۈرسە كۆتۈرگەنگە ھېساب ئەمەس دىمەكچىمۇ؟... ئۇنداقتا بۇ جايدا سىزگە جاۋاپ تۇغۇلىدۇ!... دۇنيادا يارتىلغان نەرسىلەر ئارسىدا ئىنسانغا نىسبەتەن مۇتلەق كۆتۈرەلمەسلىك بولمىغان ئىكەن، بىردىن بىر ياراتقۇچى بولغان مىھرىبان اللە گە ھەم ئەلۋەتتە ھېچ زامان ۋە ھېچ ماكاندا<كۆتۈرەلمەسلىك>مەۋجۇت ئەمەس!... مەۋجۇت دىيىلسە پەقەت <كۆتۈرمەسلىك>مەۋجۇتتۇر!... جانابى اللە بىر تاشنى <كۇنپەيەكۇن>دەپ ئەمىر قىلسا ئۇ تاش دەرھاللا يېرىلىدۇ !... ئۇنى كۆتۈرمىسىلا سىزنىڭ سوئالىڭىز جاۋابىنى تاپقان بۇلىدۇ!....چۈنكى ئاللاھ جانابلىرىنىڭ ھەممىگە قادىر سۈپىتى ئىچىدە<ھەم يارتىشقىمۇ قادىر ھەم ئۆلتۈرۈشكىمۇ قادىر،شۇنداقلا،ھەم كۆتۈرۈشكىمۇ قادىر ،ھەم كۆتۈرمەسلىككىمۇ قادىر>لىق سۈپىتى باردۇر!...ئەمما سىز ئېيتقاندەك <كۆتۈرەلمەيدىغان تاش>ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىر ئاللاھ ئۈچۈنمۇ ۋە ئالىي مەخلۇق سىز ۋە بىز ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت ئەمەس!...ئەمەليەتتىمۇ تاشلارنى، تاغلارنى ۋە يۇلتۇزلارنى اللە ياراتتى ئۇ جىسملارنىڭ ئېغىرلىقى ۋە كاتتىلىقى سىز-بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز قىياس قىلىشقا ئاجىز كەلگۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ۋە چوڭدۇر...! ھالبۇكى ئۇنى جانابى اللە ئۆزىنىڭ ئىلىمىگە لايىق بىر ئۇسۇلدا كۆتۈرۈپ تۇرماقتا...! بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئاشۇ نەرسىلەرنى جانابى اللە نىڭ كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى كۆرۈنمەيدۇ، سىزچە بۇ ئالامەتنى <يارىتىشقا قادىرلىق دەپ تەستىق قىلىپ تۇرۇپ كۆتۈرۈشكە قادىر ئەمەسلىك> دېگىلى بولسۇنمۇ...؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى <جانابى اللە نىڭ ھەممىگە قادىرلىق> سۈپىتى ئۆزئىچىگە ئالغان مەنىلەرنى ئىنسانى ئەقىل بىلەن تۇلۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ....! بىزنىڭ ھېس قىلالايدىغىنىمىز پەقەتلا <ھەممىگە قادىرلىق>دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسى بولغان <يارتىشقىمۇ ياراتماسلىققىمۇ،كۆتۈرۈشكىمۇ كۆتۈرمەسلىككىمۇ،....قادىر>لىقتۇر...! سىزدەك مۇرتەدلەرنى (كەچۈرۈڭ..! سىزنى بىكارغىلا مۇرتەد دېگۈم يوقتى، چۈنكى <دىل ئازاردىن اللە بىزار>...يەنى بىراۋغا ئازار قىلغۇچىدىن رەھمان تائالا بىزاردۇر...! ھەسرەتكى.....! سىزگە ئوخشىغانلار روزى مىساقتا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ تۇرۇپمۇ بۇ دۇنيادا ئاشۇ غەيىب زاماندىكى ۋەدىسىگە ئاسىي بۇلۇپ ئىماندىن كۇفرىغا چىكىنگىنى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشكە مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم....!)قەھھارلىق سۈپىتى بىلەن جازالاشقىمۇ قادىر. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى سىزنىڭ سوئالىڭىزنىڭ بىر مۇھىم شەرتى سۈپتىدە جانابى اللە نىڭ <ھەممىگە قادىر>لىق سۈپىتى ھەققىدە سۆزلىنىۋاتىدۇ....! جانابى اللە نىڭ<ھەممىگە قادىر>لىق سۈپىتىنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى ھەرگىزمۇ سىز ئېيتقاندەك <كۆتۈرۈشكە قادىر> لىقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇزات خالىمىسا <كۆتۈرمەسلىككىمۇ قادىر>لىقتۇر...!

جانابى اللە ئۆزى ئالىم...!

ئىشىنىمىزكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقانلىرى ئۈستىدە جانابى اللە مەھشەرگاھتا ئۆزى ئەڭ لايىق ئەڭ گۈزەل چۈشەنچە بېرىدۇ، شۇ كۈن كەلگۈچە سىز بىزدەكلەرنىڭ چىقىپ ئ ئىختىلاپ قىلىپ تۇرشى ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس...! چۈنكى قۇرئانى كەرىمدىكى ئىلاھى كەلىمە بويىچە ئېيتقاندا <ئىنسان ئىختىلاپ قىلىش ئۈچۈن يارتىلغان>دۇر...! ئاخىردا دەيدىغىنىم: مۇبادا مۇشۇ جاۋابلارنى سىزگە دەۋاتقان بۇ زاماندا، سىز جانابى اللە نىڭ رەھمىتى ياكى غەزىپىگە كەتكەن بولسىڭىز، ئۈمىدكى : گۆرىڭىزدە مۇنكىر-نەكىر ئاتلىق پەرىشتىلەر سىزگە بۇ جاۋابنى يەتكۈزگەي...! ئەلۋەتتە سىز گۆرىڭىزدە مىنىڭ بۇ يازمامسىزمۇ ئاللىقاچان ئەڭ پاساھەتلىك جاۋابنى ئاڭلاپ بولدىڭىز...! ..... ئاللاھۇ ئەكبەر...!

بەندەڭمەن گەر بىلمەي خاتانى يازدىم، كەچۈرگىن ئەي غەفۇر...! بەك تۇلا ئازدىم.

كەمىنە قۇلۇڭ