تۇردى ئاخۇن
تۇردى ئاخۇن (1881~ 1956)، ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻣﺸﯘﻧﺎﺱ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ 1881-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﺎﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﭼﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻥ, ﻣﻮﻟﻼﺧﯘﻥ ﻣﯘﻗﺎﻡ, ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ, ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺟﺎﮪﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻮﻧﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ, ﺳﺎﺗﺎﺭﯨﻨﻰ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﻪﺭﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻻﯞﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﻪﻧﺘﻜﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﭗ, ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, 88 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﻻ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ 15-16 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ, ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﺎﻻ ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﭖ, ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ, ﺧﯘﺵ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ, ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﺑﯧﺴﯩﻖ, ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎﻕ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﮪﺎﻝ ﺋﻮﻗﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻱ-ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮪﻮﺷﯘﺭ ﺋﺎﺧﯘﻧﻤﯘ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺩﺍﭘﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, 1930-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻳﯘﺭﺗﻰ-ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺵ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﮪﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ, ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ «ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ» ﺩﻩﭖ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﯘﮪﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﻛﻪﻡ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﻳﺪﯗ. ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﻤﯘ «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎ-ﺋﯘﻛﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻥ, ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎﮪﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ, ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ. 1945-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ «ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ» ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ» ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ, ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. «ﺑﯧﺘﯩﻢ» ﻧﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ «ﺋﯩﻠﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﺯ ﭼﺎﻟﺪﯨﯔ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﮪﺎﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻣﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﭗ, ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 1946-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺟﺎﯓ ﺟﯩﺠﯘﯓ, ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ, ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﯞﻩ ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﻗﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ «ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﯧﺘﯩﻢ»ﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ, ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﻪﺯﻣﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻧﻪﻏﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ, ﺳﻪﻳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﭖ, ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻐﺎ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺗﻮﻧﻰ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺋﺎﺧﯘﻧﻤﯘ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﯘﻥ, ﭼﺎﯓ ﭼﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ, ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ (ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ) ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮪﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﯞﯗﻝ ﺋﺎﺧﯘﻧﻐﯩﭽﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ-ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ, ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﺱ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﺪﻩﻙ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺪﯨﺮﯨﺨﺎﻥ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﺎﻣﺎﻧﻨﯩﺴﺎﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺭﻩﺗﻠﻪﭖ, ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ, ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ, ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﻏﻤﻪ, ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺗﻮﻟﯘﻕ, ﺋﻪﯓ ﺳﺎﭖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﺘﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ, ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﭘﯜﻛﻜﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. 1950-ﻳﯩﻠﻰ 8-, 9- ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ, ﺑﯘ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮪﻮﺷﯘﺭ ﺋﺎﺧﯘﻥ, ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﭽﻰ ﺭﻭﺯﻯ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ, ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﺎﻣﭽﻰ ﺯﯨﻜﺮﻯ ﺋﻪﻟﭙﺎﺗﺘﺎ, ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﻩﻟﻰ ﺟﺎﺭﯗﻟﻼﻳﯘﯞ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩﻥ ﺗﯘﯕﺸﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. 1955-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻟﯧﻨﺘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﺳﯩﻨﻜﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯩﺘﯩﻤﻘﻰ ﻟﯧﻨﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﭘﯩﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﻣﯘﻗﺎﻣﺸﯘﻧﺎﺱ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺗﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ, ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮪﻮﺷﯘﺭ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﭖ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﻧﻮﺗﯩﺴﻰ 1956-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ, ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻧﻮﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ, ﻣﯘﻗﺎﻡ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﻡ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺘﻰ. ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ 1956-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8-ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﺪﻩ 75 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﻰ.
« باھارىم چىمەنزارىم » قاتارلىق 30 نەچچە ناخشىنىڭ ۋە بىر نەچچە نەغمىنىڭ ئىجادچىسى ، « 12» مۇقام نى چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپلىرى بويىچە ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ ساپ ساقلىغان مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ مۇقامچىلىقىمىزغا قوشقان زور تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .تۇردۇ ئاخۇن ئاكا بولمىغان بولسا 12 مۇقام بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن ، يەنى سىستېمىلاشتۇرۇپ رەتكە سېلىنمىغان بولاتتى .