Jump to content

تۇرغۇن يۇلتۇز

ئورنى Wikipedia

تۇرغۇن يۇلتۇز

قەدىمقى چاغلاردا ، ئاسماندىن بەزىدە بىرە يورۇق يۇلتۇزنى بايقاپ قالسا ، بىر يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇزى پەيدا بولغان ئوخشايدۇ دەپ قاراپ ، ئۇلارنى يېڭى يۇلتۇز دەپ ئاتاشقان . ئەمىلىيەتتە ، يېڭى يۇلتۇز ئەسلىدىنلا تۇرغۇن يۇلتۇزىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇ بەك خىرە بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى بايقىيالمىغان. بۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇز توساتتىن پارتىلغاندا ، سىرىتقا نۇرغۇن گاز تارقىتىدۇ ، ھەجىمىمۇ بىردىنلا بىر قانچە مىڭ ھەسسە توغىناپ ، يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ تۇيۇقسىزلا نەچچە مىڭ ھەسسە ھەتتا بىر نەچچە ئونمىڭ ھەسسە ئاشىدۇ ، مانا مۇشۇ چاغدىلا كىشىلەر ئاسماندا بىر يورۇق يۇلتۇز پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ . يېڭى يۇلتۇز تارقاتقان گازلار بارا- بارا تۈگەپ ، ئۇنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىمۇ ئاجىزلاشقا باشلايدۇ ، ئادەتتە بىر نەچچە ئايدىن بىر يىل ئەتراپىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ، يېڭى يۇلتۇز ' ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ ، كىشىلەرنىڭ كۆرۇش دەرىجىسىدىن غايىپ بولىدۇ .

يېڭى يۇلتۇز بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز دېگىنىمىز پۈتۈنلەي باشقا - باشقا ئىككى ئىش . يېڭى يۇلتۇز پارتىلغاندا ، تۇرغۇن يۇلتۇز مىڭدىن بىر ئۈلۈش ماسسىسىدىن مەھرۇم بولىدۇ ، ھەرگىزىمۇ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ماماتلىق كۈنى يىتىپ كەلمەيدۇ . تارىختىن بۇيان سامانيۇلى سىستېمىسىدا بارلىققا كەلگەن ، ئىسپاتلانغان ئادەتتىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇز جەمئىي ئالتە دانە . ۋەھالەنكى يېڭى يۇلتۇزنى بايقاش ھېچقانداق ئادەتتىكى ئىش ئەمەس . چۈنكى سامانيۇلى سىستېمىسىدا بىر يىلدا بەزىدە نەچچە ئون دانە يېڭى يۇلتۇزنى بايقاشقا بولىدۇ .

مۇندەرىجە

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

شەكىللىنىشى

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇر چىقىرشى

ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز

قىران دەۋرىدە تۇرىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلار

ئاخىرىقى باسقۇچتىكى تۇرغۇن يۇلتۇز - قىزىل گىگانت يۇلتۇز

ئاق پەتەك يۇلتۇز

قۇياش

ئالاقىدار بايان

سۈرەتلەر

قامۇس باشبېتى

شەكىللىنىشى

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى

ئالەمدىكى يۇلتۇزلار ئارا گازلارنىڭ زىچلىقى چوڭىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەجىمى ئاستا -ئاستا كىچىكلەشكە باشلاپ ، تەدرىجىي توپ -توپ گاز بۇلۇتلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . بۇ بۇلۇتلارنىڭ زىچلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ ، ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ گاز ۋە توزانلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ ، تەدرىجىي ھالدا بىر « يۇلتۇز تۆرەلمىسى » بولۇپ شەكىللىنىدۇ . زور مىقداردىكى گازلار تەرەپ -تەرەپتىن يۇلتۇز تۆرەلمىسىنىڭ ئىچىگە قىستىلىپ كىرىپ ، يۇلتۇز تۆرەلمىسىنى توختىماي قىسىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەركىزىنىڭ زىچلىقى بارغانسىرى يۇقىرىلاپ ، تېمپۇراتۇرىسىمۇ بارغانسىرى ئۆرلەيدۇ . تېمپۇراتۇرىسى 10 مىليۇن سىېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە ، يۇلتۇز تۆرەلمىسىنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق تارىيىش يۈز بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ بىر يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇز ئاپىرىدە بولىدۇ .

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇر چىقىرشى

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇر چىقىرشى

كېچىسى ئاسمانغا قارىغىنىمىزدا كۆرگىنىمىزنىڭ كۆپىنچىسى تۇرغۇن يولتۇزدۇر ، تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نەچچە مىڭ سېلىتسىيە گىرادۇسقا ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ سىلىتسېيە گىرادۇسقا يېتىدۇ ، شۇڭا ئۇلار كۆزنى چاقنىتىدىغان يورۇق نۇر چىقىرالايدۇ ، قۇياشتىن ئىبارەت بۇ ئادەتتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇنىڭ يۈزىدىن ھەر سىكۇنىتتا ئېتىلىپ چىقىدىغان ئېنېرگىيە تەخمىنەن 386 سەپتىللىيۇن جوئول بولىدۇ ، بۇنچە كۆپ ئېنېرگىيە ئىنسانلارنىڭ 10 مىليۇن يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ. تۇرغۇن يۇلتۇزلار نېمە ئۈچۈن نۇر چىقىرالايدۇ ؟ 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى گۇمانلىق بۇ مەسىلىنىڭ سىرى نەچچە ئون يىلغا كەلگەندە ئاخىرى يىشىلدى. 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېنىشتىيىن ئاسترونوملار ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەردى ، ئەسلىدە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئىنتايىن زور ماسسىسى بولۇپ ، ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىليۇن سىلىتسىيە گرادۇسقا يىتىدىكەن ، مانا مۇشۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىلا ماددىلار ئارا ئىسسىق يادرو رىئاكسىيەسى يۈز بىرىدىكەن، تۇرغۇن يۇلتۇز رىئاكسىيە جەريانىدا بىر قىسىم ماسسىسىنى يوقىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بىرىدىكەن، بۇ ئېنېرگىيە ئىچكى قىسمىدىن سىرتقا چىققاندا نۇر تارقىتىدىكەن.

سەييارىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار نۇر چىقارمايدۇ، سەييارىلەرنىڭ ماسسىسى تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا قارىغاندا كۆپ كىچىك بولۇپ ، قۇياش سىستېمىسىدىكى ماسسىسى ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدىغان يوپىتىرنىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىىنىڭ %1 گىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا سەييارىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھەرگىزمۇ ئىسسىق يادرو رىئاكسيەسى بولغىدەك يۇقىرى بولمايدۇ.

ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز

ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز

ئاسمانغا يىيىلىپ جىمىرىلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمىزدا ، ئۇلار بىزدىن ئوخشاشلا يىراقتەك كۆرۈنىدۇ . ئەمەلىيەتتە يۇلتۇزلار بىزدىن ناھايىتى يىراق بولغاچقا ، كۆز ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يىراق - يىقىنلىقنى پەرق ئېتەلمەيمىز . ئۇنداقتا زادى قايسى تۇرغۇن يۇلتۇز بىزگە ئەڭ يىقىن ؟

بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان تۇرغۇن يولتۇز يەنىلا قۇياشتە ، قۇياشنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارلىقى 1 مىليارد 500 مىليۇن كىلومېتىر كېلىدۇ ، قۇياشتىن چىققان يورۇقلۇق 499 سىكۇنىتتىن كېيىن ئاندىن يەرشارىغا يىتىپ كېلەلەيدۇ .

قۇياشتىن باشقا يەر شارىغان ئەڭ يىقىن بولغان ، يەنە كېلىپ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز سېنتاۋر يۇلتۇزلار تۈركۈمىدىكى ئەڭ يورۇق يۇلتۇز - تالىماك بولۇپ ، بىزگىچە بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 41 تىرلىيۇن كىلومېتىر بولىدۇ ، بۇ يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقىنىڭ 27 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ . « تالىماك » تىن چىققان نۇر تۆت يىل ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن كېيىن ، ئاندىن يەر شارىغا يىتىپ كېلەلەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئاسماندا بىزگە « تالىماك » تىنمۇ يىقىن بىر تۇرغۇن يۇلتۇز بار ، ئۇمۇ سېنتاۋۇر يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ ، يەر شارىغىچە بولغان ئارلىقى 40 تىرلىيۇن كىلومېتر كىلىدۇ ، بۇ 4.22 يورۇقلۇق يىلىغا باراۋەر كېلىدۇ .قۇياشنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ئۇ ھەقىقىي تۈردە يەر شارىغا ئەڭ يىقىن تۇرغۇن يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ ، ئاستۇروملار ئۇنىڭغا سېنتاۋۇر دپ نام قويدى .

سېنتاۋۇر يۇلتۇزى « تالىماك » قا يېقىن بولۇپ ، « تاللىماك » بىلەن بىللە بىر - بىرىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ، سېنتاۋر يۇلتۇزىنىڭ يورۇقلۇقى تۆۋەنرەك بولغاچقا ، كۆز بىلەن كۆرگەندە پەقەت « تالىماك » نىلا كۆرەلەيمىز ، بىزگە تېخمۇ يېقىن بولغان سېنتاۋرنى كۆرەلمەيمىز .

قىران دەۋرىدە تۇرىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلار

قىران دەۋرىدە تۇرىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلار

كىشىلەر قىران دەۋرىدە تۇرىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزلارنى ئاساسىي تەرتىپ يۇلتۇزى دەپ ئاتايدۇ، قۇياش ھازىر 5 مىليارد ياشقا كىرگەن بولۇپ ، نەق قىرانلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ ، شۇڭا ئۇ ئاساسىي تەرتىپ يۇلتۇزىغا تەۋە.

تۇرغۇن يۇلتۇز شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن ، تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۈزلۈكسىز قىسقىراپ بارىدۇ، قىسقىراش جەريانىدا ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ ، مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەتتە مىليۇن سىېلىتسىيە گرادوسقا بارغاندىلا، ئۇنىڭدا ئەڭ مول بولغان ھېدروگىن يادرو سىنتىزلىنىپ گېلىيغا ئۆزگىرىدىغان ئىسسىق يادرو رىئاكسىيەسى باشلىنىدۇ، ئىسسىق يادرو رىئاكسىيەسىدىن ھاسىل بولغان غايەت زور ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى سىرتقا بولغان غايەت زور بىسىمنى شەكىللەندۇرىدۇ، بۇخىل بىسىم ئۇنىڭ ئىچىگە بولغان تارتىش كۈچى بىلەن ئۆزئارا يېيىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ قىسقىرىشى توختايدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاۋۇلداپ كۆيۈاتقان ئوت شارسىمان جىسىمنى كۆيدۇرۇپ تېشىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇز چوڭ بىر ئوت شارىغا ئايلىنىدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇز دەل شۇ ۋاقىتتىلا ئۇزاق مۇددەتلىك تۇراقلىق ھالەتكە كىرىپ، ئاساسىي تەرتىپ يۇلتۇزى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي تەرتىپ يۇلتۇزى باسقۇچىدىكى تۇرغۇن يۇلتۇزىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇنىڭ يورۇقلۇقىنى بەلگىلەيدۇ، ماسسىسى قۇياشنىڭ 20 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئاساسىي تەرتىپ بويىچە كۆك يۇلتۇز كۆكۆچ ئاق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ؛ ماسىسى قۇياشنىڭ نەچچە ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز ئاق ياكى سارغۇچ ئاق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ ؛ ماسسىسى قۇياش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇز بولسا يورۇقلۇق ۋە ئىسىقلىق دەرىجىسى قۇياش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان سېرىق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ، ماسسىسى قۇياشتىن كىچىك بولغان تۇرغۇن يۇلتۇز ھەمىشە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان قىزىل يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ.

ئاساسىي تەرتىپ يۇلتۇزىنىڭ ئىچىدە يېتەرلىك يادرو ئېنېرگىيەسى-ھىدروگېن بار بولۇپ ، ئۇ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت كۆيىدۇ. ئادەتتە تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ موتلەق كۆپ قىسم ۋاقتى ئاساسىي تەرتىپ باسقۇچىغا تەۋە بولىدۇ ، ئادەتتە تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ماسسىسى قانچە چوڭ بولسا ، كۆيۈشىمۇ شۇنچە شىددەتلىك بولىدۇ.

يېقىلغۇسىنىڭ خورىشىمۇ تېز بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئاساسىي تەرتىپ باسقۇچىمۇ تەبىئىيلا قىسقا بولىدۇ ، تۇرغۇن يۇلتۇزىنىڭ ماسسىسى قانچە كىچىك بولسا ، ئىسسىق يادرو رىئاكسىيەسىنىڭ سۈرئىتى شۇنچە ئاستا بولىدۇ ، يېقىلغۇنىڭ خورىشىمۇ ئاستا بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئاساسىي تەرتىپ باسقۇچى تەبىئىيلا ئۇزۇن بولىدۇ.

ئاخىرىقى باسقۇچتىكى تۇرغۇن يۇلتۇز - قىزىل گىگانت يۇلتۇز

ئاخىرىقى باسقۇچتىكى تۇرغۇن يۇلتۇز قىزىل گىگانت يۇلتۇز

نەچچە مىليارد يىلدىن كىيىن قۇياش تۇيۇقسىز كۆپۈپ غايەت زور ئوت شارىغا ئايلىنىپ ، ئۆزىگە يىقىن بولغان مېركۇرىي بىلەن ۋېنىرانى يۇتىۋالىدۇ ، يەر شارىمۇ بۇ قىسمەتتىن خالىي بولالمايدۇ ، ئۇ چاغدا يەر شارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 1000 سىلىتسىيە گرادوسقا يىتىپ ، يەر شارىدىكى بارلىق ھاياتلىق ماددىلىرى يوقىلىدۇ ، مانا بۇ ئاسترونوملار نەچچە يىللىق تەرەقىقىيات ئارقىلىق ئېرىشكەن تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق ئاخىرىقى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ ، بۇ قىزىل گىگانىت يۇلتۇز باسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .

تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاخىرىقى باسقۇچقا كەلگەندە ، تاشقى قىپىدىن باشقا ، ئىچكى قىسمىدىن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ھاسىل قىلىدىغان ماددا - ھېدروگىن مەركىزى قىسمىدا خوراپ گىلىيغا ئايلىنىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ھىدروگىن بىرىكىش ئىسسىقلىق يادرو رىئاكسىيەسى تەبىئىيلا سىرتقى قىسىمغا قاراپ يۆتكىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ مەركىزى قىسمى زور تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە تىز سۈرئەتتە يىغىلىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ - دە ، غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بىرىدۇ ، تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ سىرتقى پوستى تىزلىكتە كۆپۈدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سىرتقى كۆلىمى كېڭىيىپ ، سىرتقى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ ، ئومومىي نۇر چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۋېتىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك قىزىل رەڭلىك پىلانىتا - قىزىل گىگانىت يۇلتۇزغا ئايلىنىپ قالىدۇ .

قىزىل گىگانىت يۇلتۇزىنىڭ مەركىزى قىسمىدىكى ھېدروگىن خوراپ تۈگكەن بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى يىغىلغانلىقتىن ، تېمپېراتۇرىسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ ، گېلىي برىكىش ئىسسىق يادرو رىئاكسىيەسى باشلىنىدۇ . بۇ رىئاكسىيە بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ . مەسىلەن ، قۇياش قىزىل گىگانىت باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىنمۇ يەنە بىر بىر مىليارد يىلغىچە ئىسىق يادرو رىئاكسىيەسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ .

ئاق پەتەك يۇلتۇز

ئاق پەتەك يۇلتۇز

تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭمۇ بىز ئىنسانلارنىڭكىدەك يېشى (ئۆمرى) بولىدۇ. ئاسترونوملار تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ياشلىق مەزگىلى، ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى ۋە قېرىلىق مەزگىلىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا ئايرىيدۇ. ئاق پەتەك يۇلتۇز قېرىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغان بىر تۈرلۈك تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، ھەجمى كىچىك، تېمپىراتۇرىسى يۇقىرى، زىچلىقى زور. ماسسىسى قۇياشتىن پەرقلەنمايدىغان بىر دانە ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ <<بويى>> ئاران يەر شارىنىڭكىچىلىك كېلىدۇ. بويىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۇنىڭ زىچلىقىنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇنىڭدىكى سېرىق پۇرچاقچىلىك چوڭلۇقتىكى نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر توننا كېلىدۇ.ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 10 مىڭ سېلسىيە گرادۇسقا يىتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاق نۇر چىقىرىدۇ. ھەم <ئاق>، ھەم < پەتەك> دېيش بۇ خىل يۇلتۇزنىڭ ئەڭ ياخشى تەسۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

قۇياش

قۇياش

قۇياش ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى زور بىر ئاسمان جىسىمى بولۇپ ، كۈندۇزى ئىنسانلارنى نۇر ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېچىدىكى ئاي نۇرىمۇ ۋاستىلىك ھالدا قۇياشتىن كېلىدۇ ، بىز قۇياشنىڭ ئىنسانلارغا بولغان غايەت زور تەسىرىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرىمىز.

لېكىن مىليۇنلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار دۇنياسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇياشنى پەقەت چوڭ-كىچىكلىكى، ماسسىسى، ھەجىمى ۋە تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇراھال كەلگەن تۇرغۇن يۇلتۇز دېيىشكە بولىدۇ.

قۇياشنىڭ چوڭ -كىچىكلىك نۇقتسىدىن ئېيتقاندا ، تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئىچىدە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك تۇرغۇن يۇلتۇزلار بار، مەسىلەن: بۆرە يۇلتۇزىنىڭ ھەمراھىنىڭ رادىيۇسى پەقەت 5080 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ رادىيۇسى يەر شارىنىڭمۇ رادىيۇسىدىن كىچىك، دىيامېتىرى 10 - 20 كىلومېتىر كېلىدىغان نېيتىرۇن يۇلتۇزىمۇ قۇياشتىن ناھايىتى كىچىك، بىراق قۇياش رادىيۇسىنىڭ 1800 ھەسسىگە توغرا كېلدىغان « گىگانىت يۇلتۇز HR273 كە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قۇياش ناھايىتى كىچىك ھېسابلىنىدۇ، « گىگانىت يۇلتۇز » HR273 نىڭ ھەجىمى قۇياشنىڭ ھەجىمىنىڭ 5 مىليارد 832 مىليۇن ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ يۇپىتىرنىڭ ئوربىتىسىنىمۇ ئىچىگە سىڭدۇرالايدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇز روسبى 614 نىڭ ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ پەقەت % 7 ىگىلا توغرا كېلىدۇ؛ لېكىن تۇرغۇن يۇلتۇز HD93250 بىلەن سېلشتۇرغاندا، قۇياشنىڭ ماسسىسى پەقەت ئۇنىڭ ماسىسىسىنىڭ 120 1 گە توغرا كېلىدۇ.

سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى سېلىشتۇرساق ، قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 6000 گرادۇس كېلىدۇ، دەرىجىدىن تاشقىرى قىزىل يۇلتۇز بېتېلگېيز يۇلتۇزى بىلەن ئانتارېس يۇلتۇزىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاران 2500 گرادۇس كېلىدۇ؛ مۆڭگۈز يۇلتۇز قاتارلىق كۆك رەڭلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرلىق يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40000 گرادۇسقا يېتىدۇ.

ھەر بىر بىرلىك ھەجىمىدىكى ماددىلارنىڭ ماسسىسىنى سېلىشتۇرساق، قۇياشنىڭ ھەر كۈب سانتىمېتردىكى ماددىلارنىڭ ماسسىسى 14 گىرام كېلىدۇ ، دەرىجىدىن تاشقىرى يۇلتۇزنىڭ ھەر بىر بىرلىك ھەجىمدىكى ماددىلارنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ يۈز مىليۇندىن بىرىگە تەڭ، ئاق پاكار يۇلتۇز ، نىيترون يۇلتۇزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر كۇپ مېتىر ھەجىمدىكى ماددىلارنىڭ ماسسىسى بولسا قۇياشنىڭ نەچچە مىليۇندىن نەچچە مىليارد ھەسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

قۇياشنىڭ ھازىرقى يېشى تەخمىنەن 5 مىليارد يىل بولۇپ، يەنە 5 مىليارد يىل ياشىيالايدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلار پەقەت نەچچە يۈز مىليۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، بىراق يەنە بەزى تۇرغۇن يۇلتۇزلار 15 مىليارد يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

ئالاقىدار بايان

تۇرغۇن يۇلتۇزلار

ئۆز ئوبىتىسىدا توختىماي ئايلىنىۋاتقان سەييارىلەرگە سېلىشتۇرغاندا يۇلتۇز جىم تۇرىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ . ۋەھالەنكى ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن يۇلتۇز جىم تۇرمايلا قالماستىن ، بەلكى دائىم زور دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ . بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ، ئەڭ ئاستا ھەرىكەتلىنىدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارمۇ سېكۇنىتىغا نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئىلگىرلەپ، سەييارىلەردىنمۇ تېز ھەرىكەت قىلىدۇ . تۇرغۇن يۇلتۇزلار توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرغاچقا ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ شەكىلىمۇ ئەمەلىيەتتە توختىماي ئۆزگىرپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقىلا ، سۈرئىتى ئەڭ تېز نۇرمۇ نەچچە يۇز يىلدا ئاران يېتىپ بارالايدۇ. شۇڭا، بىز نەچچە يۈز يىلدىن كېيىنلا ئاندىن يۇلتۇزلار تۈركىمىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز .

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]