تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى

ئورنى Wikipedia
تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى


تۇرپان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر مەسچىتى . << ئىمىن ۋاڭ مۇنارى >> مۇ دېيىلىدۇ . تولۇق نامى << ئىمىن خوجىنىڭ شەپقەتكە جاۋاپ قايتۇرۇش مۇنارى >> . ئورنى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا . شەھەر بىلەن ئارىلىقى 4000 مېتىر كېلىدۇ . 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇرپان ۋاڭى ئىمىن خوجا چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سالدۇرغانىكەن . مۇنار پۈتمەي تۇرۇپ ئىمىن خوجا ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ ، كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان چىيەنلوڭنىڭ 43 - يىلى ( 1778 - يىلى ) پۈتكۈزۈپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن << سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى >> دەپ ئاتالغانىكەن . پۈتۈن قۇرۇلۇش خىشتا قوپۇرۇلغان مۇنار ، خانىقا ۋە دەرۋازا پەشتىقىدىن تەشكىل تاپىدۇ . مۇنار خانىقانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ، مۇنار دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى تاش ئابىدىگە ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە يېزىقتا ئاللاھقا ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىيەنلوڭغا يېزىلغان مەدھىيە بار ، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتىر ، تۈۋىنىڭ دېئىامېتىرى 11 مېتىر ، ئاستىدىن ئۈستىگە قەۋەتمۇ قەۋەت ئاز - ئازدىن قۇرۇلۇپ چىقىرىلغان بولۇپ ، شەكلى لوڭقىسىمان ، مۇنارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇيۇل تۈۋرىكى بار . مۇنار ئىچىدە سپىرالسىمان 72 باسقۇچلۇق پەلەمپەي بار بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق مۇنارنىڭ چوققىسىغىچە چىققىلى بولىدۇ . مۇنارنىڭ ئوخشاشمىغان تەرەپلىرىدە ئېگىزلىكى ھەر خىل بولغان ، يورۇقلۇق چۈشىدىغان ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان 14 دېرىزىسى بار . مۇنارنىڭ چوققا قىسمىدا دۈگىلەك زال بولۇپ ، تۆت تەرەپكە ئېچىلغان مېھرابسىمان ئىشىكى بار ، ئىشىكتىن چىقىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ تۆت ئەتراپنى كۆرگىلى بولىدۇ . مۇنار خىش بىلەن قوپۇرۇلغان ، نەقىشلىك خىشلار بىلەن 15 تۈرلۈك نەقىش چىقىرىلغان . ھەممە يېرىدىكى خىشنىڭ ئەسلىي رەڭگى توپا رەڭدە . مۇنار ئىچىدە بىرەر ئۇل تاش قويۇلمىغان ، ياغاچمۇ ئىشلىتىلمىگەن ، پۈتۈنلەي خىش بىلەن قوپۇرۇلغان ئۇيۇل تۈۋرۈك مۇنارنىڭ بارلىق ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . ئاددىي ۋە كۆركەم قىلىپ سېلىنغان بۇ مۇنار ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ . خانىقا توققۇز بۆلىمە كەڭلىكتە ، ئىشىكتىن تۆرگىچە 11 بۆلمە ئوزۇنلۇقتا بولۇپ ، چاسا شەكلىدە ، تۈز ئۆگزىلىك قىلىپ سېلىنغان . بىراق مېھرابنىڭ ئۈستىگە قۇببە چىقىرىلغان . خانىقا زالى بىلەن يان نامازخانىلار مېھرابسىمان ئىشىكلەر ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان . دەرۋازا راۋىقىنىڭ ئۇدۇلىنىڭ ئوتتۇرسىغا چوڭ مېھرابسىمان ئىشىك ئېچىلغان ، ئوتتۇرىدىكى چوڭ ئىشىك تۆت بۇرجەك شەكلىدە . ئىچىگە كىرگەنلا يەردە قۇببە ئۆگزىلىك چوڭ زال بولۇپ ، ئۇدۇل ماڭسا چوڭ نامازخانىغا كىرگىلى ، سولغا ماڭسا مۇنار ئېخىزىغا چىققىلى بولىدۇ . مۇنار ، خانىقا ۋە دەرۋازا راۋىقى بىر گەۋدە بولۇپ ، ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ . ئۇنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى ۋە ئۇسلۇبىنى جۇڭگو ئىسلام بىناكارلىقىدا تىكلەنگەن بىر بايراق دېيىشكە بولىدۇ . ھازىر ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە مەدەنيەت يادىكارلىقى قاتارىدا نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن .