تۇغلۇق تۆمۈرخان

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
   تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى
   ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 38كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 61-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بىر ھەيۋەتلىك مازار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدۇر. مازار چاسا شەكلىدە،ئۈستىدە گۈمبەز بار، توغرا لىمى يوق بولۇپ، ئېگىزلىكى 14مېتىر، كەڭلىكى 11مېتىر، ئىچىنىڭ ئېگىزلىكى 15مېتىر كېلىدۇ. مازاردا قەبرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. مازارنىڭ ئىشىكى شەرققە قارىتىلغان بولۇپ، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ئىككى يېنىغا ئەرەپچە مەدھىيىلەر ئويۇلغان، تاملىرى بىنەپشە،كۆك،ئاق ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان 26خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىيىلىك ۋە ئۆسۈملۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، مازارنى خېلىلا ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن. جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىكرەك قەبرە بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسى دەپنە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنداقتا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇڭغۇل خانى تۇرسا،مازىرى نېمىشقا ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان؟ ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان مۇڭغۇل خانىدۇر.
   قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پەقەت قەشقەر ۋە خوتەن ئەتراپلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن،كۇچا،تۇرپان رايونى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا يەنىلا بۇددا دىنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىيە 1219-يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، 1225-يىلى ئوغۇللىرىغا زېمىن بۆلۈپ بەرگەندە، شىنجاڭ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي قۇرغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. چىڭگىزخان ۋە مۇڭغۇل خانلىرى ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مۇڭغۇل خانلىىرى، ئالايلۇق مۇبارەكشاھ ۋە ئەڭ ئاخىرقى خان دارماشىرى تەدرىجىي ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
   1347-يىلى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغان. غەربىي چاغاتاي خانلىقى ماۋەرائۇننەھر رايونىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ھوقۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مۇڭغۇل ئاڭسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەردىكى دوغلات مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى چىڭگىزخاننىڭ 7-ئەۋلادى، ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن تۇغلۇق تۆمۈرنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى قىلىپ تىكلەپ، ئالمالىق(ھازىرقى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىدە)نى پايتەخت قىلغان. بۇ ھاكىمىيەت ئۈچچ ئەسىر داۋام قىلىپ، مۇسۇلمان تارىخنامىلىرىدە «موغۇلىستان» دەپ ئاتالغان، خەنزۇچە تارىخىي كىتاپلاردا «بەشبالىق» دېيىلگەن.
   تۇغلۇق تۆمۈر دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە خانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە بىر زور تەدبىر سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. 16-ئەسىردىكى قەشقەرلىك تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر يازغان «تارىخي رەشىدىي» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇفىزىمنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان شەيخ جالالىدىن ۋە ئەرشىدىن خوجا ئاتا-بالا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ دالالىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما، «خانلىق تەختكە ئولتۇرۇپ ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولغان» دىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خانلىق تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەرشىدىن خوجا ئاتىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە بىنائەن ئالمالىققا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانچە ئەبۇبەكر مۇھەممەد دەپ ئات قويۇپ ئۇنى مۇسۇلمان قىلغان. ئەينى چاغدا شىنجاڭدا تارقالغان دىنلار ئىچىدە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىنى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، ئىسلام دىنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم كۈچى ئەڭ كۆپ، كۈچى ئەڭ زور دىن بولۇپلا قالماستىن، داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دىن ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، تەشكىللىك ئىجتىمائىي كۈچلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئوڭاي ئىدى. ئۈچىنچىدىن، ئىسلام دىنىدىكى «غازات» ھەم ئاسانلا دىنىي ئەسەبىيلىك قوزغايتتى، ھەم ئىچكى جەھەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە، تاشقى جەھەتتە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا پايدىلىق ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان دىننى ئەمەس، بەلكى سىياسىينى چىقىش قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن دەرھال ئەرشىدىن خوجا بىلەن