تۇلۇم

ئورنى Wikipedia


قىسقىچە مەزمۇنى[تەھرىرلەش]

تۇلۇم-ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەردە قوللىنىلىدىغان سۇيۇقلۇق(ياغ، قىمىز، سېرىق ماي، بوز قاتارلىق) قاچىلايدىغان ئۆلچەش ئەسۋابى. قەدىمدە ئۇ يەنە چارۋىچىلىق رايونلىرى بىلەن شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا تاۋار ئالماشتۇرۇش توغرا كەلگەندە ھەجىم بىرلىكى قىلىمپۇ قوللىنىلغان. جۇۋەينىنىڭ «تارىخى جاھان كۇشاي» ناملىق ئەسىرىدە: «قوشۇننىڭ تەمىناتى جەھەتتە، پەرمان بويىچە جايلاردا بىر ئادەمگە بىر تاغار، يەنى 100 مانات ئۇن بىلەن، 50 مانات، يەنى بىر تۇلۇم شاراب بىلەن تەمىنلىنەتتى» دېيىلگەن(جۇۋەينى: «تارىخى جاھان كۇشاي» ، ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى، 1198-يىل نەشرى 725-بەت) مىنورىسكىينىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر تاغار 675 قاداققا تەڭ، بىر مانات بولسا ئالتە قاداقتىن سەل ئارتۇق كېلىدۇ. 50 مانات بىر تۇلۇم بولغاندا بىر تۇلۇمنىڭ ئېغىرلىقى 337 قاداق بولىدۇ. بۇ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى قوللانغان «قاپ» (سۇيۇقلۇق ئۆلچەش ئەسۋابى) دىن چوڭ بولغان بولىدۇ