تۇمارىس

ئورنى Wikipedia

تارىختىكى« ئايال خاقان تۇمارىس»نىڭ قىسقىچە تارىخى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى ، ئەقىل-پاراسەتلىك ، باتۇر يۈرەكلىك ،ۋەتەنپەرۋەر تۇران ( 7-ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار تۇران دەپ ئاتالغان )خوتۇن-قىزلىرىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى بولغان ،سىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ماساجىتلارنىڭ ئايال خاقانى مەلىكە تومېرىس( يەنى ، ئەسلى تۆمۈر بولۇپ،يۇنانچە ئاتىلىشى تۇمارىس، تۆمۈرىس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن) ئالپ ئەرتوڭا (تۇران ئېمپىراتۇرلىقىنىڭ خاقانى بولۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر خاقانلاردىن بىرى )نىڭ ئەۋرىسى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايتى يىقىن. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ئىران -ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ پادشاھى كەيكاۋۇس( يۇنانچە كىروس) ماساجىتلارنىڭ ئايال خانى تومېرىسقا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويغان،تومېرىس بۇنى رەت قىلغاندىن كيىن، كەيكاۋۇس بۇنى ئۆزىگە ھاقارەت بىلىپ،ماساجىتلارنىڭ يۇرتىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۇرۇشتا تومېرىسنىڭ باش قوماندان ھەم ۋەلىئەھدى بولغان ئوغلى سىيارغاس يارىدار بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن، سىيارغاس ئەسىرلىكىنى ئۆزىگە نۇمۇس بىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئايال خاقان تومېرىس چوڭ بىر قوشۇن بىلەن كەيكاۋۇسقا ھۇجۇم قىلدۇ،رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ زامانغىچە ،ھىچبىر بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇزۇن ۋە قانلىق ئۇرۇش خېلى زامانغىچە داۋام ئېتىدۇ، ئاخىرى،ماساجىتلار غەلبە قىلىپ ئېران قوشۇنلىرىنىڭ بۆيۈك قىسمى ئۆلۈپ،ئاز بىر قىسمى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. مەلىكە تومېرىس ئۆلگەنلەرنىڭ ئارسىدىن كەيكاۋۇسنىڭ جەسدىنى تاپقۇزۇپ،بېشىنى كىسىپ، قان بىلەن تولدۇرۇلغان تولۇمغا ئېسپ قويۇپ؛«مەن غەلبە قىلدىم ھەم ياشاۋاتىمەن! سەن ھىيلە بىلەن ئوغلۇمنى مەندىن ئايرىدىڭ! قانغا تويمىغان قانخور ،ئەمدى مەن سىنى قانغا تويغۇزىمەن!» دەپ ئۆچىنى ئالغانمىش.(مىلادىدىن ئىلگىرى 520-يىلى)

پايدالانغان ماتېرياللار:

1.«ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى» 2.سىماچىيەن، «تارىخى خاتىرلەر»