تۇماق ئۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

تۇماق ئۇرۇش ئويۇنى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتلىق ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئويۇنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ توي - تۆكۈن، جامائەت سورۇنلىرىدا ئوينىلىدۇ. تۇماق ئۇرۇش ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە كۈلكىلىك بولغاچقا، قاتناشقۇچى ۋە كۆرگۈچىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: بىر تۈز يەرگە باشلاش نۇقتىسىدىن 20 مېتىر يراقلىققا ئات بويى ئېگىزلىكىدە بىر دانە موما ياغاچ قادىلىپ، ياغاچنىڭ چوققىسىغا بىر دانە تۇماق كىيدۈرۈلىدۇ. قاتناشقۇچىلار مەيدانغا يىغىلغاندىن كېيىن، ئىككى نەپەر ئويۇن باشقۇرغۇچى ئۇلارنى رەتكە تىزىپ، رەت بويىچە تۇماق ئۇرغۇچىلارنىڭ كۆزىنى تېڭىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئويۇن باشلاش كوماندىسى بېرىلگەندىن كېيىن، كۆزى باغلانغان، قولىغا قامچا تۇتقان ئويۇن ئىشتراكچىسى ئاتقا مىنىپ 20 مېتىر ئارىلىقنى بېسىپ كېلىپ، كەينى - كەينىدىن ئۈچ قېتىم تۇماقنى ئۇرىدۇ. ئۈچ قېتىم تۇماقنى قامچا بىلەن توغرا چەللەپ ئۇرالغىنى غەلىبە قىلدۇ ھەمدە مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى ياكى توي ئىگىسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇرۇپ چۈشۈرەلمىگەنلەر مەيدان ئىچىدە ئويۇن كۆرسىتىدۇ. مۇسابىقىدە كۆز باغلىقىنى قولى بىلەن خۇپىيانە ئېچىۋېلىپ تۇماق ئۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر كۆز باغلىقىنى ئېچىۋېلىپ تۇماق ئۇرسا نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. بۇرۇن تۇماق ئۇرۇش مۇسابىقىسىدە ۋاقىت چەكلىمىسى بولمايتتى. مۇسابىقە ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ كۆرگۈچىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىش كېرەك. بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇماقنى ئۇرۇپ چۈشۈرەلمىگەنلەر ئوخشاشلا مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇن كۆرسىتىشى كېرەك." [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]