تۇنيۇقۇق

ئورنى Wikipedia

تۇنيۇقۇق ( ئەسلى يېزىلىشى : 𐱃𐰆𐰪𐰸𐰸 )

(?788 ——? 668)

پەخرىي نامى بويلاباغا تارقان بولۇپ، تۈرك خانلىقى ( كۆك تۈرك خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 552 ــ 745- يىللار ) نىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن سىياسىيۇن، ھەربىي ئىستىراتېگىيىچى، مۇتەپەككۇر ۋە ئەدىب. ئاشىدى (خىتايچە : 阿史德) لار تۈرك خانلىقى دەۋرىدە ئاشىنا (خىتايچە :阿史那) دىن كېيىن تۇرىدىغان ئىككى ھۆكۈمران قەبىلىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ كېچە – كۈندۈز ئەل- ئولۇسىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر زات ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق قابىلىيەت ۋە يۇقىرى ئەخلاققا ئىگە بولغاچقا دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىغا قاتناشقان. تۈرك خانلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندە ئۇ غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى ئىلتەرىش ( ؟ ـ 691 ) قاغاننىڭ قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرك خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەمدەم بولغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلى ( 683 ـ 716- يىللار )، بىلگە قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى ( 716 ــ 734- يىللار )غىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۈچ خانغا باش ۋەزىر بولغان.

تۇنيۇققۇق ---ئادىز قەبلىسىدىن چىققان (؟) زېھنى ئوچوق بۇ ئادەم ياش ۋاقىتلىرىدا "چاڭئەن "دە بىلىم ئاشۇرغان ،ۋەتەنپەرۋەر -خەلقپەرۋەر ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ يىتىشكەن ھەربى ئىشلار ئالىمى ئىدى ، تۇنيۇققۇق مەڭگۈ تىشى بۇنىڭ گۇۋاچىسىدۇر .