تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى

ئورنى Wikipedia

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا ئىزاھات :

بۇ مەڭگۈ تاش 1897-يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇلانباتۇرشەھرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بايىن-چوقتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان .ھازىر ئوز ئورنىدا. مەڭگۈ تاش تېكىستى ئىككى پارچە تاش مۇنارىغا ئويۇلغان بولۇپ،جەمئىي 62 قۇر، مىلادىنىڭ 712--716-يىللىرى ئارىلىقىدا ئورنىتىلغان .

تۇنيۇقۇق-كوك تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ئىلتەرىش خاقان(682--691-يىللار)،قاپاغان خاقان (716-يىلى)ۋە بىلگە خاقان (734-يىلى ۋاپات بولغان)قاتارلىقلارغا باش مەسلىھەتچى بولغان .تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىداۇنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ ،ئۇنى تۇنيۇقۇقنىڭ تەرجىمىھالى دېيىشكە بولىدۇ .

تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ غەربىي يۈزى

تېكىست تەرجىمىسى :

1)بىلگە*تۇنيۇقۇق مەن ئوزۈم تابغاچ *ئېلىدە ئوستۈم .(ئۇ زامانلاردا)تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى . 2)تۈرك خەلقىنىڭ خانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تابغاچتىن ئايرىلدى ۋە (ئۆزلىرىگە)خان تىكلىدى .(كېيىن)خاقانىنى تاشلاپ يەنە تابغاچقا تەۋە بولۇپ قالدى .تەڭرى مۇنداق دېگەن ئىكەن :سىلەرگە خان بەردىم ، 3)خانىڭلارنى تاشلاپ ،تابغاچقا يەنە تەۋە بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن تەڭرى سىلەرگە ئولۈم بەردى .(شۇڭا)تۈرك خەلقى ئۆلدى ، ھالاك بولدى ، يوقالدى .تۈرك سىر *خەلقى يېرىدە 4)بوي ئادەم قالمىدى ،ئورمانلىق ۋە تاغ-دالىلارداقالغانلىرى يىغىلىپ يەتتە يۈز بولدى .بۇلارنىڭ ئىككى ئۈلۈشى ئاتلىق ،بىر ئۈلۈشى پىيادە ئىدى .بۇ يەتتە يۈز كىشىنى باشلاپ يۈرگۈچى 5)قوشۇن ئۇلۇغى شاد * ئىدى . ئۇ ماڭا (قوشۇنىمىزغا )قوشۇلغىن ، دېدى. قوشۇلغان كىشى مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئىدىم. مەن ئۇنى خاقان قىلاي دېدىم. مەن مۇنداق ئويلىدىم :ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقا يىراقتا 6)ئۇسۈشسە، ئورۇق بۇقا بىلەن سېمىز بۇقىنى ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ .مەن ئاشۇنداق ئويلىدىم .شۇندىن كېيىن تەڭرى ماڭاەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەن ئۇنى خاقان بولۇشقا دەۋەت قىلدىم .بىلگە تونيۇقۇق بويلاباغاتارقان 7)ئىلتەرىس قاغان بىلەن بىرلىكتە ،جەنۇبتا...............شەرقتەقىتانلار*،شىمالداوغۇزلاردىن كوپ ئولتۈردۇق. بىلگەسى لەشكەر باشلىقى مەنلا ئىدىم .بىز چوغاي قوزى ۋە قارا قۇمدا ئولتۇراقلاشقان ئىدۇق 8)كېيىك يەپ ،توشقان يەپ كۈن كەچۈرەتتۇق. خەلقنىڭ قارنى توق ئىدى . دۈشمەنلىرىمىز ئەتراپىمىزدا قۇشلاردەك كوپ ئىدى . بىز جانسىز ھايۋاندەك ئىدۇق .شۇنداق ئولتۇرغىنىمىزدا ، ئوغۇزلاردىن چارلىغۇچى كەلدى. 9)چارلىغۇچىنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى:توققۇز ئوغۇز (خەلقى)ئۈستىدە خاقان ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇ تابغاچقا قۇنى سەڭۈنىنى*قىتانغا،تۇڭرا سەمنى(ئەلچىلىككە)ئەۋەتىپتۇ . ئۇلار مۇنداق سۆزنى ئېلىپ بېرىپتۇ :ئازغىنە تۈرك خەلقى 10)ھەرىكەتلىنىپ يۈرۈۋېتىپتۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ئىكەن، مەسلىھەتچىسى دانىشمەن ئىكەن .ئۇ ئىككىسىلا بولىدىكەن سەن تابغاچلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ،شەرقتە قىتانلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، بىز ئوغۇزلارنى 11) قىرىپ تاشلايدۇ، تابغاچلار،سىلەر جەنۇبتىن تېگىڭلار !قىتانلار، سىلەر شەرقتىن تېگىڭلار!مەن شىمالدىن تېگەي!تۈرك سىر خەلقى يېرىگەخان يولاتمايلى ، مۇمكىن بولسا ،ئۇلارنى يوقىتايلى ! 12)ئۇ سۆزنى ئشتىپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى .ئاندىن كېيىن خاقانىمدىن ئوتۈندۈم:تابغاچ،ئوغۇز،قىتان بۇ ئۈچى بىرلىشىۋالسا، 13)بىز تايانچسىز قالىمىز ، ئىچكى تاشقى جەھەتتىن دۈشمەڭە تۇتۇلىمىز .يۇققا نەرسىنى ئېگىش ئاسان، ئىنچىكە نەرسىنى سۇندۇرۇشمۇ ئوڭاي .يۇققا قېلىن بولۇپ كەتسە، ئۇنى ئېگىش تەسكە چۈشىدۇ ،ئىنچىكە 14)توم بولۇپ كەتسە ئۇنى سۇندۇرۇش تەسكە چۈشىدۇ . شەرقتە قىتانلاردىن ، جەنۇبتا تابغاچتىن ، غەرپتەقۇرداندىن ،شىمالدىن ئوغۇزلاردىن بولۇپ ئىككى -ئۈچ مىڭ كىشىلىكقوشۇن كېلىشى مۇمكىن . مەن (خاقانىمغا )شۇنداق دېدىم . 15) خاقانىم مەن ئوزەم- بىلگەتونيۇقۇقنىڭ ئوتۈڭەن ئوتۈنچۇمگە قوشۇلدى ."ئوز كوڭلۈڭچەىش قىلىۋەر" دېدى. كۆك ئوڭدىن يۇقىرىلاپ قوشۇننى ئوتۇكەن تاغقا باشلىدىم . ئوغۇزلار ئىنەك كۇلۇكلىرى بىلەن توغلا دەرياسىدىن كەلدى . 16)ئۇلارنىڭ ئەسكىرى ئۈچ مىڭ ئىكەن ، بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق . سوقۇشتۇق ، تەڭرى ساقلىدى ..............تارمار قىلدۇق . ئۇلار دەرياغا چۈشتى . قايتىش يولىدا يەنە ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئۆلدى . شۇنداق كېيىن ئوغۇزلارنىڭ ھەممىسى كەلدى . 17)تۈرك خاقانىنىڭ، تۈرك خەلقىنىڭ ئوتۇكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇقنىڭ ئوتۇكەندە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، جەنۇبتىكى خەلقلەر ۋە غەرپتىكى ، شىمالدىكى ، شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ بارلىقى كېلىشتى. 18)بىز ئىككى مىڭ ئىدۇق ، ئىككى قوشۇن بولدى . تۈرك خەلقى خەلق بولغاندىن ، تۈرك خاقانى تەخىتكە ئولتۇرغاندىن بۇيان شەندۇڭ شەھەرلىرىگە دەريا - دېڭىزلارغا تېگىپ باقمىغان ئىدى. خاقانىمغا ئوتۇنۈپ قوشۇن تارتتىم . 19)لەشكەرلىرىمنى شەندۇڭ شەھەرلىرىگە ۋە دەريا -دېڭىزلارغا ھۇجۇم قىلدۇردۇم ئۇلار يىگىرمە ئۈچ شەھەرنى ۋەيران قىلدى . بۇيۇرتلار خارابىلارغا ئايلاندى . تابغاچ خانى دۈشمىنىمىز ئىدى . ئون ئوق خاقانى دۈشمىنىمىز ئىدى . 20)بۇنىڭدىن باشقا قىرغىز كۈچلۈك............خاقانىمۇ دۈشمىنىمىز بولدى .بۇ ئۇچ خاقان مەسلىھەتلىشىپ ، ئلتۇن (ئالتاي)تېغىدا ئۇچراشماقچى بوپتۇ . ئۇلار مۇنداق مەسلىھەتلىشىپتۇ :بىز شەرقتىن تۈرك خاقانىغا قوشۇن چىقىرايلى، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقارمىساق ، 21)ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ، ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن ، ئاخىرى بىر كۈنى بىزنى بەرىبىر يوقىتىدۇ . ئۈچەيلەن قوشۇن چىقىرايلى ، ئۇنى يوقىتايلى ، دىيىشىپتۇ . تۇركەش خاقانى مۇنداق دەپتۇ : مېنىڭ خەلقىم ئۇيەرگە بارىدۇ . 22)تۈرك خەلقى ھەقىقەتەن بۇلغىنىپ( قالايمىقانلىشىپ )كەتتى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇزلارمۇ تارقىلىپ كەتتى . بۇگەپنى ئاڭلاپ تۈنى ئۇيقۇم كەلمىدى ، كۈندۈزى ئولتۇرغۇم كەلمىدى . شۇچاغدا، مەن : 23)...........ئالدى بىلەن قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلساق ياخشىراق بولىدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئويلىدىم . كوگمەن (تېغى) غا بارىدىغان يول بىرلا ئىكەن . ئۇنى قار قاپلىۋاپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، بۇ يولدا ماڭساق بولماسمىكىن دېدىم . يولچى ئىزدىدىم . چولگىدىكى ئاز پۇقراسىدىن بىرنى تاپتىم . 24)ئاز يېرىگە بارىدىغان يولنىڭ ئانى * دەرياسىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ، پەقەت بىرلا ئات بىلەن مېڭىشقا بولىدىغان تار يول ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ،مەن ئۇنىڭدىن يەنە سورىسام ، ئۇ بۇرۇن بىر ئاتلىق كىشىنىڭ بۇيول بىلەن ماڭغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يول بىلەن ماڭساق بولىدىكەن دېدىم . ئويلاندىم ، خاقانىمدىم 25) ئۆتۈندۈم . قوشۇن چىقارتتىم . ئات بىلەن دەريادىن ئوتۇڭلار ، دېدىم . ئاق تەرمەل دەرياسىغىچە يۈرۈش قىلدۇردۇم. ئاتلارغا مىنىپ ، ، قارلارنى بۆسۈپ ماڭدۇق . ئاتلارنى يېتىلەتكۈزۈپ ، تاياققا تايانغۇزۇپ پىيادە تاققا چىقارغۇزدۇم . سەركەرلەر 26)قار-مۇزلارنى ئاچتى ، بىز ئورمانلىق چوققىلاردىن ئاشتۇق . ناچايىتى مۇشكۈلدە تاغدىن چۈشتۇق . ئون كېچە - كۈندۈز تاغ يېنىدىكى توسالغۇلارنى ئەگىپ يۈرۈپ ماڭدۇق . يولچى ئاداشقاچقا بوغۇزلاندى . خاقانىمىز ئەنسىرەپ تېز مېڭىڭلار دېدى . 27)بىز ئانى دەرياسىغا يېتىپ باردۇق . ئۇ دەريانى بويلاپ توۋەڭە ماڭدۇق . يولدا قوشۇننى ساناش ئۈچۈن ئاتتىن چۈشۈردۇق ، ئاتلارنى دەرەخلەرگەباغلاپ قويدۇق ..........تۈننى تۈن دېمەي ، كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي شامالدەك تېز يۈردۇق . قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدۇق. 28)بىز نەيزە بىلەن .........نى ئاچتۇق .ئۇچاغدا ئۇلارنىڭ خاقانى ۋە لەشكەرلىرى توپلىنىپ بوپتىكەن . ئۇرۇشتۇق ،سانچىشتۇق ،خاقانىنى ئولتۇردۇق . قىرغىز خەلقى خاقانىمىزغا بوي سۇندى ، يۈكۈندى . بىز ياندۇق . كوگمەن تېغىنى ئەگىپ ، 29)قىرغىزلارنىڭكىدىن ياندۇق . تۇركەش خاقانىدىن چارلىغۇچى كەلدى . ئۇنىڭ سۆزى مۇنداق ئىدى ::بىز شەرقتىن تۈرك خاقانىغا لەشكەر چىقارمىساق ، ئۇلارغا يۈرۈش قىلمىساق ، ئۇلار بىزنى ئولتۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ خاقانى باتۇر ،ئەقىلدارى دانىشمەن ئىكەن . ئاخىرى بىركۈنى 30)بىزنى ئولتۇرىدۇ دەپتۇ .تۇركەش خاقانى يولغا چىقىپ بوپتۇ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە تابغاچ ئەسكەرلىرىمۇ بار ئىكەن . بۇگەپلەرنى ئىشتىپ ، خاقانىم : مەن ئۆيگە بېرىپ كېلەي ، 31)خوتۇنۇم قازا قىپتۇ، ئۇنى دەپنە قىلىۋېتەي ، سىلەر قوشۇننى باشلاپ ئىلگىرىلەۋېرىڭلار ، ئالتاي تېغىغا ئورۇنلىشىڭلار ،ئىنەل خقان بىلەن تاردۇش شاد لەشكەر بېشى بولۇپ ئىلگىرىلىسۇن . دېدى. ئۇ مەنكى بىلگە تونيۇقۇققا مۇنداق دېدى: 32) "سەن بۇ قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىل . قىيىن ئىشلاردا ئوز كۆڭلۈڭچە قارار چىقىرىۋەرگىن ! مەن ساڭا يەنە نېمە دەي ؟ ئەگەر ئۇلار كېلىپ قالسا ، خەۋەرچىلەرنى كۆپەيتكىن ، كەلمىسە تىل (ئەسىر)تۇتۇپ سۆزىنى توپلاپ تۇرغىن "دېدى . بىز ئالتۇن تېغىدا ئولتۇراقلاشتۇق. 33)ئۈچ پايلاقچى قايتىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئوخشاش ئىدى : ئون ئوق خاقانى قوشۇن چىقىرىپتۇ ، ئون ئوق قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي قوزغىلىپتۇ . ئۇلار بىز يارىس تۈزلەڭلىكىدە توپلىنايلى دىيىشىپتۇ . بۇسوزلەرنى ئىشتىپ خاقانغا مەلۇم قىلدىم . قانداق قىلسام بولار ؟دەپ تۇرغىنىمدا يەنە جاۋاب كەلدى : 34)ئورنىڭلاردا تۇرۇۋېرىڭلار ، ئاتلىق قاراۋۇللارنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇڭلار دېگەن گەپلەرنى بوگۇ خاقان ماڭا ئەۋەتىپتۇ . لېكىن ئۇ ئاپاتارقانغا يەنە :"بىلگە تونيۇقۇق يامان ئادەم ، قارا نىيىتى بار 35)ئەگەر ئۇ قوشۇن چىقىرىمەن دېسە ئۇنىماڭلار "دەپ مەخپىي گەپ ئەۋەتىپتۇ . بۇسوزلەرنى ئىشتىپ قوشۇن چىقاردىم .بىز ئالتۇن تاغنىڭ يولسىز جايلىرىدىن ئاشتۇق ، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ كېچىكسىز جايلىرىدىن كېچىپ ئۆتتۇق . بىز تۈن بويى ئىلگىرىلىدۇق . بولچۇ غا تاڭ يورۇغاندا تەگدۇق . 36)"تىل "كەلتۈرۈلدى ، ئۇ يارىس تۇزلەڭلىگىدە ئون تۈمەن ئەسكەر توپلاندى دېدى . بۇ سۆزلەرنى ئىشتكەندىن كېيىن بەگلەرنىڭ ھەممىسى : 37) يانايلى ! ساپ نومۇس ئەلا ( شەرەپلىك مەغلۇپ بولغان ياخشى)!دېدى. مەنكى بىلگە تونيۇقۇق ئۇلارغا :"بىز ئاتۇن تېغىنى ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىن 38)ئۆتۈپ كەلدۇق . كەلمىگىمىز قىيىنغا چۈشتى . كەلگىنىمىزنى ئۇلار تۇيمىدى . تەڭرى ، ئۇماي ، مۇقەددەس يەر -سۇ بىزگە مەدەت بېرىدۇ . بىز يەنە نېمىشقا تېزىپ كېتىمىز ؟! 39)ئۇلارنىڭ ئادىمىنىڭ كوپلىگىدىن نېمە ئۈچۈن قورقۇپ كېتىمىز ؟ ئادىمىمىزنىڭ ئازلىقى تۈپەيلى ئۇلاردىن يېڭىلىپ قالاتتۇقمۇ ؟ تېگەيلى!" دېدىم . تەگدۇق . يېڭىپ چىقتۇق . ئىككىنچى كۈنى ئۇلار يەنە كەلدى . 40) ئۇلار ئوتتەك قىزىپ كەلدى . سوقۇشتۇق ، ئۇلارنىڭ ئىككى قاناتتىكىلىرى بىزنىڭكىلەردىن سىڭارچە(يېرىم ھەسسە) كوپ ئىدى . تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ كوپلىگىدىن 41) قورقۇپ كەتمىدۇق . سوقۇشتۇق. تاردۇش شاد جەڭگە قاتناشتى . بىز يەڭدۇق . خاقانىنى تۇتتۇق . يابغۇسى ۋە شادى 42) شۇيەردە ئۆلتۈرۈلدى .ئەللىكچە ئادىمىنى تۇتتۇق .شۇكېچىسى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ئەلچى ئەۋەتتۇق . بۇخەۋەرنى ئىشتىپ ئون ئوق بەگلىرى ۋە خەلقى پۈتۈنلەي 43) كەلدى ، يۈكۈندى ئەل بولغان بەگلەر ۋە خەلقلەرنى تەشكىللەۋاتقىنىمدا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قېچىپ كەتتى . ئۇلارنى قوغلاشقا ئون ئوق ئەسكەرلىرىنى چىقارتتىم . 44) بىزمۇ ئەسكەر چىقاردۇق .ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ماڭدۇق . يىنچۇ(ئۈنچە)دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، "تىنسى ئوغلى* " دەپ ئاتىلىدىغان مۇقەددەس ئاق تاغدىن ئاشتۇق . 45) تاكى تومۇر قاپقىغىچە * باردۇق . قوشۇننى شۇيەردىن ياندۇردۇق . ئىنەل خاقان ..............ساقا *تەزىك * توقرى * 46) ۋە شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ئاسۇق باشچىلىقىدىكى سوغداق خەلقلىرىنىڭ ھەممىسى ئەل بولدى، يۈكۈندى .........تۈرك خەلقى تومۇر قاپقىغا 47) ۋە "تەڭرى ئوغلى "دەپ ئاتىلىدىغان تاققا ئەزەلدىن تېگىپ باقمىغان ئىدى . مەنكى بىلگە تويۇقۇق ئۇ يەرگە يۈرۈش قىلدۇرغانلىقىم ئۈچۈن 48) ئۇلار (سوغداقلار)سانسىزلىغان سېرىق ئالتۇن ، ئاق كومۈش ، قىز ئاياللارنى ،ئېسىل ئېگەر- جابدۇق ۋە ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى كەلتۈردى . ئىلتەرىس خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن ، 49) باتۇر بولغانلىقى ئۈچۈن تابغاچ بىلەن ئون يەتتە قېتىم سوقۇش قىلدى ، قىتانلار بىلەن يەتتە قېتىم سوقۇشتى . ئوغۇزلار بىلەن بەش قېتىم ئۇرۇش قىلدى . شۇ چاغدىمۇ ئەقىلدارى 50) يەنىلا مەن ئىدىم ، ياغىچىسى(تەشكىللىگۈچىسى)يەنىلا مەن ئىدىم . ئىلتەرىس خاقانغا ، تۈرك بوگۇ خاقانغا ، تۈرك بىلگە خاقانغا ......... 51) قاپاغان قاغان يىگىرمە يەتتە ياش ۋاقتىدا، مەن قاپاغان قاغانغاياردەملىشىپ ئۇنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدۇم . تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم ، 52) كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم . قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم ، قارا تەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم . مەن (دۆلەت)ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم . مەن ئوزەم يەنە ئاتلىق قوشۇن چىقاردىم . 53) مەن ئوردا قاراۋۇللىرىنى () كېڭەيتتىم .يېنىپ - يېنىپ تۇرغان دۈشمەنلەرنى بوي سۇندۇردۇم . خاقانىم بىلەن بىرگە (كۆپ قېتىم)جەڭگە قاتناشتىم . تەڭرى ساقلىدى . 54)مەن تۈرك خەلقى زېمىنىدا تولۇق قوراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم . بەلگىسى بار ئاتلارنىڭ ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرۈشىگە يول قويمىدىم . ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، 55) ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشمىغان بولسام ، دۆلەت ۋە خەلق يوق بولغان بولاتتى . ئۇ تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن ، 56) دۆلەت يەنىلا دۆلەت بولدى ،خەلق يەنىلا خەلق بولدى . ئۆزۈم قېرىدىم . ئۇلۇغ بولدۇم . ھەر قانداق يەردىكى خاقانلىق خەلقلەردە 57) مەندەك ئادەم بولىدىكەن ، ئۇلاردا نېمە غەم بولسۇن . 58) تۈرك بىلگە خاقان ئېلىگە ، مەنكى بىلگە تونيۇقۇق (بۇ مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرنى ) يازدۇردۇم . 59) ئىلتەرىس خاقان تىرىشمىغان بولسا ، مەن ئۆزۈم - بىلگە تونيۇقۇق تىرىشمىغان بولسام ، مەن بولمىغان بولسام ، 60) قاپاغان قاغان ۋە تۈرك سىر خەلقى تۇپرىقىدا خەلق ئادەم - ئىنسان بولمىغان بولاتتى . 61) ئىلتەرىس خاقان ۋە مەنكى بىلگە تونيۇقۇق تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن قاپاغان قاغان ۋە تۈرك سىر خەلقى مۇشۇنداق ياشاپ قالالىدى . 62) تۈرك بىلگە خاقان تۈرك سىر خەلقىنى ، ئوغۇزلارنى باقماقتا .

مەڭگۈ تاشتىكى سۆزلەرگە ئىزاھات :

تابغاچ --مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىدە خاس تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ .

سىر --تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .

شاد -- مەنسەپ ، ئەمەل نامى .

سەڭۈن -- قەدىمكى تۈرك تىلىدا جىياڭجۈننى شۇنداق ئاتىغان .

ئوتۇكەن تاغ -- تۈرك خەلقى ئەزەلدىن چوقۇنۇپ كەلگەن مۇقەددەس تاغلارنىڭ بىرى . ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا توغرا كېلىدۇ .

ئون ئوق خاقانى -- غەربىي تۈرك خاقانىنى كۆرسىتىدۇ .

تۇركەش -- تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى .

ئاز -- يەتتە سۇ ئەتراپىدا ياشىغان تۈركەشلەرنىڭ بىر قوۋمى .

تىنسى -- خەنزۇچە تىيەن زى (تەڭرى ئوغلى ) دىن كەلگەن .

تومۇر قاپىغ -- سەمەرقەند بىلەن بەلخ ئارىسىدىكى بوز قالا تېغىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم ئۆتكەل .


ئەسكەرتىش : ئەسلى تېكىست ۋە تەرجىمىلەردە ئۇچرايدىغان "..............." چېكىتلەر مەڭگۈ تاشتا ئۇپراپ بۇزۇلغان جاينى كۆرسىتىدۇ . تەرجىمىدە ( ) ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەرنى ئۆزىمىز قوشتۇق . مەنبە : ئورخۇن تورى ئاققۇ تورىدىن ئىلىندى