تۇپراق

ئورنى Wikipedia

تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان كۆپ كاۋاكلىق ئاددى ماددا بولۇپ پۈتكۈل كائىنات جىسىملىرىنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ چېچىلاڭغۇ جىسىم بولۇپ يەككە ھالەتتە ھەقىقى بىرلىك ھالىتىنى ساقلايدۇ. سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆز ئارا بىرىكىپ دانچە ھالىتىگە ۋە مۇرەككەپ شەيئىنىڭ ھالىتىگە كىرىدۇ.

چۈشەنچە[تەھرىرلەش]

تۇپراق ھەققىدە ئۇيغۇر تىبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە تەبىئەتشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەردە ‹‹ تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان ئاددى جىسىم بولۇپ ئۇنىڭ تەبىئى ئورنى ھەممە جىسىملارنىڭ تۆۋىنىدە، ئۇ ئۆز تەبىئىتى بىلەن شۇ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۆز ئورنىدىن ئاجرىسا يەنە شۇ ئورۇنغا قاراپ ھەركەت قىلىدۇ، بۇ تۇپراقنىڭ مۇتلەق ئېغىرلىقىدىندۇر. ئۇ ھەرقانداق نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنى ئۇنىڭغا قويسا تۇرىدۇ ›› دەپ كۆرسەتكەن.

ئومۇمەن تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان كۆپ كاۋاكلىق ئاددى ماددا بولۇپ پۈتكۈل كائىنات جىسىملىرىنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ چېچىلاڭغۇ جىسىم بولۇپ يەككە ھالەتتە ھەقىقى بىرلىك ھالىتىنى ساقلايدۇ. سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆز ئارا بىرىكىپ دانچە ھالىتىگە ۋە مۇرەككەپ شەيئىنىڭ ھالىتىگە كىرىدۇ. ئۇ ھەرقانداق ماددىنىڭ شەكىل ھالىتىنى سۇنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ساقلايدۇ، باشقا ماددىلارنىڭ ئورنىنى يەنە تۇپراق ساقلايدۇ، ئۇ باشقا ماددىلارنىڭ پارچىلاش، بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەم باشقا ماددىلارنى تازلاش، سۈزۈش، ماددىنىڭ ھالىتىنى (شەكلىنى ) بارلىققا كەلتۈرۈش ھەم باشقا ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى تەڭشەش، ماددىلارنىڭ ھەركەت ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماددا ئېنىرگىيىسىنى زاپاس ساقلاش، باشقا ماددىلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋتىنى ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە، نىسپى ياكى مۇتلەق تەڭشەيدۇ، ئۇ باشقا ماددىلارنىڭ ( ئوت، ھاۋا، سۇ) مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ ئۇلار ئارقىلىق ئورىلىپ ( قورشىلىپ ) تۇرىدۇ. ئورۇن جەھەتتىن ھەممىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان، ۋەزىن جەھەتتىن مۇتلەق ئېغىر ، كەيپىياتى قۇرۇق سوغۇقتۇر .

خەنزۇچە نامى[تەھرىرلەش]