تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search
Baýramaly بايرامئالى

يەتتە سۇ ۋادىسىدا ياشايدىغان 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى مورغاپ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ بارغان. مورغاپ دەرياسى ۋادىسى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ دەريانىڭ بىرى. تارىختا يىپەك يولى ئارقىلىق قەدىمكى مىسىر، بابىل، پېرسىيە، كاۋكاز ۋە يىراق شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قەدىمكى مەشھۇر شەھەر «مەرۋ» ئەنە شۇ مورغاپ دەريا ۋادىسىدا گۈللەپ، تەرەققىي قىلغان. 2500 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي شەھەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7- ئەسىردىن باشلاپلا ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنىدى. كېيىنچە مورغاپ دەرياسىدا سۇنىڭ ئازلاپ كېتىشى بىلەن، جىلغىلار قاغجىراپ، ئېكىنزارلىق ۋە باغبارانلار مۇقىملىشىپ كەتكەن. تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر چار پادىشاھ بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي زېمىنى سۈپىتىدە باشقۇرۇپ كەلگەن بولۇپ مورغاپ دەرياسىدىن سۇ چىقىرىپ دېھقانچىلىق قىلىش مەقسىتىدە، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقاننى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مورغاپ جىلغىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھاياتى باشلانغان.
تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى مورغاپ دەريا جىلغىسىدىكى بايرام_ ئالى، مېرۋ، يۇرتان ۋە باشقا رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان. 1990- يىلىدىكى سىتاتسىكىدىن قارىغاندا، يۇقۇرقى جايلاردا 250 ئۆيلۈك ئۇيغۇر، 1392 نوپۇس بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ %90 ى بايرام _ ئالى شەھىرىگە توپلانغان. ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ۋەئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادىتىنى ساقلاپ، ئۆز تارىخىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
بايرام ئالىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر دەسلەپتە، 1960- يىللارنىڭ باشلىرىدا «كوممۇنىزىم تۇغى» گېزىتىدە بېرىلگەن. 1962-يىلى تاشكەنت ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوتسېنتى نىكراسكايا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلغان.1963- يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى سەئىدۋاققاسوف بايرام-ئالىدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1961-،1964- يىللىرى ئارىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈشى[تەھرىرلەش]

18 -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچلىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرى بىلەن چىڭ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ زۇلمىغا چىداپ تۇرالماي قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولۇپ ، ۋەھشىيانە باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا قېچىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. مەسىلەن ، 1830-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەند ىانلىقىغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10مىڭدىن 12 مىڭغىچە بولغان ؛ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 70 مىڭ ئادەم كۆچۈپ كەلگەن. 1857-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدىن 15 مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئۇيغۇر ئاھالىسى قوقەند خانلىق تەۋەسىگە قېچىپ كېلىۋالغان. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا (ئاساسلىقى پەرغانە جىلغىسىغا كەلگەن)غا قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 85 مىڭدىن120 مىڭغىچە بولغان. 1884-يىلى ئىلى تەۋەسىدىن ۋېرنا (بۈگۈنكى ئالما-ئاتا) ئوبلاستىغا 45مىڭ 373 ئۇيغۇر قېچىپ بارغان.1881-يىلىدىن 1883-يىلىغىچە يەتتە سۇ ۋادىسىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلار ئاساسلىقى ياركەنت ، ئاقسۇ ، كەتمەن ، مەرۋى ، كورام ، قارا سۇ ، پىشپەك(بېشكەك) قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولسا ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سىر دەريا ئوبلاستىغا تەۋە جامبۇل ، پەرغانە ئوبلاستىغا تەۋە ئوش قاتارلىق قايلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھاممال ، ھارۋىكەش (مەپىچى)، كاھىشچىلىق(خۇمدانچىلىق) قاتارلىق ئېغىر جىسمانىي ئامگەكلەرگە تايىنىپ كۈن كەچۈرگەن.

شىنجاڭ تەۋەسىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 194مىڭدىن 215 مىڭغىچە بولۇپ ستاتسىكىلانغان. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىش جەريانىدا ئازاپ ئوقۇبەتلەرنى كۆپ تارتقان ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاچچىق ۋە سوقوق دەستىدىن يول ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئاشۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن بوز يەر ئېچىپ ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ھويلا – ئاراملىرىنى قۇرۇپ چىقىش تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان. بولۇپمۇ يوقسۇل ،ئاجىز،ئۆي سالغۇدەك قۇربىتى يوق كەمبەغەللەر نەچچە يىللاپ گەمىلەردە ۋە كەپىلەردە يېتىپ كۈن ئۆتكۈزگەن. شۇ چاغلاردا چار پادىشاھنىڭ ئۇلارغا تەقسىملەپ بەرگەن يەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈنۈمسىز ، سۇ كەمچىل بولغان چۆل بولۇپ ، ئۇلار ئەنە شۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ قان_تەر ئاققۇزۇپ ، جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ، ئاشۇ پايانسىز چۆل جەزىرىلەرنى گۈزەل ئېكىنزارلىققا ئايلاندۇرغان. چار پادىشاھنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈرۈپ كېلىشىمۇ ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەئەتىنى ئويلاشتىن بولغان. بىرىنچىدىن ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا- تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمانلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان. ئىككىنچىدىن ، ئوتتۇرا ئاسىيا- تۈركىستاندىكى بوز يەر يەر ئاچقۇچىلارنىڭ سانىنى كۆ كۆپەيتىشنى مەقسەد قىلغان. ئۈچىنچىدىن ، تەرەققىي قىلىۋاتقان روسىيە سانائەت كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىن ئېتىشنى مەقسەد قىلغان ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىشلەمچىلىككە ۋە تىجارەت قىلىشقا كەلەەنلەر بولۇپ ، كېيىنچە ئۇلارمۇ ئولتۇراقلىشىپ قالغان.19-ئەسىرنىڭ90-يىللىرىغا كەلگەندە شىجاڭ تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچىدىغانلارنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىغان.

تۈركمەنىستانغا مۇساپىر بولۇش[تەھرىرلەش]

تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مىلادى 1883-يىلى تۈركمەنىستانلىق يۈسۈپخان بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى گۈلجامالخان سانت پېتېر بورگقا بېرىپ چارپادىشاھقا سوۋغات تەقدىم قىلغان. بۇ ئىككىيلەن شۇ قېتىم تۈركمەنىستان شەھرىنىمۇ سوۋغات سۈپىتىدە چارپادىشاھنىڭ قىزىغا ھەدەيە قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەر چارپادىشاھنىڭ خۇسۇسىي زىمىنى بولۇپ قالغان.1884-يىلى مورغاپ دەريا ۋادىسىروسىيە ئىمپىرىيسىگە تەۋە قىلىنغان. ئىمپراتۇر ئالىكساندىر 3 ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ يەردىن پايدىلىنىپ روسىيە ئۈچۈن يېزا ئىەىلىك مەھسۇلاتلىرىنى، ئاساسلىقى پاختا ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تۈزۈشكەن چارروسسىيە دائىرلىرى يەتتەسۇ ۋادىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ «دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا ماھىرلىقىغا بۇ يەردىكى ھېچقانداق مىللەتنىڭ يېتەلمەيدىغانلىقى»نى بايقىغان.شۇنىڭ بىلەن 1890-يىلى چارپادىشاھنىڭ مورغاپ ۋادىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى پولكوۋنىك لودسوف يەتتەسۇ ۋادىسدىن بۇ يەرگە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، پادىشاھنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان.

يەنى 1889-يىلى باھاردا، پولكوۋنىڭ لودسوف ۋېرنا (بۈگۈنكى ئالمۇتا) غا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرىدىن زەينىدىن ئاخۇن، ئىمىر ھەمزە ۋە نۇردۇنلار بىلەن ئۇچرشىپ، ئۇلارنى سېتىۋالغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدىن زەينىدىن ئاخۇن مورغاپ دەريا ۋادىسىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆز قېرىنداشلىرىنى تۈركمەنىستانغا كۆچۈپ بېرشقا بارلىق چارە-ئاماللار بىلەن رىغبەتلەندۈرگەن. ھەتتا ئۇ كىشىلەرنى ئالداپ «مورغاپ دەرياسىنىڭ بويلىرى بەئەينى جەننەت ئىكەن، ئۇ يەردە خورمىلار يىل بويى مەي باغلاپ پىشىپ تۇرىدىكەن، ئىگىزرەك دۆڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسىلا، مەككىنى كۆرگىلى بولىدىكەن؛ ئەگەر بېرىشنى خالىساڭلار، ھەممىڭلار ھاجى بولالايسىلەر» دېگەن. مانا شۇنىڭ بىلەن چارپادىشاھنىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش پىلانى ئاسانلا ئەمەلىيلەشكەن. ئۇلار پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشتا تۈرلۈك شەرتلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەمدىلەتىن كۆچۈپ بارغان، تېخى تۈزۈكرەك يەرلىشىپ كېتەلمەيۋاتقانلارنى مورغاپ ۋادىسىغا كۆپرەك كۆچۈپ بېرىشقا قىزىقتۇرغان.

بىرىنچى تۈركۈم ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى 1890-يىلى باھاردا كاسپى دېڭىزى قىرغىقىغا قاراپ كۆچۈش سەپىرىگە ئاتلانغان. ئۇلار جەمئىي 272ئائىلىلىك، 1303ئادەم(كۆپ قىسمى بويتاق نەۋقىران ياشلار )بولۇپ، ئالتە ئاي يول يۈرۈپ سەمەرقەنىتكە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ، تاشكەنىتكە يېتىپ كەلگەندە، يەرلىك كىشىلەر ئۇلارنى توسۇپ، ئۇلارنىڭ شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاچ-يالىڭاچ، جۇلدۇر كىپەن ھالەتتىكى بۇ كىشىلەر تۈركمەنىستانغا بېرىش ئىرادىسىدىن يانماي، مەككىنى تاۋاپ قىلىۋېلىشنى بۇ يەردە قېلىشتىن ئەۋزەل كۆرۈشكەن. ئۇلار بارار جايىغا يېتىپ بېرىشقاندىلا، ئەھۋالنى كۆرۈپ، لودسوفنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرغان قاپقىنىغا دەسسىگەنلىكىنى ئاندىن بىلىپ يېتىشكەن. ئۇلار بارغان جاي پايانسىز قۇملۇق بولۇپ، ئاچارچىلىق ۋە تومۇز ئىسسىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىشقان. ئۇلار شۇ يەردە سۇ ئامبىرى ياساشقان، ئۆستەڭ قېزىپ سۇ باشلىغان، بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلغان.خۇمداندا خىش پىشۇرۇپ ئۆي سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى بىر يۇرت-ماكانىنى بەرپا قىلىشقا كىرىشكەن. مەسىلەن، تۈرمەنىستاندىكى مەمەيۈزى، دادامتۇ، توققۇزتارا ، چاپچال دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ئەنە شۇلارنىڭ مىسالىدۇر يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار يەرلىكتىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە يۇت-ماكانلىرىنى قۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مەسىلەن، تۈركمەنىستاندىكى ئەڭ چوڭ قانال بولغان قارا قۇم قانىلىنى قېزىش ۋەزىپىسىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىممىسىگە ئېلىپ پۈتتۈرگەن.قۇرۇلۇشنىڭ باش ئىنژېنېرلىقىنىمۇ تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان سۇ ئىشلىرى مۇتەخەسىسى مەمەتخان غازىتوپ ئۈستىگە ئالغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىغا تۈكمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن 150نەۋقىران يىگىت قاتنىشىپ، ئۇلاردىن 53نەپىرى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان

تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار جاپالىق شارائىت ئاستىدا، ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن، پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن.1990-يىللاردىكى سىتاستىكىدىن قارىغاندا، ئۇلاردىن 49كىشى ئالىي مەكتەپ، 73كىشى ئوتتۇرا تېخنىكۇم مائارىپ تەربىيسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى نەپىرى كاندىدات دوكتۇرلۇق ئونۋانى ئالغان، 26كىشى ئىنژېنېر-مۇتەخەسسس بولغان، 42ئادەم مائارپ خىزمىتىنى ئۆتىگەن. ئۇلاردىن باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تىبابەتچىلىك ۋە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

يەنى 1919-يىلى تۈركمەنىستاندىكى پىشقەدەم مائارىپچى مەرۇپ مەمەتوف يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، تۇنجى قېتىم يەتتە يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنى قۇرۇپ چىققان. تاكى1937-يىلى سىتالىننىڭ چەكلىشى بىلەن مەكتەپ تاقالغانغا قەدەر، تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى مەرۇپ مەمەتوف ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن. مەكتەپ تاقالغاندىن كېيىن، مەروپ مەمەتوف تاشكەنىتكە بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرغان. كېيىن ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى، رادىئو-تېلېۋىزىيە كومېتىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ئۈچ قىزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىببىي پەنلەر دوكتۇرى، فىزىكا ئىلمى كاندىدات دوكتۇرى، تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى بولۇپ ، مەرۇپ مەمەتوفنىڭ ئائىلىسى تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى بولۇپ قالغان.

يەنى 1990-يىلى 4-ئايدا تۈركمەنىستاندا داغدۇغىلىق مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركمەنىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 100يىللىقى خاتىرلەنگەن. شۇ قېتىم قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستانلاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تۈركمەنىستانغا كېلىپ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، تۈركمەنىستاندىكى قېرىنداشلىرى بېسىپ ئۆتكەن بىر ئەسىردىن كۆپرەك جاپالىق تارىخي كەچۈرمىشلەرنىڭ ئەسلىمىسىگە داخىل بولغان.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ھەبىبۇللا مۇنەۋۋەر، تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرى، «جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ژورنىلى 2004-يىللىق 2- سان