تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسىتى

ئورنى Wikipedia

تۈركىيەدە ئىقامەت (ئىستىقامەت\ئولتۇراقلىشىش) رۇخسەتلىرى "كۆچمەنلەر ئىدارىسى باش مۇدىرلىقى" تامانىدىن تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مېنىسترلىكى كۆزىتىشى ئاستىدا بېرىلمەكتە، ئىشلەش رۇخسەتلەرى ئىسە "خەلقئارالىق ئەمگەك كۈچى باش مۇدىرلىقى" تەرىپىدىن ئىشلەش ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك نازىرلىقىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا بېرىلمەكتە. پۈتۈن ئىلتىماسلار، ئىقامەت رۇخسىتى (ikamet izni) ۋە ئىشلەش رۇخسىتى (çalışma izni) ئۈچۈن، تۈركىيە دۆلىتى قۇرغان تور بەتلەردە تور شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ئىقامەت رۇخسىتى ئىلتىماسلارى "[1]e-İkamet"، ئىشلەش رۇخسىتى ئىلتىماسلارى ئىسە "e-Devlet" تور بەتلىرىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.[2]

تۈركىيەدىكى قانۇنىي شەرتلەر يۈزىدىن شىركەتلەرنىڭ چەتئەللىك خىزمەتچى ئىشلىتىش ئۈچۈن كەمىدە 100 مىڭ تۈرك لىراسى تۆلەنگەن سەرمايەسى ۋە ئەڭ ئاز 5 تۈرك خىزمەتچىسى بار بولىشى كېرەك.[3][4]

ئىشلەش رۇخسىتى تۈرلەرى[تەھرىرلەش]

تۈركىيەدە ئىشلەش رۇخسەتى، چەتئەللىكلەرگە بېرىلگەن بولسىمۇ، چەتئەللىك شەخس ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغان شركەتكە باغلىق بولىدۇ. تۈركىيەدە چەتئەللىكلەرگە قارىتا كەسپى، ئىقتىدارى ۋە تۇرۇش مۇددىتىگە كۆرە ئىشلەش رۇخسەتلىرى بېرىلمەكتە.[5]

مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى[تەھرىرلەش]

مۇددەتلىك ئىشلەش رۇخسەتى چەتئەللىكنىڭ مەلۇم بىر جوغراڧىيلىك رايوندا ئىشلەش ئۈچۈن، مەلۇم بىر كەسبتەم مەلۇم بىر ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن، بەلگىلىك مۇددەت ئۈچۈن ۋە تۇنجى ئىلتىماستا ئەڭ كۆپ بىر يىللىق مۇددەتكە ئىگە بولغان بىر ئىشلەش رۇخسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئىشلەش رۇخسىتى ھەر يىل يېڭىلىنىدۇ ۋە ئۇخشاش بىر ئىشلەتكۈچىگە ئىشلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ھەر يىل مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتالايدۇ. بۇ تۈر ئىشلەش رۇخسەتى ھەم دۆلەت ئىچىدىن، ئىلتىماسى ئىشلەش ۋە ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك نازىرلىقىغا سۇنىلىدۇ، ئىھتىياجقا كۆرە بۇ قېتىم تۈرك كونسولى تەرىپىدىن قىلىنىدۇ.[3][5][6]

مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسىتى[تەھرىرلەش]

مۇددەتسىز ئىشلەش رۇخسەتى تۈركىيەدە ھېچبىر جوغراپىيىلىك رايون، كەسىب، ئىشلەتكۈچى ياكى مۇددەت چەكلىمىسى بولمىغان ھالدا چەتئەللىكلەر ئۈچۈن قانۇنىي ئىشلەش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىگە شەخسلەر ئۈچۈن تۈرك ئەمگەك كۈچى بازارى چەكلىمىلىرى دىققەتكە ئېلىنمايدۇ. لېكىن مۇددەتىسز ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىك شەخسنىڭ تۈركىيەدە كەمىدە 8 يىل ئۈزلۈكسىز ۋە قانۇنىي ھالدا ئىقامەت (ئىستىقامەت) قىلغان بولىشى ياكى كەمىدە 8 يىل تۈركىيەدە قانۇنىي ھالدا ئىشلىگەن بولىشى كېرەك.[3][5]

مۇستەقىل ئىشلەش رۇخسىتى[تەھرىرلەش]

مۇستەقىل ئىشلەش رۇخسەتى چەتئەللىك شەخسنىڭ ھېچبىر جوغراپىيىلىك رايون، كەسىب، ئىشلەتكۈچى ياكى مۇددەت چەكلىمىسى بولمىغان ھالدا چەتئەللىكلەر ئۈچۈن قانۇنىي ئىشلەش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىگە شەخسلەر ئۈچۈن تۈرك ئەمگەك كۈچى بازارى چەكلىمىلىرى دىققەتكە ئېلىنمايدۇ. لېكىن مۇستەقىل ئىشلەش رۇخسىتىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىك شەخسنىڭ تۈركىيەدە كەمىدە 8 يىل ئۈزلۈكسىز ۋە قانۇنىي ھالدا ئىقامەت (ئىستىقامەت) قىلغان بولىشى كېرەك. يېڭى سىياسەت سايىسىدە ھەسسىدار باشقۇرغۇچى پاي چەكلىك شىركەتلەر، ھەسسىدار ئەزادىن تەشكىل تاپقان پاي ھەسسىدار شركەتلەر ۋە ھەسسىدار باشقۇرغۇچىلار تىجارىي شركەتلەر ئىشلەش رۇخسەتى ئېلىشى مەجبۇرىيدۇر.[7]

ئالاھىيدە ئىشلەش رۇخسەتلەرى[تەھرىرلەش]

ئالاھىيدە ئىشلەش رۇخسەتى ئىشلەش ۋە ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك نازىرلىقى بەلگىلىگەن شەرتلەر سىرتىدا تۇتۇلغان تۈركىيەدە ئىشلەش ئىستىگەن چەتئەللىكلەرگە بېرىلىدۇ. ئالاھىيدە ئىشلەش رۇخسەتى ئىشلەش ۋە ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك نازىرلىقى تەرىپىدىن ئاتقارىلغان بىر تەكشۈرۈش نەتىجەسىدە تەقدىم قىلىنىدۇ.[7]

تۇركۇۋاز كارتا[تەھرىرلەش]

تۇركۇۋاز كارتا ياكى تۇركۇۋاز كارت دەستلەپكى 3 يىل بويىچە ئىشلەش رۇخسەتى ۋە ئىقامەت رۇخسەتى كارتلارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا تۇركۇۋاز كارت جۆرىسى ۋە بېقىش مەجبۇرىيىتى بولغان بالالارى ئۈچۈن ئىقامەت ئىزنى ھەققى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۇركۇۋاز كارت تۈرك خەلقئارالىق ئەمگەك كۈچى كومىتېتى تەرەڧىدىن بېرىلگەن تەۋسىيەسى ئۈستىگە ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، كەسبىي تەجرىبىسى، چەتئەللىكلەرنىڭ ئىلىم ۋە تېخنولوگىيە تۆھپىسى ۋە ڧائالىيەتلەرىنىڭ ۋە سېلىنمالارنىڭ تۈركىيە ئىقتسادى ۋە ئىستىخدامىغا (ئىشقا ئورۇنلىشىش) بولغان تەسىرى كەبى تۈرلۈك شەرتلەر كۆزدە تۇتۇلۇپ بېرىلىدۇر.

تۇركۇۋاز كارت تۈرك ھۆكۈمەتى تەرەڧىدىن 2016- يىلى 28- ئىيۇل كۈنى كۈنى قەبۇل قىلىنغان ۋە ئاساسىي شەرتلەرى بەلگىلەنگەن، كارتنىڭ ئۇيغۇنلۇق تەپسىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەئزى تەڧسىلاتلارنى ۋە شەرتلەرى ئايدىڭلىشىشى كۈتۈلمەكتە.[8]

مەنبە

  1. https://e-ikamet.goc.gov.tr/
  2.  https://web.archive.org/web/20161121064927/http://www.calismaizni.gov.tr/calisma-izni/istenilen-belgeler {{|url=https://web.archive.org/web/20161121064927/http://www.calismaizni.gov.tr/calisma-izni/istenilen-belgeler |date=2016-11-21 }}
  3. 3.0 3.1 3.2 "Archive copy". Archived from the original on 2016-11-19. Retrieved 2017-03-17.CS1 maint: archived copy as title (link)
  4. "Archive copy". Archived from the original on 2016-11-21. Retrieved 2017-03-17.CS1 maint: archived copy as title (link)
  5. 5.0 5.1 5.2  https://web.archive.org/web/20161122170410/http://www.calismaizni.gov.tr/calisma-izni/izin-turleri {{|url=https://web.archive.org/web/20161122170410/http://www.calismaizni.gov.tr/calisma-izni/izin-turleri |date=2016-11-22 }}
  6.  https://web.archive.org/web/20161112054607/http://www.bulgaristankonsoloslugu.com/turkiye-de-oturum-ve-calisma-izni/
  7. 7.0 7.1  https://www.csgb.gov.tr/media/2074/yci_uygulamarehberi.pdf
  8.  http://www.resmigazete.gov.tr/eskiler/2016/08/20160813-1.htm