Jump to content

تۈركىيە پاسپورتى

ئورنى Wikipedia
تۈركىيە پاسپورتى

تۈركچە: Türk Pasaportu

رەسىمدە تۈركىيە پاسپورتى تاش ۋاراق ئۆرنەك (2022-يىلى 30 ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان ئۈچىنجى ئەۋلاد ئ-پاسپورتىدا RUPUBLIC OF TÜRKİYE

تۈركىيە پاسپورتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Türkiye Pasporti) تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ دۆلەت سىرتىغا چىققاندا قوللىنىدىغان يول خېتى بولۇپ، تۇنجى قېتىم 1950-يىلى 15-ئىيۇل 5682-نومۇرلۇق پاسپورت قانۇنى بىلەن يولغا قويۇلغان.

تارىخى

[تەھرىر]

بۈگۈنكى پاسپورت

[تەھرىر]

تاش ۋاراق

[تەھرىر]

نورمال پاسپورتنىڭ رەڭگى قىزىل بولۇپ، ئۈستىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە پاسپورت دىگەن ئاتالغۇلار تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە يېزىلغان.

ئاي ۋە يۇلتۇز

TÜRKİYE CUMHURİYETİ

REPUBLIC OF TÜRKİYE


PASAPORT

PASSPORT

باش بەت

[تەھرىر]

TÜRÜ;-------------------------ÜLKE KODU: TUR------------------------PASAPORT NO.


  • ------------------------------------------------------------------------SOYADI
  • ---------------------------------------------------------------------------ADI
  • CİNSİYET
  • UYRUĞU
  • T.C. KİMLİK NO,
  • ---------------------------DOĞUM TARİHİ:----------------------------DOĞUM YERİ
  • -------------------------- G -12.11.1933-------------------------------HOTAN/ÇİN

دىققەت:

1. جىنسىيەت قىسمىغا E/M ياكى K/F دەپ يېزىلىدۇ.

2. دۆلەت تەۋەلىكى (UYRUĞU) قىسمىغا TUR دەپ يېزىلىدۇ.

3. كىملىك نومۇرى قىسمىغا 11 خانىلىق كىملىك نومۇرى يېزىلىدۇ.

4. توغۇلغان يېرىگە تۈركىيە ئىچىدە توغۇلغان بولسا ناھىيە شەھەر ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: KÜÇÜKÇEKMECE, FATİH، تۈركىيە سىرتىدا توغۇلغان بولسا توغۇت ئىسپاتى ئۈستىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ناھىيە/شەھەر ۋە دۆلەت ئىسمى يېزىلىدۇ. مەسىلەن، KAŞGAR/ÇİN, HOTAN/ÇİN, DAKKA/BANGLADEŞ



  • ---------VEREN MAKAM-----------------------------------------HAMİLİNİN İMZASI
  • -------------------------------------------------------------------DÜZENLEME TARİHİ
  • ------------------------------------------------------------------GEÇERLİLİK TARİHİ

دىققەت:

1. تارقاتقان ئورگان قىسمىغا تۈركىيە ئىچىدىن بېرىلگەن پاسپورت بولسا ناھىيە (ئىلچە) ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: KÜÇÜKÇEKMECE, FATİH

2. ئەگەر تارقاتقان ئورگان تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېشىدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرى بولسا ئۇ ھالدا شۇ ئورگاننىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ، مەسىلەن: T.C. RİYAD BE, T.C. DUBAİ BK

ئۇچۇرلار

[تەھرىر]
تۈركىيە پاسپورتىنىڭ ئىچىدىن بىر ۋاراق

تۆۋەندىكىسى 2023-يىللىق پاسپورت ئېلىشتا تەلەپ قىلىنىدىغان ھەقلەر بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى مۇددىتى بىجىرىش ھەققى دەپتەر ھەققى جەمئىي
1 6 ئاي 689.70TL 501TL 1190.70TL
2 1 يىل 1008.30TL 501TL 1509.30TL
3 2 يىل 1646.10TL 501TL 2147.10TL
4 3 يىل 2338.50TL 501TL 2839.50TL
5 3+ يىل 3295.50TL 501TL 3796.50TL

تۆۋەندىكىسى يىللارغا كۆرە 3+يىللىق پاساپورت تەلەپ بەدەللىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

يىل مۇددىتى بىجىرىش ھەققى دەپتەر ھەققى جەمئىي
2024 3+ يىل 7,833TL 790TL 8,623TL
2025 3+ يىل 11,274TL 1,135TL 12,409TL
2026 3+ يىل 13,410.40TL 1,351TL 14,761.40TL

1. تۈركىيە پاسپورتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 6 ئاي، 1، 2، 3، 4، 5 يىل ۋە 10 يىللىق بولىدۇ. 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن 5 يىل بولىدۇ.

2. ھەقلەر: 3 يىلغا قەدەر 229، 3 يىلدىن ئارتۇق 323.

دەپتەر پۇلى: 64، پوچتا 17.

جەمئىي 404.

ئىلتىماس قىلىش

[تەھرىر]

Pasapor için

T.C. Kimlik kartı veya geçici kimlik belgesi

Kimlik için

Mevcut nüfus cüzdanı ya da T.C. Kimlik kartı

قوش پاسپورت

[تەھرىر]

نورمالدا، تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بولسا ئىككىنچى بىر پاسپورتغا ئىلتىماس قىلالايسىز. 2-پاسپورتىڭىزنىڭ نومۇرى ئايرىم بولىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىلغا قەدەر بولىدۇ.

1. پاسپورتىڭىزنى مەلۇم بىر كونسۇلخانىغا ۋىزا ئۈچۈن بەرگەن بولسىڭىز ۋە بۇر جەرياندا چەتئەلگە چىقىش توغرا كەلگەن بولسا؛

2. پاسورتىڭىزدا ئسرائىلنىڭ كىرىش چىقىش تامغۇسى بار ۋە بەزى دۆلەتلەرگە بېرىشىڭىزغا توسالغۇ بولغان بوسا؛

3. ۋەھاكازا باشقا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى قايىل قىلالايدىغان باشقا سەۋەپلەر.

دىققەت: 1-پاسپورتىڭىز قولىڭىزغا تەككەندىن كېيىن 2-پاسپورتىڭىزنى ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇپ خالىغاندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

تۈركىيە پاسپورتىغا ۋىزا تەلەپلىرى

[تەھرىر]
تۈركىيە نورمال (بوردو) پاسپورتىغا ۋىزا تەلەپلىرى      تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى      كىملىك كارتى ساياھىتى

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى

[تەھرىر]

بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ۋىزا سىياسىتى تۈرك پۇقرالىرى تور ۋىزىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، نورمالدا تۈرك ھاۋا يوللىرى تور بېتىدىن تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەلەپ بولغاندىن كېيىن، سىزگە FAMOUS GLOBAL GROUP TURIZM LTD STI ئېلخەت يوللايدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى يوللاپ بېرىسىز.

1. پاسپوت، PDF نۇسخىسى؛

2. باش سۈرەت

3. مېھمانخانا زاكاس، PDF نۇسخىسى؛

4. ئايروپىلان بلىتى، PDF نۇسخىسى؛

5. خزمەت ئەھۋالىڭىز: ( شىركەت ئىسمى، شىركەت ئېلخەت ئادرېسى )؛

ماتېرياللىنى يوللاپ تەخمىنەن 2 سائەتتىن كېيىن سىزگە Vize Ödeme Bilgilendirme مەۋزۇلۇق ئېلخەت كېلىدۇ، ۋە سىزدىن ۋىزا پۇلىنى (4670 لىرا, KK`ten، 106.54 دولار، BAE Vize AD SOYAD ve Referans Numarasi) يوللاپ دېكونت يوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىز ئۇلار دىگەن ۋىزا پۇلىنى بېرىلگەن شىركەت ھېسابىغا ئۇرۇپ بانكا دېكونتىنى ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىسىز.

بانكا دېكونتىنى يوللاپ تەخمىنەن 2 سائەتتىن كېيىن سىزگە Vize İşlem Bilgilendirme مەزۇلۇق ئېلخەت كېلىدۇ، ئېلخەتتە دېكونتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ۋىزا ئىشلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى ۋە سىزنىڭ نەتىجە كۈتىشىڭىزنى دەيدۇ.

نورمالدا، 24 سائەت ئىچىدە سىزگە Vize Onay Bilgilendirme مەزۇلۇق ئېلخەت كېلىدۇ، ئېلخەتتە ۋىزىڭىزنىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى دەيدۇ، ئەگەر چىققان بولسا ئېلېكترونلۇق ۋىزىڭىز ئاستىدا PDF شەكلىدە بولىدۇ. مۇبارەك بولسۇن.

ساياھەت ۋىزا تۈرلىرى

58 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 30 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 105 دولار؛

58 كۈنلۈك كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 30 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 185 دولار؛

58 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 60 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 190 دولار؛

58 كۈنلۈك كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 60 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 350 دولار؛

ترانزىت ۋىزا تۈرلىرى

29 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان (پەقەت DUX T1, T2, T3)، ھەر كىرگەندە 48 سائەت تۇرىغىلى بولىدىغان ترانزىت ۋىزا، 35 دولار؛

29 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان (پەقەت DUX T1, T2, T3)، ھەر كىرگەندە 96 سائەت تۇرىغىلى بولىدىغان ترانزىت ۋىزا، 80 دولار؛

مىسىر

[تەھرىر]

تۈرك پۇقرالىرىغا تور ۋىزىسى ئوچۇق ئەمەس، ئەمما ئايروپىلان بىلەتنى ئېلىپ مىسىزنىڭ ھەر قانداق بىر ئايروپورتىدىن كەلگەندە ۋىزا يولى بىلەن 30 ئامېرىكا دوللىرىغا 30 كۈن (1 ئاي) تۇرغىلى بولىدىغان ۋىزا ئالالايسىىز.

1. ۋىزىنى تاموژنىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ National Bank of Egypt تىن ئالىسىز، 30 دولار (بۇرۇن 25 دوللارمىشكەن) بەرسىڭىز كىملىك كارتىسى چوڭلۇقىدىكى قەغەز ۋىزىنى بېرىدۇ.

2. ۋىزىنى، تولدۇرۇلغان ئايروپىلاندا بەرگەن جەدۋەلنى (مىسىردىن چىققاندىمۇ تولدۇرىلىدىغان جەدۋەل) ۋە پاساپورتنى ئېلىپ تاموژنىدىن ئۆتىسىز، نورمالدا ياتاق زاكاس ئەھۋالى دېگەندەك نەرسىلەرنى سوراپ كەتمەيدۇ. تاموژنا خادىمى ۋىزىنى ئۆزى پاسپورتىڭىزغا چاپلاپ ۋىزا ئۈستىگە كىرىش تامغىسى ئۇرىدۇ.

3. تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مىسىر گەنىي ئالماشتۇرۋېلىڭ، ۋە تېېلفۇن كارتىسى (Vodafone, Orange) بىجىرۋەلىڭ.

روسىيە

[تەھرىر]

تۈرك پۇقرالىرى 2016 يىلىدىن بۇرۇن ۋىزىسىز روسىيەگە بارالايتتى، 2015-يىلى نويابىردا تۈركىيە سۈرىيە چېگراسىدا بىر دانە روسىيە جەڭ ئايروپىلانىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن ۋىزا سىياسىتى بىكار قىلىندى.

ھازىر، تۈرك پۇقرالىرىغا روسىيە ئۈچۈن ئېلىكترونلۇق ۋىزا ئوچۇق، نورمالدا توردىن ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ئالدى كەينى 4 كۈن ئىچىدە 60 كۈنلۈك 1 قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 16 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ئېلىكترونلۇق ۋىزىڭىز چىقىدۇ، تۆلەيدىغان ھەق 52 دولار؛ ( 6 ياشتىن كىچىك بالىلار ئۈچۈن ھەقسىز، پەقەت ئازراق بانكا ھەققى ئېلىنىدۇ)؛

دىققەت: روسىيەدە ۋىزا ۋە ماستېركارت قاتارلىق بانكا كارتلىرى ئىشلىمەيدۇ، نەخ پۇل خەجلەيسىز.

گرۇزىيە

[تەھرىر]

تۈرك پۇقرالىرى گرۇزىيە گە ۋىزىسىز كىرەلەيدۇ، ھەتتا كىملىك كارتىسى بىلەن كىرىش ياپالايدۇ. تۈركىيە پۇقرالىرى ۋىزىسىز 1 يىلغا قەدەر تۇرالايدۇ.

ترابزون دىن سارپ چېگرا ئېغىزىغا تەخمىنەن 185 كىلومېتىر كلىدۇ. 400 لىراغا بارالايسىز.

رىزە دىن سارپ چېگرا ئېغىزىغا تەخمىنەن 115 كىلومېتىر كلىدۇ.

جۇڭگو

[تەھرىر]

تۈركيە پۇقرالىرى جۇڭگو غا پەقەت ۋىزا ئېلىپ كىرەلەيدۇ.

ۋىزا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپلىرى.

بىرىنچى قەدەم: توردىن ئىلتىماس تاپشۇرۇش.

  • ئېلخەت بىلەن ۋىزا سېستىمىسىغا تىزىملىتىمىز، ئۇندىن كېيىن تەرتىپ ۋىزا ئىلتىماس جەدۋەللىرىنى ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن تولدۇرىسىز. ئەڭ ئاخىرىدا پاساپورت، تەكلىپ خەت، تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئالدى كەينى قاتارلىق ماتېرياللارنى يۈكلەپ تاپشۇرىمىز.

ئىككىچى قەدەم: ماتېريال ۋە ھەق تاپشۇرۇش. (9:00-12:00)

  • توردىن تاپشۇرغان ئىلتىماس قوبۇل بولغاندىن كېيىن، يەنى ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نومۇر ئالماستىن بىۋاستە ۋىزا مەركىزىگە بېرىپ ماتېريال ۋە ھەق تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

1. تۆۋەندىكى ماتېرياللارنى تاپشۇرىسىز:

  • - ۋىزا ئىلتىماس قەغىزى (ئېلخەتتىكى قىسقۇچ)؛
  • (1) پاسپورت ئەسلى ۋە كوپىسى
  • (2) ۋىزا ئىلتىماس ۋە 3 تال رەسىم (ئاق تەگلىك (48mm*33mm)،
  • (3) ئىقامەت ئەسلى ۋە كوپىسى؛
  • (4) ئىشلەتكەن جۇڭگو ۋىزىلىرىنىڭ كوپىسى؛

Q2 ۋىزا ئۈچۈن باشقا تۆۋەندىكىلەرنى تاپشۇرۇسىز:

  • (1) تەكلىپ خەت؛
  • (2) تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئالدى كەينى كوپىسى؛
  • (3) مۇناسىۋەت ئىسپاتى؛

2. ھەق تاپشۇرۇش

  • بىر قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ۋىزا، 458 ري (113 ر كونسول ھەققى+345 خىزمەت ھەققى)؛
  • ئىككى قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ۋىزا، 510 ري (165 ر كونسول ھەققى+345 خىزمەت ھەققى)؛
  • 1 يىللىق كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان ۋىزا، 675 ري (330 ر كونسول ھەققى+345 خىزمەت ھەققى)؛

1 يىللىق كۆپ قېتىم كىرىشكە بولىدىغان، ھەر كىرگەندە 90-180 كۈن تۇرىغىلى بولىدىغان ۋىزا، 675 ري (330 ر كونسول ھەققى+345 خىزمەت ھەققى)؛

ئۈچىنچى قەدەم: كىنىشكىنى ئېلىش. (9:00-14:00)

ئەڭ ئاخىردا كېنىشكە ئېلىش ۋاراقچىسى ئۈستىدىكى كېنىشكە ئېلىش ۋاقتىغا ئاساسەن بېرىپ كېنىشكىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئۆزگىرىشلەر

[تەھرىر]

2022-يىلى 25-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا پاسپورتتا ۋە ئەھلىيەتتە تۇغۇلغان يېرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى خالىغان قېرىنداشلار كۈچۈكچەكمەجە ۋە باشقا نوپۇس مۇدىرلىكلەرگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس جەريانىدا چىقىۋاتقان قىيىنچىلىقلار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلتىماسنى يېزىشىدىكى خاتالىق سەۋەبلىك بولۇپ، ئىلتىماسقا «پاسپورتۇمدا ياكى ئەھلىيىتىمدە تۇغۇلغان يېرىم شىنجاڭ چىن يېزىلىپ قالغان بولۇپ، قەشقەر چىن / ئۈرۈمچى چىن/خوتەن چىن يېزىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن دەپ يازسا، پاسپورت ۋە ئەھلىيەتكە ئاپتوماتىك قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا ئوخشاش يېزىلىپ چىقىدۇ. سىستېما ئۆزى «چىن» دېگەننى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.

Gheni Batur yazmisi

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئائىلە بويىچە تۈركىيە پۇقراسى بولدۇق. بۇ ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ساقلاپ بېقىپ، چىقمىسا كېلەر يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىشنى ئەستايىدىل پىلانلاشنى ئويلاپ تۇراتتىم. تەلىيىمىزگە چىقىپ قالدى. تۈركىيەدە بىزگە ئوخشاش ئېتىبارلىق بىر مىللەتنىڭ ئىشى بۇنچىلىك تەس بولسا، سۈرىيەلىك، ئافغانىستانلىق ۋە باشقا كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرى قانچىلىك تەستۇ دەپ ئويلىدىم. ئاللاھ تېخىچە ۋەتەنداشلىقى چىقمىغان باشقا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋە بارلىق مەزلۇم كۆچمەنلەرنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسۇن! تېلېفونىڭىزغا ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىزنىڭ تەستىقلانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر كەلگەندىن كېيىن، شۇ ئۇچۇرنىڭ ئىچىدىكى ئۇلانمىغا چېكىپ، ئېچىلغان PDF ھۆججىتىنى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىۋېلىڭ. بۇنى دۇيۇرۇ بەلگەسى دەيدىكەن. بىر ئائىلىدە دادا ۋە بالىلارغا بىر پارچە ئۇچۇر، ئانىغا بىر پارچە ئۇچۇر كېلىدىكەن.

تور كۆرگۈچتە

https://web.archive.org/web/20180401041758/https://randevu.nvi.gov.tr/

يۇقىرىدىكى بېكەتكە كىرىپ، دۇيۇرۇ بەلگەسىدىكى يېڭى كىملىك نومۇرى بويىچە ئۆيىڭىزگە ئەڭ يېقىن نوپۇس مۇدىرلىكىدىن كىملىك كارتىسى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال راندېۋۇ ئېلىۋىلىڭ. چۈنكى ھازىر راندېۋۇ ئالسىڭىز ئون كۈندىن كېيىنگە ئاران چىقىدىكەن. نوپۇس مۇدىرلىكىگە ئاپىرىدىغان ماتېرىياللار:

1. بايىقى دۇيۇرۇ بەلگەسى، ئائىلە بولسا ئىككى پارچە بەلگەنىڭ قەغەزگە بېسىپ چىقىرىلغان نۇسخىسى؛

2. ئۇزۇن دۆنەم ئىقامەت، نوپۇس ئىدارىسى ئىش پۈتكەندە ئىقامەتنى ئۆزلىرى ئېلىۋىلىپ، ئورنىغا گەچىجى كىملىك بەلگەسى دەپ بىر پارچىدىن قەغەز بېرىدىكەن؛

3. نوپۇس ئىدارىسىدە چوقۇم ئادرېس كايدىڭىز بولۇشى كېرەككەن؛

4. مۇشۇ يىلى تارتىلغان كىنىشكا رەسىمىدىن بىر پارچە؛

5. كىملىك كارتىسى بەدەلىنى تۆلەش ئۈچۈن، PTT بانكىسىغا بېرىپ، ھەر بىر كىملىك نومۇرى ئۈچۈن ئايرىم ئايرىم 37.5 لىرا ياتقۇزۇش كېرەككەن. بۇنى كۈۋەيت تۈركنىڭ ئەپ دېتالىدا قىلغىلى بولمىدى. ئەڭ ياخشىسى PTT بانكىسىغا بېرىڭلا. ئۆچىرەتمۇ يوقكەن.

6. بالىلار 15 ياشقا توشمىغان بولسا، نوپۇس مۇدىرلىكىگە ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدىكەن. 15 ياشقا توشقان بولسا بارماق ئىزىنى ئالىدىكەن. بالىلارنىڭ كىملىك كارتىسىنى رەسىملىك چىقىرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز رەسىملىك چىقىرىپ بېرىدىكەن. تۈركىيەگە خۇش كەلدىڭىز! بىر تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تۈركىيەگە كەلگەن بارلىق ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى قارشى ئالىمەن.😀 خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىنكاسى:

تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟

[تەھرىر]

تۈرك ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىز قانچىنچى باسقۇچتا؟

تۆۋەندىكى ئادرىستا تەكشۈرەلەيسىز. https://vatan.nvi.gov.tr/.../basvuru/basvurudurumbilgi.aspx

بۇ ئادرىستا ئېچىلغان بەتتىكى بوش ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلغان چاغدا قىسقا ئۇچۇر بولۇپ كەلگەن ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ تەكشۈرسىڭىز، سىزگە ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىڭىزنىڭ قانچىنچى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

رەسىمدە ھەربىر باسقۇچتا بولىدىغان ئۇچۇرلارنى پايدىلىنىش مەقسەتتە تەمىنلەپ قويدۇم. تېخىمۇ ئېنىق ۋە توغرا بولغان تەپسىلاتىنى سىز ئىلتىماس قىلغان نۇپۇس ئىدارىسىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ.

  • ئارشوۋ دىگەن يەردىن ئۆتسە باشقا باسقۇچ 3-4 ئاي سۈرۈپ قىلىشى مۇمكىن.
  • 9-باسقۇچقا بارغاندا نۇپۇس ئىدارىسىغا بارسىڭىز كىملىك نومۇرى بېرىدۇ. باش سۈرەت ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.


ئۇيغۇرلارغا ئىستىسنائي پاسپورت

[تەھرىر]

نوپۇس مۈدۈرلىكىنىڭ 2022-يىلى 30-مايدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىسنا شەكلىدە ۋەتەنداشلىققا ئىرىشەلەيدىغانلىقى يېزىلغان. [1]

Avrupa Yakası Cevizlibağ Nüfus Hizmetleri Merkezi Müdürü sayın Yalçın AKTAŞ

سىز 1- قىتىم بالىنىڭ تۇغۇت ئىسپاتىنى ئىلىپ دۇنيا تىجارەت مەركىزىدىكى گۆچ ئىدارىسىغا بىرىڭ، ئۇلار سىزگە قىزىڭىز ئۈچۈن يابانچى ئىقامەت نومۇر بىرىدۇ، ياكى قانداق قىلىش ھەققىدە يول كۆرسىتىدۇ، ئاندىن ئىقامەت نومۇرنى ئىلىپ ۋەتەن جاددىسىدىكى گۆچ ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىكى ۋەتەنداشلىق مۇدۇرلىكىگە كىرىپ شۇيەرگە ئەھۋالنى دەڭ

  • جەۋىزلىباي نۇپۇس ئىدارىسى.
  • زەيتىنبۇرنۇ نۇپۇس ئىدارىسى.
  • كۈچۈكچەكمەجە نۇپۇس ئىدارىسى.

باشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلەر

[تەھرىر]

تۈرك ۋەتەندىشى بولغاندىن كېيىن ئەگەر ئىشلىمىسىڭز SGK )Sasyal Güvenlik Kurumu) غا بېرىپ خەۋەر قىلىۋەتمىسەڭلەر قەرز بولۇپ قالىدىغان.

  • ۋەتەنداشلىق چىققاندىن باشلاپ ئايلىقى 300 لىرادىن سوغۇرتا پۇلى تاپشۇرىلىشى كېرەك، سوغۇرتىنى ptt غا بېرىپ ئاچقۇزىسىز.
  • nüfus kayıt örneği belgesi

https://blog.microfon.co/nufus-kayit-ornegi-belgesi/

e- Devlet Kapısı https://giris.turkiye.gov.tr/Giris/ → e-hizmetler → Nüfus ve Vatandaşlık İşleri → Nüfus ve Vatandaşlık İşleri Genel Müdürlüğü/Nüfus Kayıt Örneği Belgesi Sorgulama

باشقىلار

[تەھرىر]

سىرتقى ئۇلانما

[تەھرىر]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. "ئۇيغۇرلارغا ئىستىسنائي ۋەتەنداشلىق". Archived from the original on 2022-10-25. Retrieved 2022-10-25.