Jump to content

تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى

ئورنى Wikipedia

تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى

ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ۋە ﺋﻮﻳﯘن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘزاق ﺗﺎرﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟلاﻧﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ دەۋرﻟﻪردﯨلا ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ –ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﻗﯧﺮى – ﻳﺎش، ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلار ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪﺟﻪم ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘم.ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ داﺳﺘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺋﻮﻏﯘزﻧﺎﻣﻪ» ﺋﯧﭙﻮﺳﯩﺪﯨﻜﻰﺋﻮﻏﯘزﺧﺎﻗﺎن ﺋﻪل – ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺗﻮي ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋەﻣﯘراﺳﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘراﺳﯩﻢ –ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎنﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘراﺳﯩﻤلار ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﺎرﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 5 __ 6 –ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ «ۋﯦﻲ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﻰ»ﻧﯩﯔ «ﮔﺎۋﭼﯥ» (ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلار ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠلار)ﺗﻪزﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺪە، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﮬﺎرۋﯨﻠﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚرپ – ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻧﺪا: «ﺋﯘلارﻧﯩﯔﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﺪە، ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﯘﭼﯩلار ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﻪنﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﻣﺎل ﺳﻮﻳﯘپ، ﺋﺎت ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ ﻗﯩلاﺗﺘﻰ، ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩلاﺗﺘﻰ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯘﺳﺴﯘلﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ» دەپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪن. ﻣﯩلادﯨﻴﻪ 5 __ 6 – ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻞﻣﯩﯖﺌﯚي ، ﻗﯘﻣﺘﯘرا ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎن ﺑﻪزى ﺗﺎم رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎﻟلارﻧﯩﯔﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺳﺎز ﭼﯧﻠﯩﭗ، ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﻧﺎۋا ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋاﺗﻘﺎن ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ﺋﻪﻛﺲﺋﻪﺗﺘﯜرۈﻟﮕﻪن. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلار ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﻧﺎۋا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘراﺳﯩﻤلارﻧﯩﯔﺋﯘﻳﻐﯘر ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪڭ داﺋﯩﺮﯨﺪەﺋﻮﻣﯘﻣلاﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ.

ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘل ۋەﻣﯘزﯨﻜﯩﻐﺎ ﮬﯧﺮﯨﺴﻤﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪت. ﺷﯘﯕﯩﻤﯘ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨلا «ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ»،«ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺨﯘﻣﺎر» دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣلار ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻤﯘﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨلاﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩلاردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ، ﻗﯧﺮﯨلارﻏﺎ ﻗﻪدەر ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن. ﻧﺎزۇك،ﻧﻪﭘﯩﺲ ۋە ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﺑﻪدﯨﺌﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﻰ، ﺋﺎﮬﺎﯕﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﻰ، رﯨﺘﯩﻤﯩﻨﯩﯔﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻰ، ۋەزﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ، ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻜﻠﯩﻜﯩﺪەك ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰدەۋرﻟﻪردﯨلا ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚپﺑﻮﻟﻐﺎن. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩلادﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﮕﯩﺮﯨلا ﭘﻪﻳﺪاﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻳﺎزﻣﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪر ﺑﺎر. «ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜرﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، «ﺋﯩﮕﻪﻣﻪ __ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻟﯜكﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟاﺑﻰ، ﻗﻮﺑﯘزﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ»، «ﻗﻮﺑﯘز __ ﺋﯘد (ﺑﺎرﺑﯩﺖ)ﻗﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎنﺗﺎرﯨﻠﯩﻖ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺋﻪﺳﯟاﺑﻰ» (1 – ﺗﻮم، 473 – ﺑﻪت). «ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﯘ __ ﺳﯩﺒﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪي» (1 – ﺗﻮم،636 – ﺑﻪت) ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎڭ، ﺑﯘرﻏﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار.

ﻣﻪﺷﺮەپ، ﺑﻪزﻣﻪ ۋە ﺗﯜرﻟﯜك زﯨﻴﺎﭘﻪت ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻠﯩﺮى ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔﻗﻮﻳﯘق ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ،«ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دا ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﺮەپ – ﺑﻪزﻣﯩﻠﯩﺮى ﻣﯘﻧﺪاقﺋﯩﺰاﮬلاﻧﻐﺎن: «ﺳﯘﻏﺪﯨﭻ __ ﻗﺎﺗﺎر ﺑﻪزﻣﻪ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى دوﺳﺘلار ﺋﺎرا ﻧﯚۋەت ﺑﯩﻠﻪنﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺷﺮەپ»، «ﺷﯘرﭼﯘك __ ﻣﻪﺷﺮەپ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش»، «ﻛﻪﺗﺴﻪم __ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚزىﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧلارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن زﯨﻴﺎﭘﻪت»، «ﻛﯘدﯨﻦ __ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎت ﻗﻮﻳﯘشزﯨﻴﺎﭘﯩﺘﻰ»، «ﺑﯘﭼﻰ __ ﺋﺎۋازﻟﯩﻖ، ﻣﯘﯕﻠﯘق ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘد» (3 – ﺗﻮم، 302 – ﺑﻪت). «ﻳﯩﺮاﻏﯘ__ ﭼﺎﻟﻐﯘﭼﻰ، ﺳﺎزەﻧﺪە، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ» (3 – ﺗﻮم، 46 – ﺑﻪت). ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلار ﻣﻪﺧﺴﯘسﺧﺎراﻛﺘﯧﺮدﯨﻜﻰ زﯨﻴﺎﭘﻪت – ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺋﺎدﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪا ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨلا ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲﺧﺎراﻛﺘﯧﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرى «ﺗﯜرﻛﯩﻲﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دا ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻗﻮﺷﺎﻗلار ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﻪﻏﻤﻪ – ﺳﺎز ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪن، ﻣﻪﺷﺮەپﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻣﯘ ﺋﯘﭼﺮاﻳﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن:

ﻛﯚﻛﻠﻪر ﻗﺎﻣﯘغ ﺗﯜرۈﻟﺪى،

ﺋﯩﯟرﯨﻖ، ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪى،

ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﺋﯚزۈم ﺋﯚزەﻟﺪى،

ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﺋﺎﻣﯘل ﺋﺎۋﻧﺎﻟﯩﻢ.

ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ:

ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎزلار ﺗﯜزۈﻟﺪى،

ﺋﯩﯟرﯨﻖ، ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺗﯩﺰﯨﻠﺪى،

ﺳﻪﻧﺴﯩﺰ ﻛﯚﯕﻠﯜم ﺑﯘزۇﻟﺪى،

ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﻠﻰ.

ﺋﯩﯟرﯨﻖ ﺑﺎﺷﻰ ﻗﺎزلاﻳﯘ،

ﺳﺎﻏﺮاق ﺗﻮﻟﯘ ﻛﯚزﻟﻪﻳﯘ،

ﺳﺎﻗﻨﯩﭻ ﻗﯘدى ﻛﯩﺰﻟﻪﻳﯘ،

ﺗﯜن – ﻛﯜن ﺑﯩﻠﻪ ﺳﻪۋﻧﻪﻟﯩﻢ.

ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ:

ﺋﯩﯟرﯨﻖ ﺑﻮﻳﻨﻰ ﻏﺎز ﻛﻪﺑﻰ،

ﻗﻪدەھ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯚز ﻛﻪﺑﻰ،

ﮬﻪﺳﺮەﺗﻨﻰ ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘرۇپ،

ﺗﯜن – ﻛﯜن ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﯜﻧﻪﻳﻠﻰ.

ﺋﻮﺗﯘز ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﯩﻘﯩﺮاﻟﯩﻢ،

ﻳﯘﻗﺎر ﻗﻮﭘﯘپ ﺳﻪﻛﺮەﻟﯩﻢ،

ﺋﺎرﺳلاﻧلاﻳﯘ ﻛﯚﻛﺮەﻟﯩﻢ،

ﺳﺎﻗﻨﯩﭻ ﻗﺎﭼﺘﻰ ﺳﻪۋﻧﻪﻟﯩﻢ.

ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ:

ﺋﯜچ رەت ﺋﯩﭽﯩﭗ ۋارﻗﯩﺮاﻳﻠﻰ،

ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻗﻮﭘﯘپ ﺳﻪﻛﺮەﻳﻠﻰ،

ﺋﺎرﺳلاﻧﺪەك ﮬﯚرﻛﯩﺮەﻳﻠﻰ،

ﻗﺎﻳﻐﯘ ﻗﺎﭼﺘﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﻪﻳﻠﻰ.

ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪر – ﺋﺎﻳﺎلﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ – ﺳﺎز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺷﺎد – ﺧﯘرام ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻣﯘراﺳﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏلاردﯨلا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر رەﺳﻤﯩﻲ ﺗﯜس ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩلار ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﻪﺷﺮەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰزاﻣﺎﻧلاردﯨلا ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺋﺎدەﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻣﯘزﯨﻜﺎﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرى ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﻗﺎﻟﺪۇرﻏﺎن.«ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»دﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلارﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳلاﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟىﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﻪﻳﻨﻰ دەۋرﻟﻪردەﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮادە ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘرۇﺷﻰ ۋە ﻣﺎﮬﺎرەت ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن.ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮى: ﺋﺎت ﭼﺎﭘﺘﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻐﺎﻗﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﯜزۈش، ﺋﺎت ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ، ﭼﯚۋﮔﻪن ﺗﻮپ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ، ﺋﻮﻏلاقﺗﺎرﺗﯩﺸﯩﺶ، ﺳﺎرﻏﺎﻳﺪى ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ، دارۋازﻟﯩﻖ، ﺳﯧﮭﺮﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ، ﻣﻮﻟلاﻗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺳﺎﻗﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎش،ﺗﻪﭘﻜﯜچ ﺋﻮﻳﻨﺎش، ﻟﻪﮔﻠﻪك ﺋﯘﭼﯘرۇش ۋە ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﺎﻟﯩلار ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪﺋﺎﻟﯩﺪۇ.

ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸلاپ، ﺟﺎﮬﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ۋە ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ.

ﺋﯘ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ﻛﻪڭ زﯦﻤﯩﻨلاردا 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘقﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﯘ زور ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ، ﺋﯘﻟﯘغ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﻰۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن.

«ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠلار دﯨﯟاﻧﻰ»ﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪاﺷﺴﯩﺰ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎ ﻟﯘﻏﻪت ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎل –ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮى، ﺋﯚرپ – ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻠﯩﺮى، ﺋﺎﺳﺘﺮوﻧﻮﻣﯩﻴﻪ،ﻛﺎﻟﯧﻨﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﻗﺎﻣﯘسﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ، ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ،ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى، ﮬﯜﻧﻪر – ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟى ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا! ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻟﯘغﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸلاش روﮬﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪاﺟﺎﭘﺎ – ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻗﻮرﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ روﮬﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﻪﺟﺪادلارﻧﯩﯔﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯩﺮاﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋلادلارﻏﺎ ﺋﯘلاپ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪك ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب روﮬﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪﻳﺴﻪرﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺷﯩﺠﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك، ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﮬﺎرﻣﺎيﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﺘﻪك روﮬﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﺒﻠﯩﻨﻪﻣﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت ﻳﻮﻟﯩﺪاﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺑﻪدﯨﻠﺌﻪﺑﻪد ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.ﻣﻪن ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻢ ۋە ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻤﻨﻰﺑﯩﻠﺪۈرﯨﻤﻪن:

ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﺑﻮۋاﻣﻐﺎ

ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﺪى ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪار ﭘﯜﺗﯜن،

ﺋﯚﺗﻜﻪزدى ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺟﺎﮬﺎن ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻨﻰ.

ﭘﯘرﯨﺪى ﻣﻪرﯨﭙﻪت ﺧﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ،

ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻣﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎر ﮔﯜﻟﻨﻰ.

ﺑﺎر ﺷﯘﻧﺪاق رﯨﯟاﻳﻪت ﻟﻮﻗﻤﺎن ﮬﻪﻛﯩﻤﻨﻰ

ﺋﯜچ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﯩﺪى، دﯦﮕﻪن ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ.

ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠلاپ ﻳﺎﺷﯩﺪى ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن،

ﺋﻪۋلادلار ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻳﻮرۇق، ﻧﯘراﻧﻪ.

ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎ، ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن؟

دەپ ﺳﻮراپ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜپ ﺑﯩﻠﻪن.

دەﻳﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ: ﺋﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻪﮬﻤﯘد ﻗﻪﺷﻘﻪرى،

ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯚﮬﺘﻪرەم!

«ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ» دەپ ﺳﺎﻧﯩﻤﺎق ﺋﯧﻐﯩﺰدا ﺋﺎﺳﺎن،

ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎر ﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﭼﻪرﺧﻰ دەۋران.

ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺷﯩﺪى ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە،

ﺋﯚﻟﻤﯩﮕﻪن، ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪۇ ﺋﯘ ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﯩﻨﺴﺎن.

ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﺑﯩﺪە ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﮬﻪ ﺑﯜﮔﯜن،

ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎن ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ.

«دﯨﯟاﻧﻰ ﻟﯘﻏﻪت»ﻧﻰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗلاپ ﺑﻮۋام،

ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻧﻪزەردە ﻗﺎراﻳﺪۇ ﺋﻪﻧﻪ.

ﺋﯚﺗﺘﻰ ﺑﯘ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮬﺎﻳﺎت ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ،

ﻛﯩﻢ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚز ﻳﯘﻣﺪى دەﻳﺪۇ ﺗﯘﭘﺮاﻗﻘﺎ؟

ﺳﯩﺰ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺋﯜزۈﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن،

ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ ﺋﯘﺧﭽﯩﻐﺎن ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯘلاﻗﻘﺎ.

(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻛﯘﭼﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻳﯘرﺗﯩﺪﯨﻦ،ﮬﺎزﯨﺮ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﯩﺪە)

.http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=24555

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]