تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈم

ئورنى Wikipedia
تۈرمىدىىن قېچىش ڧىلىمنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرى

تۈرمىدىنى قېچىش 5-ىنچى بۈلۈمى بولسا تۈرمىدىن قىچىش ناملىق بىر يۈرۈش ئامىرىكا تىلۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بەشىنچى بۈلۈمى

ئۇيغۇرچە نامى تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈم
باش رولچى ۋەنسۋورس مىللېر، دۇمىنىك
باشقا نامى Prison.Break
قويۇلغان ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئىشلەنگەن ئورۇن ئامېرىكا
بۆلۈم سانى 10 قىسىم
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى Prison Break Season 5
تۈرى ھەرىكەتلىك، ئاجايىپ، مۇھەببەت،جىنايەت
ئۇزۇنلىقى ھەر قىسىمى 44 مىنۇت ئەتراپىدا
ئىشلىگەن شىركەت Fox
رېژىسسور پائۇل شۇئىرلىڭ
فىلىم ئىشلىگۈچى مارك

ھەققىدە[تەھرىرلەش]

2009-يىلى مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرى مايكولنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاياغلاشقاندا، «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمى مەستانىلىرى بۇ فىلىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان يەردىن 8 يىلدىن كېيىن  يەنى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ-4-كۈنى «تۈرمىدىن قېچىش»نىڭ 5-بۆلۈمىنى قۇيۇلدى.

ھەممىمىزگە مەلۇم تۈرمىدىن قېچىش 4-بۈلۈمى مايكولنىڭ «ئۈلۈمى» ۋە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى، ھالبۇكى 6 يىلدىن كىيىنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈرمىدىن قېچىش 5-بۈلۈمى يەنى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاخىرقى بۈلۈمى قويۇلۇشقا باشلىدى، ھەممىڭلارغا تۇنۇشلۇق بولغان ھىيلىگەر تۈلكە «چاي خالتىسى» ( روبېرت كنېپپېر) تۈرمىدىن چىقىپ مەخپىي ئورگانلار تەرىپىدىن مايكولنىڭ تېخى ھاياتلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتقا ئىرىشىپ، مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىنغا مەزكۇر ئاخباراتنى يەتكۈزىدۇ.

مەزكۇر بۈلۈمدىكى ۋەقەلىكلەر، كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى ھاياجانلىق بۇلۇپ ھەربىر كۈرۈمەننى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.

بۇ بۈلۈم 2017-يىلى 4-ئاينىڭ-4-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئامېرىكا ۋاقتى چارشەنبە كۈنى قويۇلىدۇ، ئۇدا 9 ھەپتە قويۇلىدۇ. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەيلى چەتئەللىك مەستانىلەرنى بولسۇن، مەيلى دىيارىمىزدىكى مەستانىلەرنى بولسۇن قاتتىق ھاياجانغا سالغان.

تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈمىدە ئۆلۈپ كەتكىلى 7 يىل بولغان مايكولنىڭ يەمەندىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كېلىدۇ.

مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىن ( دۇمىنىك پۇرسېل) شۇنىڭ بىلەن ئىنىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە قېرىنداشلىق مىھرى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرىشىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئامان قالىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ فوكىس دەرياسىدىن بىرلىكتە قاچقان سەپداشلار بىر بىرلەپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ.

FOX يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» نى ئىشلەش ئۈچۈن ئەينى يىللاردىكى ئاساسلىق ئارتىسلارنىڭ ھەممىسىنى تېپىپ كەلدى، ۋېنسۋورس مىللېر، دومىنىك پۇرسېل، سارا ساينې كاللىيس قاتارلىق ئۈچ باش رولدىن باشقا يەنە باشقا روبېرت كنېپپېر، ئامائۇرىي نولاسكو، روكموند دۇنبار قاتارلىقلار.

مەنبە[تەھرىرلەش]

ئىزدە قامۇسى http://wiki.izda.com/?a=show&id=16365