تۈر مۇنازىرىسى:جۇغراپىيە
قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
[تەھرىرلەش]قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
ئابدۇغېنى سەيدىن
P3 @ يەر-جاي ناملىرى (توپۇنىم) تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مېھنەتلىرىدىن مەلۇمكى، بىر رايۇن (تىرېتورىيە)نىڭ نامى شۇ رايۇندا ياشىغان خەلقنىڭ تەپەككۈر شەكلى، تۇرمۇش ئادىتى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش جەريانلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشقا ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن يەر-جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىدىكى نامىنى ئېنىقلاش ۋە ئۆزگىرىش سەۋەبىنى ئېگىلەش بىزگە شۇ ئورۇندىكى خەلقلەرنىڭ تارىخى ئۆزگىرىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى يېڭىلىنىشلارنى، ياشاش ئېكىلوگىيىسىدىكى جەريانلارنى ۋاستىلىق تۈردە سۈرەتلەپ بىرەلەيدۇ. تارىختىن بۇيان يىپەك(كارۋان) يولىدىكى «مەرۋايىت شەھەر» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان قەدىمىي، مەدەنىيەتلىك شەھەر قەشقەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ قەدىمى نامى ۋە ھازىرقى نامىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشمۇ بۇ خىل بىلىشتىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ; z& v+ J. @3 L5 W8 T9 L/ T
ھازىرقى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى خەنزۇچە سۇلې(疏勒) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ماھىيەتتە قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئەسلىدىكى «سۇللاغ»دېگەن نامىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىپ بولغاندەك قىلىدۇ. ھەمدە، بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان تەتقىقات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بىراق، ھازىرقى يېڭىشەھەر دەپ ئاتىلىۋاتقان ناھىيىنىڭ ئەسلى نامى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بىرىلمىدى. بۇ ناھىيىنىڭ ئىسمىدىنلا«يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان شەھەر» دېگەن مەنىسى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. تارىخىي ماتىرياللاردىمۇ چىڭ سۇلالسى قەشقەرنى پەتىھ قىلغاندىن كېيىن مەخسۇس ئەسكەر تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر شەھەر بىنا قىلىش زۆرۈر بولۇپ قىلىپ سىپىل سوقتۇرۇپ، ھازىرقى يېڭىشەھەرنى بىنا قىلغانلىقى دەلىللەنگەن. 5 ^( ^* z$ o* A6 C4 y
لى فېڭشىڭ: «يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى» دېگەن ماقالىسىدە: «1759-يىلى چوڭ-كىچىك خوجىلار قەتلە قىلىنىپ شىنجاڭ تىنچلىنىپ ‹خۇيچېڭ 回城› (قەشقەر شەھىرى)نىڭ غەربىگە يەتتە چاقىرىم جايىغا خەنچېڭ ((汉城سېلىندى. ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئولتۇراقلاشتى، سودا رايونلىرى بەرپا قىلىندى. 1826-يىلى جاھانگىرخوجا يېغىلىقىدا بۇ شەھەر سۇغا باستۇرۇلۇپ ۋەيران قىلىندى.
1828-يىلى مىللەتلەرنى ئايرىش، كونىشەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقىنى پەسەيتىش، ئەسكەر توپلاپ چېگرا قوغداش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەمگەك ۋە پۇل سەرپ قىلىنىپ مۇداپىئە باشبۇغى ياڭ ۋېي جاڭجۇن جاڭلىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۇ شەھەر سېلىندى. داۋگۇاڭ بۇ شەھەرگە ‹خۇيۋۇ› دېگەن ئىسىمنى تەقدىم قىلدى. مانجۇ، خەنزۇ ئەمەلدارلار، ئەسكەرلەر، سودىگەرلەر بۇ شەھەرگە كۆچۈپ كىردى. كونا شەھەر بىلەن يېڭشەھەر ئايرىلغانلىقتىن يەرلىك خەلق يېڭىدىن سېلىنغان بۇ شەھەرنى ‹يېڭىشەھەر› دەپ ئاتىدى، قەشقەر شەھرىنى ‹كونىشەھەر› دەپ ئاتىدى، شۇنداقلا يېڭىشەھەردە مانجۇ، خەنزۇ ئەمەلدار – پۇقرالار كۆپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن ۋە شەھەر ئەتراپىدا سەككىز خەنزۇلار كەنتى تەسىس قىلىنغانلىقتىن خەنچېڭ (خەنزۇ شەھىرى)دەپ ئاتالدى. كونىشەھەردە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن، ‹خۇيچېڭ› (ئۇيغۇر شەھىرى) دەپ ئاتالدى.» ①دەپ مەلۇمات بەرسە، قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيسى» دېگەن كىتابىدا: «قەشقەر يېڭىشەھەر [疏勒]قەشقەر ۋىلايىتىدىكى شۇ نامدا ئاتىلىدىغان بىر ناھىيىنىڭ نامى. بۇ نامنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى قەدىمكى خەنزۇچە ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان ‹سۇلى – سۇلاغا ئېلى› (疏勒国)نىڭ نامىدىن قالغان ۋارىس نام. بۇ نام قەدىمكى ‹سۇللاغلا› دەپ ئاتىلىدىغان بىر شەھەرنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا ‹سۇللاغ› دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزا بار. ھازىرقى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىدە ‹سۇلى›(疏勒) دېگەن بۇ نام بىردەك ‹قەشقەر› ياكى ‹سۇلى› دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ خاتا. توغرىسى ‹سۇللاغ› (ئەسلىسى «سوغداق»). ئەگەر بۇ نامنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن دېيىلسە، ئۇ ھالدا ‹قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسى› دېگەن بۇ نامنى ‹سۇللاغ ناھىيىسى› دەپ ئالساق، ھەم ئىلمىيلىققا، ھەم ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە نام بولغان بولىدۇ. ‹قەشقەر يېڭى شەھەر› قەشقەر يېڭى شەھەر رايونىنىڭ نامى بولۇپ، تەۋەلىك نامىدىن باشقىچە مەنە بېرەلمەيدۇ.» ② دەپ مەلۇمات بىرىدۇ. ھەمدە كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسى دېگەن نامنى سۇللاغ ناھىيىسى دەپ ئاتاشنى ئىلمىي ئاتاش بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لىكىن، بىزنىڭچە بۇ خىل قاراش ئىلمىي ئەمەس. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6-نۆۋەتلىك يەر ناملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يەر ناملىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم مەدەنىي ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بار، يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش مەدەنىيەت ۋە تارىخىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتىكى زور توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ»③ دېگەن قاراشلارغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»1-توم، 606-بەتتە «سۇللاق. بىر يەرنىڭ نامى. » دېگەن ئىزاھاتقا نەشىرگە تەييارلىغۇچىلار شۇ بەتنىڭ ھاشىيىسىگە «قەشقەر كونىشەرنىڭ غەربىي شىمالىدا ھازىرمۇ «سۇللاغ»دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېزا بار.» دەپ تولۇقلىما ئىزاھات بەرگەن. دەرۋەقە ھازىرقى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىدە «سۇلاق~ سۇللاغ» دېگەن كەنىت بار. يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە بۇنداق كەنت ھازىرغىچە ئەنگە ئىلىنمىغان. شۇنداقلا، قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ھازىرقى خەنزۇچە «سۇلى»(疏勒) دەپ ئاتىلىشى ئورۇن جەھەتتىن بۈگۈنكى سۇلىنىڭ ئۆزى ئەمەس. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتقا قىزىققۇچىلار ئابلەت ئابباس ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى» ژونىلىنىڭ 1992-يىلى 3-سانىغا بېسىلغان، بۇ تېما ئۈستىدە بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇپ، خۇلاسە شەكىلدە يېزىلغان «تارىختىكى ‹سۇلى› بىلەن بۈگۈنكى ‹سۇلى› بىر جاي ئەمەس» دېگەن ماقالىسىغا مۇراجەت قىلسا بولىدۇ. ھەدە بۇيەردە ئادىل مۇھەممەتنىڭ «‹سۇلې›نامىنىڭ ئېتىمولوگىيسى توغرىسىدا»دىگەن ماقالىسدا قەيىت قىلىنغان «سۇلې» نامىدا ئاتىلىدىغان جايدىن ئېلىمىزدا قەشقەرنىڭ قەدىمكى نامى، ھازىر يېڭىشەھەرنىڭ خەنزۇچە ئاتالمىسى «سۇلې»؛ تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى جىمسار ئەتراپىدىكى سۇلې؛ گەنسۇ خېشى كاردۇرىنىڭ غەربىدىكى سۇلې دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچى بارلىقىنى④ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىمۇ يۇقارقى قاراشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ تىخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. بۇ پىكىرىمىزنى ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىمنىڭ «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 1-سانىغا بېسىلغان «تەكلىماكان ئەتراپىدىكى قەدىمكى شەھەرلەر» نامىلىق ماقالىسىدا «قەشقەر» ھەققىدە توختالغان بايانلىرىدا ئەتراپلىق شەرھىيلەپ ئۆتىدۇ. بىراق، تارىخىي چىنلىق ۋە ئىزچىللىق ھەمدە ھازىرقى گەنسۇدىكى 疏勒河خېتى بىلەن كۆزىمىزگە چىلىقىپ تۇرىدىغان دەريا نامىنىڭ ئېتمولوگىيەسى بىلەن باغلاپ تەپەككۈر يۈرگۈزۈشتە ئابلا ئەخمىدىنىڭ «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىن ‹قەشقەر›نىڭ ئېتىمولوگىيىسىگە نەزەر» دە كۆرسىتىپ ئۆتكەن تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئۈستىدە سەگەكلىك بىلەن ئويلۇنۇپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك: «جاڭ چيەن خاتىرىگە ئالغان ‹سۇلې› ھەرگىزمۇ تۈركىي ئاتالغۇ ئەمەس. ئۇ مەنە ھەجەتتىن مەھمۇد كاشغەرى قەلەمگە ئالغان ‹سۇلى›، ‹سۇۋلۇق›، ‹سۇۋلاغ›لارغا قىلچە يېقىن كەلمەيدۇ. شۇڭا ‹سۇلې›نىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىدىن ئەمەس، بەلكى ئەڭ ياخشىسى، خەنزۇلارنىڭ خەنزۇ بولمىغان مىللەتلەر ۋە ئۇلار ياشىغان تۇپراقلارغا ئات قويۇش ئادىتىدىن ئىزدەپ، ‹سۇلې-كاشغەرنىڭ ئەينى چاغدىكى خەنزۇچە ئاتىلىشى› دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ياكى ئەينى چاغدا مۇشۇ تۇپراقتا ياشاپ، كېيىن مەلۇم تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تارىخ سەھنىسىدىن مىللەت سۈپىتىدە غايىپ بولغان بەزى قەدىمىي مىللەتلەرنڭ تىلىدىن ئىزدېگەن تۈزۈك»⑤.شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن تاشمۇھەممەت ئابدۇراخمان يازغان «يەرناملىرى ئىلمى» نامىلىق ئىلمىي ئەسرىدە «يەنە بەزى يەر نامىلىرى گەرچە نام جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن نام كۆرسەتكەن نوقتا ئوخشاش بولمىغان. بۇ، قەدىمكى دەۋرلەردىكى خەنزۇ تارىخچى ۋە سەيياھلارنىڭ قالدۇرغان خاتا خاتىرلىرى ياكى ئوخشاش بولمىغان ناملارنى ئوخشاش ئاتىۋېلىشى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن.» ⑥دېگەن قاراشلىرى بىلەن خەنزۇچە سالنامىلەردىكى تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇردىغان بولساق، بۇ نۇقتىدا يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھېس قىلىمىز: «سۇلى بەگلىكى، قۇمنىڭ غەربىدە، ئاقتاغنىڭ جەنۇبىدىن يۈز نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتا. خەن سۇلالسى دەۋرىدىكى قەدىمكى بەگلىك بولۇپ، دەي بىلەن ئارلىقى 11 مىڭ 250 چاقىرىم كېلىدۇ. ۋېي پادىشاھى ۋېنچېڭدىنىڭ ئاخىرقى يىلى، بۇ بەگلىكنىڭ بېگى ئەلچىدىن ساكيامۇنىنىڭ بىر جەندىسىنى ئەۋەتتى. جەندىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەزدىن ئاشاتتى. پادىشاھ ۋېنچېڭدى ئۇنى ئوتقا سېلىپ راست-يالغانلىقىنى سىنىماقچى بولىۋىدى، بىر كۈن ئوتتا تۇرۇپپمۇ كۆيمەي، كۆرگەنلەرنى سۈر بېسىپ كەتتى. بۇ بەگلىكنىڭ بېگى بېشىغا شىرسىمان ئالتۇن بۆك كىيىدۇ. يەرلىرىدىن شال، سۆك، كەندىر، بۇغداي، مىس، تۆمۈر، قەلەي، سېرىق مەرگىمۇش كۆپ چىقىدۇ. ھەر يىلى تۈركلەرلەرگە ئەۋەتىپ تۇرىدۇ. ئاستانىسىنىڭ چوڭلۇقى بەش چاقىرىم كېلىدۇ. 12 چوڭ شەھىرى، نەچچە ئون كىچىك شەھىرى بار. ئادەملىرىنىڭ پۇت-قولىنىڭ بارماقلىرى ئالتىدىن بولىدۇ، تۇغۇلغان بالىلارنى پۇت-قولىنىڭ بارمىقى ئالتە بولمىسا باقمايدۇ. لەشكەرلىككە يارايدىغان ئادەم 2000. (430)جەنۇب تەرىپىدە خۇاڭخې دەرياسى بار. غەرب تەرىپى كۆتئارت بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرق تەرىپى كۈسەنگە 1500 چاقىرىم، غەرب تەرىپى پەرغانىگە 1000 چاقىرىم، جەنۇب تەرىپى جوجوفقا 800-900 چاقىرىم، شەرقىي شىمال تەرىپى تۈرك سەركەردىسىنىڭ بارگاھىغا 1000 چاقىرىمدىن كۆپرەك، شەرقىي جەنۇب تەرىپى گۇاجۇغا 4600 چاقىرىم كېلىدۇ.» ⑦; B2 c' n8 J: k9 I9 L* m% @ لياڭ مېڭ «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەسىس قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىسىدا: «سۇلې يامۇلى داۋگۇاڭنىڭ 7-يىلى(مىلادى 1827-يىلى) ياقۇپبەگ توپىلىڭىنى تىنجىتتى. قارقا (ھازىرقى يېڭىشەھەر بازىرى)غا يېڭىشەھەرنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەربىيلەر شەھىرى، يەنى ئوردا قۇرال كۈچى ئارقىلىق توپىلاڭنى تىنجىتىپ تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن شەھەر دېگەن مەنىگە ئىگە. ئۇلار سۇلې شەھىرىنى يېڭىشەھەر دەپ ئاتايدۇ»⑧ دەپ كۆرسىتىدۇ. چوقان ۋەلىخانوفمۇ ئۆزنىڭ «ئالتە شەھەر خاتىرلىرى» نامىلىق ئەسىرىدە:« چىڭ ئىمپېرىيىسى كىچىك بۇخارا(قەشقەر)نى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ يېنىدا ياكى شەھەردىن ئىككى چاقىرىمدىن يەتتە چاقىرىمغىچە بولغان يىراقلىقتا باشقىدىن سېپىل سوقتۇرۇپ يېڭى قەلئەلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۇ شەھەرلەرنى مەنچېڭ (مانجۇلار شەھىرى)دەپ ئاتىدى، ئالتەشەھەرلىكلەر بولسا شۇ سۆزلەرنى يېڭى شەھەر ياكى گۈلباغ دەپ ئاتىشىدۇ. ئىچكىردىن يۆتكەپ چىققان ئەسكەرلەر بىلەن پۇقرالار مۇشۇ شەھەرلەردە تۇرىدۇ. مانجۇ، خەنزۇ پۇقرالار ئەسلىدىكى كونا شەھەرلەرگە پەقەت كۈندىزىلا كىرىپ چىقالايدۇ.»⑨ دېگەن مەلۇماتلىرىمۇ يېڭىشەھەر نامى بىلەن بىرگە ھازىرقى يېڭىشەھەرنىڭ 1828 -يىللىرىنىڭ ئالدى –كەينىدە بەرپا قىلىنغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. ھازىرمۇ قەشقەر بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە ئۆتىدىغان قىزىل دەرياسىدىكى كۆۋرۈكنى ئۇيغۇرلار «قىزىل كۆۋرۈك» دەپ ئاتىسا خەنزۇلار «چىلى چاۋ» دەپ ئاتايدۇ. كۆۋرۈك نامىغىمۇ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە قىلىنىپ «يەتتە چاقىرىم كۆۋرۈكى»، «七里桥» دەپ يېزىلغان. بۇ يەتتە چاقىرىم ئارلىقتىكى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان شەھەر ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ ناھىيە مەركىزىدىكى ئىلگىرىكى سىپىل ئىچىدىكى دائىرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ناھىيە بەرپا قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئورۇن نېمە دەپ ئاتالغان؟ دېگەن سۇئال بىزنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا تارىخى ماتىريالار دەسلەپكى ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ. - h8 K3 j. d1 ?7 E ئا.ن.كوروپاتكىن «قەشقەرىيە» نامىلىق ئەسىرىدە «قەشقەرىيە مەمۇرى جەھەتتىن مۇنداق 10چوڭ ئاساسىي رايونغا ۋە نۇرغۇنلىغان كىچىكرەك جايلارغا بۆلۈنىدۇ: قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، باي، كۇچا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلار ئاساسلىق رايونلار ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر رايوندا بىردىن شەھەر ۋە نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك مەھەللىلەر – كەنتلەر بار. قەشقەر رايونىغا تەۋە يەرلەردىن سەمەن، توققۇزاق، قوغان، قارقىر، بەشكىرەم، ئاۋات، قىزىلبۇي، ياندۇما، شاپتۇل، ئاقىيار، يامانيار، تۆۋەنكى ياندۇما، باي توقاي، قوشئاۋات، پەيزىۋات، كوپسەڭگى، تۇپراقلىق، قارا باغ، پاراچ، بوراخىتاي، ناچۇق، دۆلەتباغ ۋە قىزىل دۆۋە قاتارلىق جايلار بار. »⑩دېگەن ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ. بۇ ئۇچۇرلاردا كۆرۈنۈپ تۇرغۇنىدەك ئەينى دەۋرىدىكى قەشقەرىيەنىڭ چوڭ رايۇنلىرى قاتارىدا يېڭىشەھەر يوق. مەھەللىلەر قاتارىدا قەشقەرگە تەۋە مەھەللىلەر قاتىرىدا تىلغان ئىلىنغان ياندۇمۇ، يامانيار، باي توقاي، ناچۇق كەنتلىرى ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھيىسىكى يېزا، مەھلىلەرنىڭ نامى، بىرلا قارقىردىن باشقا ناملار ھازىرقى قەشقەر شەھىرى، كونىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيسى تەۋەسىدىكى كەنت مەھلىلەرنىڭ ئىسىمى. ئۇنداقتا قارقىرچۇ؟ قارقىر قەيەرگە كەتتى؟ ھازىرقى رىئالىنى پاكىتلار بىلەن يازما ئۇچۇرلار ھازىرقى يېڭىشەھەر ناھىسىنىڭ 1828-يىللاردىن ئىلگىرى قاراقىر دەپ ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. قەمەرجان قابىل «قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل–دەرۋازىلىرى» ناملىق ماقالىسىدا: «قاراقىر دەرۋازىسى: بۇ دەرۋازا شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپى يەنى ھازىرقى چاسا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ساقىيە ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى كەتمەن بازىرى مەھەللىسىگە جايلاشقان، بۇ دەرۋازا نامىنىڭ قاراقىر دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قېچىچا، ئاراباغ، بارىن قاتارلىق كەنتلىرى ئەينى چاغدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قاراقىر يېزىسى دەپ ئاتىلاتتى، شۇڭا شەھەرنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسى ئۆزىنىڭ يوقىرىسىدىكى قاراقىر يېزىسىنىڭ نامى بىلەن قارقىر دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان» ⑾ دەپ مەلۇمات بېرىدۇ. 1825-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يازدۇرۇلغان، راجىھ ئابدۇرېشىت ئىبراھىم، ئابلا سايىت ھاجى نەشىرگە تەييارلىغان «ئافاق خوجا مازىرى ۋەخپىسى»دە مۇنداق ئۇچۇرلار بىرىلىدۇ: «مازارغا قارا قىرغا تەۋە ياندارمىدىكى بايرىن شور ئېرىقلىق بورياچىلاردىن ئالتۇن-كۈمۈشكە سېتىپ ئالغان تەخمىنەن ئاتمىش ئالتە پاتمانلىق يەرنى، بىنامغا تەۋە يۈز پاتمانلىق يەرنى قوشۇپ جەمئىي بىر يۈز ئاتمىش ئالتە پاتمانلىق يەرنى ئۆز مۈلكى تەسەررۇپلىرىدىن چىقىرىپ ۋەخپە مۇتلەق ۋە مەڭگۈلۈك تەسەددۇق قىلدى. قارا قىرغا تەۋە ياندارمىدا ۋەخپە قىلىنغان بىر يۈز ئاتمىش ئالتە پاتمانلىق يەرنىڭ چەك-چېگرىسى: % m3 K6 p; j3 F# M4 |2 U/ v9 ~ شەرقىي چېگىرىسى-يامان يارغا ۋە بەزىسى قارا كۆلگە تۇتاش. شىمالىي چېگىرىسى-سېغىزلىق يەرگە، بەزىسى ھىمىتنىڭ بېگى، سامۇ خوجە، قاسىم تۇڭچىلارغا بەرگەن يەرگە ۋە بەزىسى ئايرىلىپ قالغان يىگىرمە پاتمانلىق بىنام يەرگە ۋە بەزىسى ئايىقى لوڭ نىنىڭ قوۋمىنىڭ بۇتخانىسىگە چىقىپ، ئۇشبۇ ۋەخپە يەرگە سۇ كىرىدىغان ئۆستەڭگىچە. # ?! F0 A" \8 i- ~. v جەنۇبىي چېگرىسى –ھەم ئابدۇل باقى بەگنىڭ لەڭگىرىنىڭ يېرىگە تۇتاش پاسىل بويرىچى يولى. بەزىسى جىلغا ۋە بەزىسى ياندارمىنىڭ شۇبۇ ۋەخپە يەرگە سۇ كىرىدىغان ئۆستەڭ، كالا قوتىنىدىن باشلاپ يامان يارغىچە جىلغا. قارا قىرغا تەۋە بايرىن كەنتىدە غۇجەك لەنگىرىنىڭ ئالدىدىكى يار ئاغىچە ۋەخپە قىلغان ئالتە غەلبىرلىك يەر»(12) ئادىل مۇھەممەت تۇران «قەشقەردىكى قەدىمىي ئىزلار» نامىلىق ئەسىرىدە تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ مۇنداق مەلۇمات بىرىدۇ: «قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئەسلى قەشقەر شەھىرى بىلەن قوشۇلۇپ، قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى سۇلې بەگلىكىنىڭ مەركىزىي رايۇنىدىن ئىدى. مىلادى 1827-يىلى، چىڭ سۇلالىسى قەشقەر شەھىرىگە يېقىن بولغان ‹قاراقىر›دېگەن يەرگە مۇستەھكەم قورغان سېلىپ شەھەر بىنا قىلدى. نامىنى خەنزۇلار شەھىرى ((汉城دەپ ئاتىدى. ئۇيغۇرلار قەدىمكى قەشقەر شەھىرىگە ئۇدۇل قارىتىپ بىنا قىلىنغان بۇ شەھەرنى ‹يېڭىشەھەر›دەپ ئاتىدى.» (13) يۇقارقى پاكىتلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، ھازىر بىز يېڭىشەھەر ناھىيسى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ناھىيە بازار مەركىزىدىكى كونا سىپىل ئىچىدىكى ئىلگىركى يېڭشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىختىكى ئەسلى نامى قاراقىر بولۇپ، ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىدا ئەملىي ئىھتىياجقا ئاساسەن سىپىل سوقتۇرلۇپ، قاشالاشتۇرۇپ، يېڭىچە تۈزۈم ئورناتقاندىن كىيىن يېڭىشەھەر دەپ ئاتالغان. ھەمدە ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئۆزلەشكەن. قەدىمى يېڭىشەھەردىكى سىپىل ئىزلىرى ھازىر پەقەت سابىق يېڭىشەھەر1- بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قورۇسى ئىچىدە ئاز بىر بۆلۈكى (10مېتىرچە، قىلىنقى بىر مېتىرچە) قالغاندىن باشقا بارلىق ئىزلار ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن يوقىلىپ كەتكەن. ھازىر قارقىر دېگەن بۇ نام پەقەت قەشقەر شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپى يەنى ھازىرقى چاسا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ ساقىيە ئاھالە كومىتېتى تەۋەسىدىكى كەتمەن بازىرى مەھەللىسىدىكى كوچىنىڭ نامى سۈپىتىدە «قارقى دەرۋازىسى» دېگەن نام بىلەن ساقلىنىپ قالغان. قارقىرنىڭ ئىتىمولۇگىيەلىك مەنىسى جەھەتتە «پوپاڭ يەر، قارغا ئاتىدىغان جايغا چىقىدىغان ئىغىز، قاراقچىلار بار جاي» دېگەندەك مەنىلەرنى بەرگۈچىلەر بولدى. بىزنىڭچە بۇ خىل ئىزاھلاش سەل يەڭگىلتەكلىك بولۇپ قالسا كىرەك. بىزدە «قارا» دېگەن سۆزنىڭ «ئۇلۇغ، كەڭ، چوڭ، يوغان»(14)، «پۇقرا، خەلق؛ مىللەت»(15)دېگەندەك مەنىلەرنى بىرىدىغانلىقى، «قىر»نىڭ يايلاق، دەريا، ئۆستەڭ، ئېرىق شۇنداقلا، چوڭقۇرچاق نەرسىلەرنىڭ پاسلىنى، چىتىنى يەنى قىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بۇ ھەققتە «تۈركىي تىللار دىۋنانى»( 1-كىتاب. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1981-يىل نەشىرى 425-بەت) تە مۇنداق ئۇچۇرلارمۇ بار. « قىر- تۆپىلىك، دۆڭ». ئابلىمىت ئەھەت بىلەن دىلدار مەمتىمىن تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»دىمۇ ئۇخشاشلا يۇقۇرقىدەك ئىزاھات بىرىلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياشاش، شۇنداقلا يەر ناملىرىنى قويۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قاراقىرنىڭ «كەڭ قىر، كەڭ يايلاق، چوڭ قىر، چوڭ دامبا» دېگەندەك مەنىلەرنى بىرىدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز. ھازىرمۇ يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ياندۇما يېزىسىدا يايلاق كەنتى دەيدىغان بىر كەنت بار. «مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1994-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغۇتى»(4)تە(390-بەت) «قىر سۆزىگە كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك، دالا»دەپ ئىزاھات بەرگەن. بىز بۇ نۇقتىلارغا ۋە ھازىرقى يېڭىشەھەرنىڭ جۇغراپىيلىق تۈزىلىشىگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق «قارغا ئاتىدىغان جايغا چىقىدىغان ئىغىز، قاراقچىلار بار جاي»دەپ ئىزھالاشنىڭ قايسى دەرىجىدە زورقۇش ئىكەنلىكىنى ئەقىل كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز. قىسقىسى، يېڭىشەھەرنىڭ ئەسلى نامى سۇلى(سۇللاق، سۇلاغ، سۇلۇق) بولماستىن، بەلكى «قاراقىر» دۇر. مەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن مەقسەتتە بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم، بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تەتقىقات بوشلۇقىنىڭ كېڭيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئاتۇش شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئازاق يېزىسى قۇمسېغىر كەنتىنىڭ غەربى جەنۇبىدا بىر قەدىمى شەھەر خارابىسىنىڭ سۇلى دۆلىتىنىڭ خارابىسى ئىكەنلىكىدىكى تەتقىقات نەجىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن سۇلى ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە، يۈزە قاراشلارنىڭ پات ئارىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىدىن دەسپلەپكى بىشارەتلەرنى بەرمەكتە.
2 t# D h) s* R3 Y
پايدىلانغان ماتىرياللار:
1. «يېڭىشەھەر تارىخىي ماتېرىياللىرى» بىرنچى توپلام، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك كومىتېتى تارىخىي ماتېرىياللار ھەيئىتى تۈزگەن. 1993-يىلى نەشرى 2. قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىل نەشرى 3. «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» ئىككىنچى توپلام، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللار ھەيئىتى تۈزگەن. 1994-يىل نەشرى 4. مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى «قەشقەردىكى يادىكارلىقلاردىن تەرمىلەر» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1990-يىل نەشرى.3 {$ `5 o4 O8 V. r$ ] ئىزاھاتلار: + Q, Y" `2 l4 E+ V) u S: e4 { ①لى فېڭشىڭ: «يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى» دىگەن ماقالىسى، «يېڭىشەھەر تارىخىي ماتېرىياللىرى» بىرنچى توپلام، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭىشەھەر ناھىيىلىك كومىتېتى تارىخىي ماتېرىياللار ھەيئىتى تۈزگەن. 1993-يىلى نەشرى 2-، 3-بەت. , `( x3 B4 A- n! F2 z# | ② قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001-يىل نەشرى 40-، 41-بەت. . l8 ^/ V4 f6 i2 Z d1 ~8 c ③ تۇرسۇنتوختى مەتتۇرسۇن:« ئۇيغۇر يەر ناملىرى مەدەنىيىتىدىكى مىللىي خاسلىق ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا» -«قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيىسى» 2006-يىللىق 4-سان، 314-بەت. ( }! v y6 d/ C! [) S3 @ ④ئادىل مۇھەممەت : «‹سۇلې›نامىنىڭ ئېتىمولۇگىيىسى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1993-يىل 3-سان، 118-بەت. + E. a# @9 H2 H5 S2 I) U) [) t* n ⑤ئابلا ئەخمىدى «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›دىن ‹قەشقەر›نىڭ ئېتمولوگىيىسىگە نەزەر»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» (ھازىرقى «قەشقەر») 2002-يىل 5-سان، 18-بەت. ⑥ قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، تاشمۇھەممەت ئابدۇراخمان : «يەرناملىرى ئىلمى» شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھنىيە نەشرىياتى 2000-يىل نەشىرى 172-بەت. ⑦ لى يەنشۇ: «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشىرى 429-بەت؛ «يېڭى تاڭنامە» –شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2010-يىل نەشىرى 934-بەت؛ « غەربىي يۇرت تارىخىي ماتېرىياللىرى»، –شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004-يىل نەشىرى 865-بەت.2 u/ J0 K+ D% j+ m* t; A d ⑧ لياڭ مېڭ «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەسىس قىلىنىش جەريانى توغرىسىدا قىسقىچە بايان» دېگەن ماقالىسى، «قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى» ئىككىنچى توپلام، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى تارىخ ماتېرىياللار ھەيئىتى تۈزگەن. 1994-يىل نەشرى 12-بەت. & P8 q1 r, z* i4 l2 v& d# L* w ⑨چوقان ۋەلىخانوف: «ئالتە شەھەر خاتىرلىرى»«شىجاڭ تەزكىرچىلىكى»2001 –يىل 2-سان 46-بەت. & q) c+ w' q! e7 O4 T! o# B7 G$ k ⑩ئا.ن.كوروپاتكىن «قەشقەرىيە» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل نەشىرى 36-، 37-بەت. (11)قەمەرجان قابىل «قەشقەر شەھىرىنىڭ سېپىل –دەرۋازىلىر»، «شىجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 1997-يىل 4-سان، 80-بەت. (12)راجىھ ئابدۇرېشىت ئىبراھىم، ئابلا سايىت ھاجى نەشىرگە تەييارلىغان «ئافاق خوجا مازىرى ۋەخپىسى» «بۇلاق» 2005-يىل 1-سان 31-، 32-، 35-بەت. (13)ئادىل مۇھەممەت تۇران: «قەشقەردىكى قەدىمىي ئىزلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل 9-ئاي نەشىرى 98-بەت. (14)ئىمىن تۇرسۇن: «توپونىمغا دائىر ئىزدىنىشلەر»، «شىنجاڭ تەزكىرىسى» 1996-يىل 3-سان 44-بەت. (15)ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىن تۈزگەن«قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى»، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989-يىل 10-ئاي نەشرى 288-بەت