تۈننىس ۋە ئەنئەنىۋى جەمئىيەت

ئورنى Wikipedia

ئەنئەنىۋى جەمئىيەت بىلەن زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ پەرقى ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى تۈننىس(Ferdinand Tönnies,1855~1936) بولۇپ، ئۇ ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتىكى جامائەت ياكى مەھەللە (community,共同体) بىلەن زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى سېلىشتۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سانائەت جەمئىيتىنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن ئەنئەنىۋى مەھەللە ۋە جامائەت قارىشى تۆۋەنلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى يەر، قانداشلىق ۋە روھىي بىرلىكىنى ئەمەس، كەسپلەرنى بىرلىك قىلىپ شەكىللىنىدۇ. تونىس جامائەت ياكى مەھەللىنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە بۆلگەن. قانداشلىق جامائىتى(血缘共同体)، مەھەللە جامائىتى(地缘共同体) ۋە روھىي جامائەت[1](精神共同体) . ئۇنىڭ نەزىرىدە يۇقىرىقى جامائەت تۈرلىرى ئەنئەنىۋى جەمئىيەت تىپىغا مەنسۇپ. زامانىۋى جەمئىيەت بولسا ناتونۇش كىشىلەر بىرلىكتە ياشايدىغان، كىشىلەر كەسىپ مۇناسىۋېتى بىلەن بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىدىغان جەمئىيەتتۇر.

ئۇيغۇر جەمئىيتىگە قارايدىغان بولساق، يېزىلاردا ۋە بىر قىسىم شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ مەلۇم بىر مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ جامائەت ياكى توپ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقىنى بايقايمىز. ئادەتتە يېزىلاردا، كىشىلەر مەلۇم بىر مەھەللىنى ئاساس قىلىپ قويۇق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ ياشاش ئەندىزىسى تۇننىس ئوتتۇرىغا قويغان مەھەللە جامائىتى ياكى تۇپى تۈرىگە تەۋە بولىدۇ. يېزىلاردا كىشىلەر يەنە مەھەللىنىلا ئاساس قىلىپ ياشىماستىن، قويۇق بولغان تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋېتىنى ساقلايدۇ. تۇققانلار ۋە قوشنىلار دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرىدا بىر-بىرىگە ياردەم بىرىدۇ؛ بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى قويۇق مۇناسىۋەت ساقلاپ ئۆتىدۇ.

ئادەتتە، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى قانداشلىق ۋە مەھەللىنىلا ئاساس قىلماستىن، ئېتىقاد ياكى كەسىپنىمۇ ئاساس قىلىدۇ. بۈگۈنكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا كىشىلەر جامائەتچىلىكنى ئاساس قىلىپ ياشايدۇ. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئۆم-ئىتىپاق بۇلۇشقا يىتەكچىلىك قىلىدىغان دىن بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چىڭىتىش، كىشىلەرنى بىر-بىرىگە ياردەم بىرىشكە چاقىرىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. قىسقىسى، تۇنىس ئوتتۇرغا قويغان ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى جەمئىيەت تىپلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرى ۋە بىر قىسىم شەھەرلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەھلىل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم تەتقىقات خاراكتىرىگە ئىگە.

[1]伊保云, 什么是现代化:概念与范畴的探讨,人民出版社, 2001年10月,第47页