تېخنىكا توختامى

ئورنى Wikipedia
 18- باب تېخنىكا توختامى
  1- پاراگراف ئۇمۇمىي بەلگىلىمە
  322- ماددا تېخنىكا توختامى ئالاقىدارلار تېخنىكا يارىتىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مەسلىھەتچىلىكى ياكى مۇلازىمىتىدە تۈزگەن، ئۆز ئارا ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرىنى بېكىتىدىغان توختامدۇر.
  323- ماددا تېخنىكا توختامى پەن- تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن- تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىممەتكە ئايلاندۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك.
  324- ماددا تېخنىكا توختامىنىڭ مەمۇنىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. ئۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  (1) تۈر نامى؛
  (2) نىشاننىڭ مەزمۇنى، دائىرىسى ۋە تەلىپى؛
  (3) ئىجرا پىلانى، سۈرئىتى، مۆھلىتى، ئورنى، رايونى ۋە ئۇسۇلى؛
  (4) تېخنىكا ئاخباراتى ۋە ماتېرىيالنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش؛
  (5) خەۋپ- خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش؛
  (6) تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ تەۋەلىكى ۋە پايدىسىنى بۆلۈشۈش ئۇسۇلى؛
  (7) تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلى؛
  (8) پۇل، ھەق ياكى ئىشلىتىش ھەققى ۋە تۆلەش ئۇسۇلى؛
  (9) خىلاپلىق پۇلى ياكى زىيان تۆلىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى؛
  (10) تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى؛
  (11) ئاتالغۇ ئىزاھاتى.
  توختامنى ئىجرا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى، مۇمكىنلىك دەلىلى ۋە تېخنىكا باھالاش دوكلاتى، تۈر ۋە ۋەزىپىنامىسى ۋە پىلانى، تېخنىكا ئۆلچىمى، تېخنىكا قائىدىسى، دەسلەپكى لايىھە، ھۈنەر ھۆججىتى، شۇنىڭدەك تېخنىكا ھۆججەت ئارخىپى ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە توختامنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلانسا بولىدۇ.
  تېخنىكا توختامى پاتېنتقا چېتىلسا، كەشپىيات ئىجادىيەت نامى، پاتېنىت ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن پاتېنت ئىگىسى، ئىلتىماس ۋاقتى، ئىلتىماس نومۇرى، پاتېنت نومۇرى، ۋە پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.
  325- ماددا تېخنىكا توختامىدىكى پۇل، ھەق ياكى ئىشلىتىش خىراجىتىنى تۆلەش ئۇسۇلىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ، بىر قېتىمدا ھەممىنى ھېسابلاپ بىراقلا تۆلىسمۇ ياكى بىر قېتىمدا ھەممىنى ھېسابلاپ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسىمۇ بولىدۇ، پىرسەنت ئايرىپ تۆلىسمۇ ياكى پىرسەنت ئايرىلسا تۆلەيدىغىنىغا كىرىش ھەققىنى قوشۇپ ئالدىن تۆلىسىمۇ بولىدۇ.
  پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشنى پۈتۈشۈشتە، مەھسۇلات باھاسى، پاتېنتنى يولغا قويۇش ۋە تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يېڭىدىن قوشۇلغان مەھسۇلات قىممىتى، پايدىسى ياكى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتىگە ئاساسەن پىرسەنت ئايرىلسا بولىدۇ. پىرسەنت ئايرىپ تۆلەش نىسبىتىدە مۇقىم نىسبەت، يىلمۇ يىل ئېشىپ بارىدىغان نىسبەت ياكى يىلمۇ يىل ئازىيىپ بارىدىغان نىسبەتنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
  پىرسەنت ئايرىپ تۆلەشنى پۈتۈشۈشتە، ئالاقىدارلار توختامدا ئالاقىدار بوغالتىرلىق ھېساباتىنى تەكشۈرۈش چارىسىنى پۈتۈشۈشى لازىم.
  326- ماددا ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى قانۇنىي ئىگىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارغا تەۋە بولسا، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ۋەزىپە دائىرىسىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا تېخنىكا توختامى تۈزسە بولىدۇ. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ۋەزىپە دائىرىسىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدىدىن مەلۇم نىسبەتنى ئايرىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقان شەخسلەرگە مۇكاپات ياكى ھەق بېرىشى كېرەك. قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توختامى تۈزۈپ، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ئوخشاش شارائىتتا ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  ۋەزىپە دائىرىسىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ياكى ئاساسلىقى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ماددىي، تېخنىكا، شارائىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق يارىتىلغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.
  327- ماددا ۋەزىپە سىرتىدىكى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچىغا تەۋە بولىدۇ، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى ۋەزىپە سىرتىدىكى شۇ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى توغرىسىدا تېخنىكا توختامى تۈزۈشسە بولىدۇ.
  328- ماددا تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە ئالاقىدار ھۆججەتكە ئۆزىنى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقۇچى، دەپ يېزىش ھوقۇقىغا ھەمدە شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.
  329- ماددا تېخنىكىنى قانۇنسىز مونوپول قىلىدىغان، تېخنىكا تەرەققىياتىغا دەخلى قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىگە زىيان سالىدىغان تېخنىكا توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
  2- پاراگراف تېخنىكا يارىتىش توختامى
  330- ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامى ئالاقىدارلار يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ھۈنەر ياكى يېڭى ماتېرىيال ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە يارىتىشتا تۈزۈشكەن توختامنى كۆرسىتىدۇ.
  تېخنىكا يارىتىش توختامى ھاۋالىلىك يارىتىش توختامى ۋە ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  تېخنىكا يارىتىش توختامى يازما بولۇشى كېرەك.
  ئالاقىدارلار كەسىپتە قوللىنىش قىممىتىگە ئىگە پەن- تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتىنى ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا تۈزۈشكەن توختامدا تېخنىكا يارىتىش توختامىدىكى بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىدۇ.
  331- ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە تەقىقات- يارىتىش خىراجىتى ۋە ھەق تۆلىشى؛ تېخنىكا ماتېرىيالى، دەسلەپكى سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشى؛ ھەمكارلىشىدىغان ئىشلارنى تۈگىتىشى؛ تەتقىقات- يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش لازىم.
  332- ماددا ھاۋالىلىك يارىتىش توختامىدىكى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە تەتقىقات- يارىتىش پىلانى تۈزۈشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشى؛ تەتقىقات- يارىتىش خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشى؛ تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى؛ تەتقىقات- يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تاپشۇرۇشى، ئالاقىدار تېخنىكا ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى زۆرۈر تەتقىقات- يارىتىش مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
  333- ماددا ھاۋالە قىلغۇچىلاردىن پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  334- ماددا تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىلاردىن پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى، مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  335- ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامى تۈزۈشكۈچىلەر پۈتۈشكىنى بويىچە مەبلەغ سېلىشى، جۈملىدىن تېخنىكىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىشى، تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتىگە ئىش تەقسىماتى بويىچە قاتنىشىشى، تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك.
  336- ماددا ھەمكارلىشىپ يارىتىش توختامى تۈزگەنلەردىن پۈتۈشكىنىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتىنىڭ توختاپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىرى خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  337- ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامىدىكى نىشان تېخنىكىنى باشقىلار ئاشكارىلاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن، تېخنىكا يارىتىش توختامىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغان بولسا، ئالاقىدارلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
  338- ماددا تېخنىكا يارىتىش توختامىنى بىكار قىلىش جەريانىدا يەڭگىلى بولمايدىغان تېخنىكا قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن تەتقىقات- يارىتىش خىزمىتى مەغلۇب بولغان ياكى قىسمەن مەغلۇب بولغان بولسا، بۇ خەۋپ- خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، خەۋپ- خەتەر جاۋابكارلىقىنى ئالاقىدارلار مۇۋاپىق ئۈستىگە ئالىدۇ.
  بىر تەرەپ ئالدىنىقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەتقىقات يارىتىش خىزمىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ياكى قىسمەن مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇش ئېھتىمالى بار ئەھۋالنى بايقىغاندا، يەنە بىر تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، زىياننى ئازايتىشى كېرەك. ۋاقتىدا ئۇقتۇرماي ھەمدە مۇۋاپىق تەدبىر قوللانماي زىياننى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە، ئېغىرلىشىپ كەتكەن زىيان جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  339- ماددا ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھاۋالە بويىچە يارىتىلغان كەشپىيات- ئىجادىيەتتە پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقى تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىدا بولىدۇ، تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى بۇ پاتېنتنى ھەقسىز يولغا قويسا بولىدۇ.
  تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچى پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، ھاۋالە قىلغۇچى ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  340- ماددا ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەمكارلىشىپ يارىتىلغان كەشپىيات- ئىجادىيەتتە پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقى ھەمكارلىشىپ ياراتقۇچىلارغا ئورتاق تەۋە بولىدۇ. بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئورتاق ۋە پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە قالغان تەرەپلەر ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
  ھەمكارلىشىپ ياراتقۇچى بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ ئورتاق پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قلغاندا، يەنە بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلسا ياكى قالغان تەرەپلەر بىرلىكتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن تەرەپ بۇ پاتېنتنى ھەقسىز يولغا قويسا بولىدۇ.
  ھەمكارلىشىپ ياراتقۇچى بىر تەرەپ پاتېنتنى ئىلتىماس قىلىشقا قوشۇلمىسا، يەنە بىر تەرەپ ياكى قالغان تەرەپلەرنىڭ پاتېنت ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
  341- ماددا ھاۋالە بويىچە ياكى ھەمكارلىشىپ ياراتقان تېخنىكىنىڭ مەخپىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى تەقسىم قىلىش چارىسىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، ئالاقىدارلار ئىشلىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، لېكىن ھاۋالە بويىچە ياراتقان تەتقىق قىلىپ ياراتقۇچىنىڭ تەتقىقات- يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھاۋالە قىلغۇچىغا تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.
  3- پاراگراف تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى
  342- ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى پاتېنت ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پاتېنت ئىلتىماس ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى يازما بولۇشى كېرەك.
  343- ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچى پاتېنتنى يولغا قويۇش دائىرىسى ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى پۈتۈشتە بولىدۇ. لېكىن، تېخنىكا رىقابىتىگە ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا چەك قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
  344- ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامى شۇ پاتېنت ھوقۇقى داۋاملىشىدىغان مەزگىلدىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. پاتېنت ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى توشسا ياكى پاتېنت ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ئېلان قىلىنسا، پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ شۇ پاتېنت توغرىسىدا باشقىلار بىلەن پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامى تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
  345- ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامىدىكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا پۈتۈشكىنى بويىچە ئىجازەت بېرىشى، پاتېنتنى يولغا قوۇشقا دائىر تېخنىكا ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى، تېخنىكا جەھەتتە زۆرۈر يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
  346- ماددا پاتېنتنى يولغا قويۇش ئىجازەت توختامىدىكى قوبۇل قىلغۇچى پاتېنتنى پۈتۈشكىنى بويىچە يولغا قويۇشى، پۈتۈم سىرتىدىكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ئىجازەت بەرمەسلىكى ھەمدە ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىشى كېرەك.
  347- ماددا تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى پۈتۈشكىنى بويىچە تېخنىكا ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىشى، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلشى، تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلشى، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  348- ماددا تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە تېخنىكا ئىشلىتىشى، ئىشلىتىش ھەققى تۆلىشى، مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  349- ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئۆزىنىڭ شۇ تېخنىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىگىسى ئىكەنلىكى ھەمدە تەمىنلىگەن تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەل، خاتاسىز ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى، پۈتۈشكەن نىشانغا يەتكۈزەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىشى كېرەك.
  350- ماددا تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدىكى قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشكەن دائىرە ۋە مۆھلەت بويىچە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تەمىنلىگەن تېخنىكىنىڭ ئاشكارىلانمىغان قىسمىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  351- ماددا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى تېخنىكىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆتۈنمىسە، ئىشلىتىش ھەققىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى قايتۇرۇشى ھەمدە خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پاتېنتنى يولغا قويۇشتا ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈشكەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر، پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ياكى شۇ تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشىغا ئۆز مەيلىچە ئىجازەت بەرگەنلەر خىلاپلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پۈتۈشكەن مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  352- ماددا قوبۇل قىلغۇچى ئىشلىتىش ھەققىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تاپشۇرمىسا، تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى ھەمدە پۈتۈشكىنى بويىچە خىلاپلىق پۇلى تۆلىشى كېرەك؛ ئىشلىتىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرمىغان ياكى خىلاپلىق پۇلىنى تۆلىمىگەنلەر پاتېنتنى يولغا قويۇشنى ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشنى توختىتىشى، تېخنىكا ماتېرىيالنى قايتۇرۇشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پاتېنتنى يولغا قويۇشتا ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشتا پۈتۈشكەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر ئۆتۈنۈپ بەرگۈچىنىڭ ۋەدىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۈچىنچى كىشىنىڭ شۇ پاتېنتنى يولغا قويۇشىغا ياكى تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىشىغا ئۆز مەيلىچە ئىجازەت بەرگەنلەر خىلاپلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ پۈتۈشكەن مەخپىيەتلىك ساقلاش مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلار خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  353- ماددا قوبۇل قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە پاتېنتنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، جاۋابكارلىقنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  354- ماددا ئالاقىدارلار ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا پاتېنتنى يولغا قويۇپ، تېخنىكا مەخپىيىتىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق يېڭىلىغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش چارىسىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، بىر تەرەپ داۋاملىق يېڭىلىغان تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن باشقا تەرەپلەرنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ.
  355- ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تېخنىكا ئىمپورت- ئېكىسپورت توختامى ياكى پاتېنت، پاتېتنت ئىلتىماس توختامى توغرىسىدا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.
  4- پاراگراف تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى
  356- ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامى مۇئەييەن تېخنىكا تۈرىنى مۇمكىنلىك دەلىلى، تېخنىكىلىق مۆلچەر، مەخسۇس تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىپ باھالاش دوكلاتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان توختاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  تېخنىكا مۇلازىمەت توختامى بىر تەرەپ تېخنىكا بىلىمى ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپنىڭ مۇئەييەن تېخنىكا مەسلىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈزگەن توختامنى كۆرسىتىدۇ، قۇرۇلۇش توختامى ۋە كاسىنا ئىش توختامى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
  357- ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە مەسلىھەتلىشىدىغان مەسىلىنى شەرھلەپ بېرىشى، تېخنىكا ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ماتېرىياللىرى، سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى؛ ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەت مۇۋەپپەقىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ھەق تۆلىشى لازىم.
  358- ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە مەسلىھەت دوكلاتىنى قولدىن چىقىرىشى ياكى جاۋاب بېرىشى؛ مەسلىھەت دوكلاتىنى پۈتۈشكەن تەلەپكە يەتكۈزۈشى لازىم.
  359- ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى زۆرۈر سانلىق مەلۇمات ۋە ماتېرىياللار بىلەن پۈتۈشكىنى بويىچە تەمىنلىمەي، خىزمەتنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن، خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغان ياكى مۆھلەت ئۆتكەندە قوبۇل قىلغان بولسا، تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، تۆلىمىگەن ھەقنى تۆلىشى كېرەك.
  تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىلاردىن مەسلىھەت دوكلاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلىرى ياكى تاپشۇرغان مەسلىھەت دوكلاتى پۈتۈشكىنى بويىچە بولمىغانلىرى ھەققىنى ئاز ئېلىش ياكى ئالماسلىق قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
  تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ پۈتۈشكەن تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەسلىھەت دوكىلاتىغا ۋە پىكىرىگە ئاساسەن تەدبىر كۆرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان زىياننى ھاۋالە قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
  360- ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە خىزمەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى، ماسلىشىدىغان ئىشلارنى تۈگىتىشى، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ھەق تۆلىشى كېرەك.
  361- ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچى پۈتۈشكىنى بويىچە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى قولدىن چىقىرىشى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تېخنىكىلىق مەسلىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتىشى لازىم.
  362- ماددا تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلغۇچى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلماي، خىزمەت سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە، خىزمەت نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمىسا ياكى مۆھلەت ئۆتكەندە قوبۇل قىلسا، تۆلىگەن ھەقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، تۆلىمىگەن ھەقنى تۆلىشى كېرەك.
  تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىدىكى ھاۋالە قىلىنغۇچىلاردىن مۇلازىمەت خىزمىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە تۈگەتمىگەنلىرى ھەق ئالماسلىق قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
  363- ماددا تېخنىكا مەسلىھەتچىلىك توختامى، تېخنىكا مۇلازىمەت توختامىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن تېخنىكىلىق ماتېرىيال ۋە خىزمەت شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھاۋالە قىلىنغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ خىزمەت مۇۋەپپەقىيىتىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان يېڭى تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ھاۋالە قىلغۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ.
  364- ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تېخنىكا ۋاستىچىلىك توختامى، تېخنىكا جەھەتتە يېتىشتۈرۈش توختامىغا دائىر ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.