Jump to content

تېرخىن مەڭگۈ تېشى

ئورنى Wikipedia

تېرخىن مەڭگۈ تېشى ياكى تاريات مەڭگۈ تېشى (Tariat inscriptions) 1957 - يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيەنىڭ ئارھانگاي ئۆلكىسى دولون مۇد رايونى ھانگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايۇن) تېپىلغان بولۇپ، 8 - ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا (دېيەرلىك 753 - 760 - يىللار ئارىسى) ئۇيغۇر ئ‍ەل ئەتمىش بىلگە قاغانى مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن چەكتۈرۈلگەن. مەڭگۈ تاش مويۇنچۇر قاغان ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي ياكى كېيىنچە بۆگۈ قاغان ئاتى بىلەن داڭق قازانغان ياغلاقار ئىدىكەن ئاغزىدىن يېزىلغان.

ئورخون ئۇيغۇر قاغانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يەرلىك مەلۇماتلار قاتارىدىن بولغان بۇ مەڭگۈ تاشتا ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيلەنگەن. قىممەتلنك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ

تېكىست

[تەھرىر]
Teŋiride : bolmuš : El Etmiš Bilge : qaγan : El bilge : qatun : qaγan atïγ qatun atïγ atanïp : Őtüken kedïn učinta : Tez bašinta : örügün ......(čit) anta jaratïtdïm : barš yïlqa yïlan yïlqa : eki yïl
yajladïm : ulu yïlqa Őtüken : ortušïnta Šöŋüz ba (šïnta)Ïduq bašï kedininte : jajladim. Őrügün : bunta : jaratïdïm. Čit bunta toqïtïdïm. Bïn yïllïq : tümen künlük : Bitigimin belgümin bunta
yašï tašqa : jaratïdïm : tolqu : tašqa toqïtïm : üze kökTeŋiri yarïlqaduq : üčünasra yaγiz jer : igitük : üčün : elimen : törümen etintim : öŋre kün toγušuqdaqï : budun : kisre ay toγušuqdaqï : budun :
tört buluŋdaqï budun : küč berür yaγïm : bölüg yoq boltï : ...ekin ara ïlïγïm at ïrïγlaγïm : Sekiz Seleŋe : Orqun Toγula : Seben : Teldü : Qaraγa : Boruγu : ol jerimen šubumïn qonar köčerben :
yaγlaγïm : Őtüken : quzï kedin učï Tez bašïöŋdüni Qanuy : Künüj : biz ekin ara qïčlaγïm Őtüken jeri : Onγï Ta (rqan) süjü yaγ : budun (qa) ...γï berigerü učï : Altun : Yïš kedin üčï : Kögmen : iligerü učï Köiün
Teŋiride : bolmuš : El Etmiš Bilge : aqanïm : ičreki : buduni : altmïs Bujruq BašïÏnanču Bujruq Toquz : bolmï Bilge : Taj Seŋün...tu...bes jüz bašï Kül Oŋï : Őz ïnanču : bes jüz : bašï Uluγ Őz ïnanču
Uruŋu : jüz : bašï : Uluγ Uruŋu Töles begler oγulï : bïŋ bašï Töles Külüg Erin : Tarduš begler oγulï bïŋ bašï Tarduš Külüg : Erin : Ïšbara (s)bes bïŋ er : bašï Alip Ïšbara Seŋün Jaγlagar
.........mïs toguz jüz er : bašï : Tojgan : Uluγ Targan : buquγ bïŋa...
...budunï bïŋa qaγan Atačïq budunï bïŋa
Teŋirim qanïm : ......qan atlïγ Čiqsi aqunču : Alip : bilge...qan...Oγuz budun altï jüz Söŋüt bir tümen budun qazγantï
Teŋiri aqanïm : atlïγï Toquz Tatar...bujruq......γï...(Söŋüt bïn)budunï tegtemin : bu bitidükde : qanïma : Torγag bašï qa...Atačuq Begčeker Čiqsi birle Baγa Tarqan üč jüz Torγaq turdï
Teŋiri aqanïm : oγulï...Bilge...lïγï......isig y...buyruq Azsï Tay Seŋün budunï : Toŋra bujruq...bašï : Uč Qarlug bunča : budun : Yabγu : budunï
Teŋirim (qanïm : oγulï)...Udurγan ...č bašï Seŋün : budunï : Toquz Bayrïqu : ...bašï Basmil : Toquz Tatar : bunča budun Čad : budunï :
...anta tegdi : bunï yaratγma...Qutiuγ Tarqan...budunïγ atïn : yoiïn : yaγïma : Aium Čisi eki : ya...Qutiuγ : Bilge : Seŋün Uršu Qutluγ : Targan Seŋün : ol eki jorï
...yarïlqadï : Bayïrqu : Tarduš : Bilge Targan...Qutluγ Jaγmač : Tabγač : Šoγdaq bašï : Bilge Seŋün Ozul Šenirken
.....Jolluγ qaγan Bumïn qaγan : üč qaγan olurmis : eki jüz jïl olurmiš
......qïza barmïš : Učuz eki : atlïγnï tüke barmïs Qadar Qašar Bedi Bersel : Aj taz : Oγuz
.........ečüm : apam : sekiz on yïl : olurmiš : Őtüken Eli : Őgüres Eli : ekin ara : Orqun : ögüzde
.........yïl olurunta...yïl barmïs : atïmïn üze : kök Teŋiri : ašïra : yaγïz Jer : jana
.........ntar atantïm : sekiz otuz yašïma : yïlan yïlqa : Türük Elinte bulγadum : anta artutdïm
.........atlïγïn jamašdï bïŋa......yorïdïm : Ozmïš Tegin Udurγanta : yorïyor : Tedi : anï alγïl tedi :
.........(Kömü)r taγda Yar ögüzde üč tuγluγ Türük budunqa anta : jetinči aj : törüt jegirmike
.........anta : toqtartïm aqanïm : altïm : anta yoq boltï : Türük budunïγ anta : ičgrtim : anta jana
......Ozmïš Tegin qan boltï : qoñ yïlqa : yorïdïm
[ekinti].........bičin yïlqa yo[rïdïm]...süŋüstüm anta šančdïm qanïn anta
......tutdïm........atïštïm......el atamïš taqïγu yïlqa : yorïdïm yïl (...)besinč ay : ü yegirmike : qalčïšdï
süŋüs(dim)...ičgerip igdir bölük......ben anta kisre...ït yïlqa : Üč Qarluq : jablaq saqïnïp : Teze bardï : qurïja On oqqa
kirti : anta......(Üč Qarluq)laγzï yïlqa (Toquz Tatar)...Toguz bujruq Bes Söŋüt : qara budun : Toryan : aqaŋïm qanqa : ötünti : ečü apa atï
bar tedi...anta : yadγu a(tadi)... anta kisre : küsgü yïlqa (Esin siz)de küč : qara budun...mis : Esinsizde : küč : qara šub ermis : qara budun : Torïyan qayan
atadïTeŋiride : bolmuš : El Etmiš : Bilge qayan : atadï El bilge qatun : atadï : qaγan : atanïp : qatun atanïp : Őtüken : ortušunta : kedinin örügin : bunta : etdim
Bunï yaratïγma böke tutam
غەربىي يۈزى
[تەھرىر]

1. مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش ، بىلگە قاغان (بىلەن) تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن ، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ چاغدا ئۆتۆكەننىڭ غەرىبى چېتىدە ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا ئوردا قۇرغۇزدۇم . شۇ يەردە ، يولۋاس ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلنى

2. ئۆتكۈزدۈم . ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز - باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەرىب تەرىپىدە يايلىدىم . شۇ يەردە ئوردا قۇرغۇزدۇم ، سېپىل سوقتۇردۇم . مىڭ يىللىق ، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى ، تامغامنى شۇ يەردە

3. سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم ، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم . يوقۇرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرىشى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم ، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم . ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى خەلىقلەر ، 4. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلىقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرور . دۈشمىنىم ئۆز بۆلىكىدىن ئايرىلدى سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم . سەلەنگە ، ئورقۇن ، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى . مەن قارغا ۋە بۇرغۇ دەرياسى بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن ، ئىككى دەريالىرىم ئارلىغىدا كۆچىمەن . 5. يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربى ئۇچىدا ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە . مەن شۇ يەردە تۇرارمەن ، كۆچەرمەن ..... مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ، ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى . « قوشۇن تارت ، خەلىقنى يىغ ، يىغ (دېدىم؟) جەنۇبى چېگرىنى ، ئالتۇن تاغلىرىدىكى غەربى چېگرىنى ، غەربى چېگرىنى ، جەنۇبى چېگرىنى قوغدا ! » 6. تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خانىم (دۆلەت) ئىچىدە تۇرۇشلۇق (بارلىق) قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى بۇيرىدى .ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئىنانچۇ باغا تارقان ، ئۇلۇغ بۇيرۇقلار جەمئى توققۇز : بىلگە تاي سەنگۈن تۇتۇق ، بەش يۈز باشى ؛ كۈلۈگ ئوڭى ئۆز ئىنانچۇ ، بەشيۈز باشى ؛ ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ

7. ئۇرۇڭۇ ، يۈز باشى ؛ ئۇلۇۈ ئۇرۇڭۇ ؛ تۆلىس بەگلەر ئوغۇللىرىنىڭ مىڭ باشى تولىسلىق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش بەگلىرىنىڭ ئوغلى مىڭباشى ، تاردۇشلشق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش ئىشبارىش مىڭ ئەسكەر باشى ؛ ئالىپ ئىشبارا سەنگۈن ياغلاقار

8. ..... توققۇز يۈز ئەسكەر باشى تويقاننىڭ ئۇلۇغ تارقانى (ئوردىنىڭ باشلىغى) بۇقۇغنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى

9. ..... قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى؛ باتۇر ئاتاچۇق قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى

شىمالىي يۈزى
[تەھرىر]

10. تەڭرىم قاغانىم نۇرغۇنلىغان يولدىن ئازغانلار (قارغۇلار) نى تۇتتى . بەش (مىڭ باشى) ........ قۇتلۇغ چىگشى ، قانچۇ ئالىپ بىلگە چىگشى ..... قاغان ماغدۇرسىزلانغان ئوغۇز خەلقىنى ، ئۇنىڭ ئالتە يۈز سەنگۈنلىرى ، بىر تۈمەن قوشۇنىنى (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى « خەلقنى » ) قولغا چۈشۈردى . 11. بۇ پۈتۈك يېزىلىۋاتقاندا ، ئەي قاغانىم ! تەڭرى قاغانىمنىڭ ئاتلىقلىرى (ياكى ئەمەلدارلىرى) توققۇز تاتار ، ئازلارنىڭ ئون يەتتە بۇيرىقى ، سەنگۈنلەر ، توڭرا (قەبىلىسىنىڭ) مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ، ئۇيغۇر خەلقى تەگىنلىرىم بىلەن بىللە ، تۇرغاق (قورۇقچى - مۇھەررىردىن) باشلىقلىرى ، باتۇر ئاتاچۇق ۋە بەگزىك ئەر چىگشى بەگ تارقانلار بىلەن ۋە ئۈچ يۈز تورغاق بىلەن بىللە قاتناشتى . 12. تەڭرىم قاغانىمنىڭ ئوغلى بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇق بىلگە يايغۇ ... تۆرىلىرى ، قۇملۇق يەرنىڭ (ياكى ئىسسىق يەرنىڭ) باشلىقلىرى (داھىيلىرى) ... بايارقۇ خەلقى ، ئاز ئاشپا تاي سەنگۈنى ۋە خەلقى ، تۇڭرا (قەبىلىسىدىن) باش قايباش ، ئۈچ قارلۇق شۇنچە جىق كىشىلەر قاتناشتى . يابغۇغا قاراشلىق خەلق 13. تەڭرىم خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ...... خەلققە ...... ئۇدۇرغاندا ....... چابىش سەنگۇنىنىڭ (خەلقى) ۋە توققۇز بايارقۇ (خەلقىنى) يەنە بويسۇندۇردى . توققۇز تاتار _ شۇنچە كۆپ خەلقلەر ، چادغا (شادغا) قاراشلىق خەلق 14. ...... ئۇ شۇ چاغدا ھۇجۇم قىلدى . بۇنى ياراتقان بىلگە قۇتلۇق تارقان سەنگۈن ، مۇنچە كۆپ خەلقنى شەرەپ بىلەن (يەڭدى) ! ياغما ۋە (ئا) لۇم _ چىشى (لۇم ۋە چىشى ؟ ياكى ياغما خەلقىدىن ئالۇمچى ؟ ) گە (قارشى) ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى . قۇتلۇغ بىلگە سەنگۈن ۋە ئۇرۇشۇ قۇتلۇغ تارقان سەنگۈن ئىككىسىگە « بېرىڭلار » 15. دەپ يارلىق قىلدى . تاردۇشلۇق بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇغ (ھەر ئىككىسى) بايارقۇ خەلقىدىن . ياغمىنىڭ باشلىقلىرى ، تابغاچلار ۋە سوغدىلاردىن بىلگە سەنگۈن ، ئوزىل ئوڭ ئەركىن .

شەرقىي يۈزى
[تەھرىر]

16. ...... يولىغ قاغان ...... بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەخىتتە ئولتۇردى ، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى

17. ....... ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى... ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاندى ۋە ھالەك بولدى . قادىر قاسار ۋە بەدى بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز

18. ....... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان . ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى (دەريا؛ سېلىنگا ، تۇغلا ؟) ئارىسىدا ، ئورقۇن دەرياسىدا

19. ...... يىل تەختتە ئولتۇرغان... يىل ئۆتتى . ئاتامنى يوقىردا كۆك تەڭرى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە

20. ........ مېنى بەلگىلىدى . مەن 28 يېشىمدا ئىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پارەكەندە قىلدىم . ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم

21. ....... ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم . مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭدى « ئوزمىش تەگىن ئودۇرغاندىن كېلىۋاتىدۇ ! » دىدى ، « ئۇنى تۇت ! » دىدى 22. ........ « ئۇلارنى قوغلىدىم . قارا قۇمدىن ئۆتتۈم ۋە كۆيۈرگە كەلگەندە » كۆمۈر تېغى ۋە يار دەرياسى بويىدا يەتتىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقىگە (ھۇجۇم قىلدىم)

23. ........ شۇ يەردە ئورنىتىشقا بۇيرۇدۇم . خان... شۇ يەردە ئۆلدى . شۇ يەردە تۈرك خەلقىنى بويسۇندۇردۇم . شۇ يەردە يەنە

24. ....... ئۆزمىش تەگىن خان بولدى . قوي يىلى يۈرۈش قىلدىم.

جەنۇبىي يۈزى
[تەھرىر]

25. ئىككىنچى قېتىم (ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم ، ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم .) ......... مايمۇن يىلىدا يۈرۈش قىلدىم ....... ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، ئۇ يەردە يەڭدىم . شۇ يەردە ئۇلارنىڭ خانىنى

26. تۇتتۇم . (قاتۇنىنى شۇ يەردە ئالدىم) ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى كەلدى ...... توخو يىلى يۈرۈش قىلدىم ۋە شۇ يەردە تۇردۇم . بەشىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچۈنچى كۈنى ئۇلار يىغىلدى .

27. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ۋە ئۇ يەردە غەلبە قىلدىم بەگ ....... يېڭىلگەندىن كېيىن ئىگدەرلەر پارچىلا ندى ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئىت يىلى ئۈچ قارلۇقلار ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلاپ قاچتى . غەربتىكى ئون ئوق (خەلقىنىڭ مەملىكىتىگە)

28. كىردى . شۇ چاغدا ....... تۇڭگۇز يىلى ئۈچ قارلۇقلار ، توققۇز تاتارلار ....... توققۇز بۇيرۇق... سەنگۈنلەر ۋە ئاتام تۇرياننىڭ بارلىق خەلقى ھۆرمەت بىلەن ئۇنى قاغان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى . « ئەجدادلارنىڭ نامى (مۇشۇنداق) ئىدى ! »

29. دىيىشتى . ئەتراپىدىكى (بارلىق) ئەللەرنى ئۇ مەغلۇپ قىلدى ........ شۇ چاغدا (ئۇنى) يابغۇ دەپ ئاتاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن چاشقان يىلىدا « ئەسەنلىكى يوقنىڭ كۈچى بۇلاق سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ » (دەپ) پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان

30. ئاتىدى . تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خوتۇنىنى) ئەل بىلگە قاتۇن دەپ ئاتىدى . (ئۆزۈمنى) قاغان ، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ ، ئوردامنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم .

ئىزاھات: بۇ تاشنىڭ تىكىستىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان.


قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىمىز دوكتور ئابلەت كامالوف ئەپەندىم ئۆزىنىڭ <<ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ ئېپىگرافىيىلىك يادىكارلىقلىرى>> ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدە "تېرخىن مەڭگۈ تېشى" ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغان: تېرخىن يېزىقى مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ پارچىلىرىنى دەسلەپ مۇڭغۇل ئالىمى س.دورجىسۇرېن1957_يىلى تېرخىن دەرياسىنىڭ تېرخىنساگان كۆلى (خانگاي تاغلىرىنىڭ غەربىي شىمالى) ئەتراپىدا تاپقان. 1969-يىلى بۇ جايدا سوۋېت تۈركشۇناسى س.كلياشتورنىي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك ئىزدىنىشلەر نەتىجىسىدە، تاشپاقا شەكىللىك پوستامېنتقا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈكنىڭ بىر پارچىسى تېپىلدى. 1970-يىلى يادىكارلىقنىڭ يەنە ئىككى فاراگمېنتى (بۆلىكى، پارچىسى) نى ئارخېئولوگلار ن.سېرېجاۋ ۋە ۋ.ۋولكوفلار تاپتى. لېكىن مۇشۇ كەمگىچە تاش پۈتۈكنىڭ يۇقۇرى قىسمى ۋە تاش پۈتۈك ئۆزى كىرگەن ئارخېئولوگىيىلىك كومپلېكس (بىر پۈتۈنلۈك) تېپىلمىدى. ھازىر تېرخىن تاش پۈتۈكى موڭغولىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تارىخى ئىنىستىتۇتى (ئۇلانباتۇر) دا ساقلانماقتا. يېزىق تېكستى بىر ۋاقىتنىڭ ئىچىدە موڭغۇل ئالىملىرى م.شىنېخۇ، ب.بازىلخان ھەم لېنىنگرادلىق ئالىم غ.كلياشتورنىي تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.يادىكارلىقلارنى ئوقۇش،تەرجىمە قىلىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ھەم ئۇنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا كلياشتورنىي 1980-يىلى ماقالە ئېلان قىلدى (« سوۋېت تۈركولوگىيىسى »، 1980_يىل،3_سان). ئۇنىڭ تەكلىپ قىلغان تەرجىمىسى ۋە شەرھى مۇڭغول ئالىملىرىنىڭكىدىن تامامەن پەرقلىنىدۇ. چۈنكى م. شىنېخۇ ۋە ب.بازىلخانلار مەزكۈر يادىكارلىقنىڭ تېكستىنى ئېنىقلاشتا موڭغۇل تىل نورمىلىرىغا ئاساسلىنىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن يىراق بولغان .

تېرخىن يېزىقى ھەققىدىكى كېيىنكى مۇلاھىزىلەرگە (بەزى تەتقىقاتلاردا «تاريات يېزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ك.سېگلىدى، ئا.رونا تاش، ل.بازېن، تالات تېكىن قاتارلىق ئالىملار قاتناشتى. تالات تېكىننىڭ تەرجىمىسى ۋە ترانسكرىپىسسىيىسى س. كلياشتورنىينىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ. س.كلياشتورنىينىڭ ماقالىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قاھار باراتنىڭ ئىزاھلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىندى. س.كلاشتورنىينىڭ تەكىتلىشىچە تېرخىن يېزىقى قەبرگە قويۇلغان يادىكارلىق بولماي، بەلكى ئىككىنچى ئۇيغۇر خاقانى ئەلئەتمىش بىلگە خاقاننىڭ پەرمانى بىلەن ئورنىتىلغان زەپەر يادىكارلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن ئەلئەتمىش پائالىيىتى توغرىسىدا سۆز بولىدۇ. مەزكۇر يېزىقنىڭ مۇئەللىپى خاقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتلۇق تارخان سەنگۈن (كېيىنكى بۆگۈ خاقان، 759—779) ئىدى.

مەنبەلەر

[تەھرىر]