تېرىق
تېرىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
[تەھرىر]ئۇيغۇرچە نامى :تېرىق
تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
تونۇش
[تەھرىر]4پارچەتېرىقتېرىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى يىپسىمان يوپۇرماق، باشىقى سۇس سېرىق بولۇپ، ئاقلىغاندىن كېيىن سېرىق دېنى چىقىدۇ. دېنى ئادەتتە سۆكتىن چوڭراق بولۇپ، پىشۇرغاندىن كېيىن يېپىشقاق ھالەتكە كېلىدۇ.
تەبىئىتى
[تەھرىر]بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى
[تەھرىر]سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
دورىلىق قىسمى
[تەھرىر]تېرىقنىڭ دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى
[تەھرىر]ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى
[تەھرىر]بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
خۇسۇسىيىتى
[تەھرىر]سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
دورىلىق قىسمى
[تەھرىر]تېرىقنىڭ دېنى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى
[تەھرىر]ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
[تەھرىر]بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ، شۇ پېتى ياكى ئۇن تارتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
رېتسىپلار
[تەھرىر]5پارچەتېرىقتېرىق ئۇنىدا نان يېپىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ.
تېرىق ئۇنىنى قايماق بىلەن يۇغۇرۇپ تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلسا، بەدەننى قۇرۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
تېرىق ئۇنىنى سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ، تاماق قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىستىسقا ۋە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەنبەلەر
[تەھرىر]مەنبە:ئىزدە قامۇسى