تېرېسا ئانا

ئورنى Wikipedia
تېرېسا ئانا
تۇغۇلغان ۋاقتى

1910-يىل 26- ئاۋغۇست

تۇغۇلغان يېرى

ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئۇسكۇب ھازىرقى ماكىدونىيەنىڭ سىكوپىيە

ۋاپات بولغان ۋاقتى

1997-يىل 5-سېنتەبىر

كەسپى مۇناخ
دۆلەت تەۋەلىكى ئالبانىيە،ھىندىستان
پائالىيەتىلىرى

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى

قېلىپ:Wikidata image

1910-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەۋە ئۇسكۇبتا (ھازىرقى ماكىدونىيەنىڭ سىكوپىيە رايونى) تۇغۇلغان، 1997-يىلى 5-سېنتەبىردە ھىندىستاننىڭ كالكۇتتىدا ۋاپات بولغان. ھىندىستان ۋەتەندىشى بولغان تېرېسا ئانا ئالبان مىللىتىدىن بولغان كاتولىك دىندار بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەر مىسسىيونىرلار جامائىتىنى قۇرغانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا تونۇلغان.

پۈتۈن ھاياتى بويىچە نامراتلارغا ياردەم قىلىپ، يېتىم-يىسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۆيسىزلەرگە ياتقۇدەك ماكان ئىزدەپ، ئۆمرىنى يوقسۇللارغا بېغىشلىغان تېرېسا ئانا ھىندىستاندىلا ئەمەس، يەنە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ بېرىپ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

بالىلىقى[تەھرىرلەش]

ئەسلى ئىسمى ئانىيەس گوڭگىيا باخىيۇ بولۇپ، ئالبانىيەلىك بىر تىجارەتچى بۇرژۇئا ۋە كاتولىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى كول بىر قانچە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، يەنە مەخسۇس دورىگەرلىك بۇيۇملىرىنىمۇ ساتاتتى. ئانىيەس تۇغۇلغاندا، بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر قىز ۋە بىر ئوغلى بار ئىدى.

دادىسى كولنىڭ تېگى ماكىدون-رۇم بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەۋە رايونلارنىڭ ئادىتىگە قارشى ھالدا، ئوغۇل-قىزلىرىنى چوقۇم مەكتەپكە ئەۋەتىشتە چىڭ تۇراتتى. بالىلار بىر تەرەپتىن ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىسىدىن دىنى تەربىيە ئالاتتى.

ئانىيەسنىڭ ئاتا-ئانىسى داۋاملىق نامراتلارغا ياردەم قىلىدىغان بولۇپ، كىچىك ئانىيەس دائىم ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ، مەيلى يېتىم-يېسىر ياكى ھاراقكەش بولسۇن، يوقسۇللارنى يوقلىغىلى باراتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن يوقسۇللار ئۈزۈلمەيتتى.

ئۇلار تۇرۇۋاتقان رايون بالقان ئۇرۇشىدىكى مىللى توقۇنۇشلار تەرىپىدىن داۋالغۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن سەربىيەنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئانىيەسنىڭ دادىسى ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. توققۇز ياشلىق ئانىيەس يېتىم قالدى. شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، ئانىسى پەقەت بىر تىككۈچىلىك دۇككىنى بىلەن ئائىلىسىنى قامداشقا مەجبۇر بولدى.

ئائىلىنىڭ كۈچلۈك دىنى مۇھىتىدا چوڭ بولغان ئانىيەس كىچىكىدىنلا ئۆيدە ۋە چىركاۋدا تەشكىللەنگەن ھەر تىپتىكى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. 12 يېشىدىلا ھاياتىنى خۇداغا بېغىشلاشنى قارار قىلىدۇ. يالغۇزلۇقنى، كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئانىيەسنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولۇپ، داۋاملىق زۇكامدىن قۇتۇلالمايتتى.

17 يېشىدا لېتىس مۇقەددەس ئانا چىركاۋىغا تاۋاپقا بارغاندىن كىيىن، ئانىيەس پۈتۈن ھاياتىنى مۇشۇ يولغا بېغىشلاش قارارىغا كېلىپ، ئانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ، لورەت مۇناخلار جامائىتىگە كىرىدۇ.

دىنى ھاياتى[تەھرىرلەش]

1928-يىلى 18 ياشلىق ئانىيەس لورەت مۇقەددەس ئانا مۇناستىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېرلاندىيەدە ئالتە ئاي ئېنگىلىزچە ئۈگىنىدۇ ۋە ئاندىن كىيىنكى يىلى ھىندىستانغا دىنى ۋە ئىنسانى ياردەمگە ماڭىدۇ. ھىندىستاندىكى ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمىغۇدەك نامراتلىق ئانىيەسنى چۆچۈتىدۇ. ئۆز يېزىسىدا چىقىدىغان بىر يەرلىك گېزىتتە ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئەگەر بۇ يەردىكى چىدىغۇسىز نامراتلىقنى كۆرگەن بولسا ئىدى، بىزنىڭ ئۇ يەردىكى ئادەملەر ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن نارازى بولۇشنى توختاتقان بولار ئىدى." ئۇزۇن ئۆتمەي دارجىلىڭ شەھرىگە مۇناخلىققا ماڭىدۇ. 1929-يىلى 23-مايدا، ئانىيەس تۇنجى قېتىم دىنى كىيىم كىيىپ، دۇنيادىن ئايرىلغان بىر مۇھىتتا دىنى تەربىيە كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن، ئىسىم ئۆزگەرتىپ، مارىيە-تېرېسا ئانا دەپ ئاتىلىدۇ.

كالكۇتتىدىكى ئۇستازلىق ھاياتى[تەھرىرلەش]

بېنگالدىكى بىر ھەقسىز دوختۇرخانىدا بىر قانچە ئاي ئىشلىگەندىن كىيىن، مارىيە-تېرېسا ئانا كالكۇتتىدىكى بىر مەكتەپتە ئالتە يىل ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. 1944-يىلى، كالكۇتتىنىڭ يۇقىرى تەبىقىلەر مەكتىۋىنىڭ ئىلمى مۇدىرى بولىدۇ. ۋاقتىنىڭ بىر قىسمىنى نامراتلار رايونىدىكى ئىگە-چاقىسىزلارنى يوقلاشقا بەرگەن مارىيە-تېرېسا ئانىسىغا ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ پات-ئارىدا مەكتەپنىڭ باش مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىدىغانلىقىنى يازىدۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا جاۋابەن :"جېنىم بالام، سەن بىر نامرات دۆلەتكە نامراتلار ئۈچۈن باردىڭ، بۇنى ئۇنۇتما" دەپ يازىدۇ.

1946-يىلى 10-سېنتەبىر كالكۇتتىدىن جارلىڭغا ماڭغان پويىزدا، يېرىم ئۇيقۇدىكى مارىيە-تېرېسا تۇيۇقسىز خۇدانىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ كۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى دەۋر بۆلگۈچ بىر كۈن ھېساپلىنىدۇ. كالكۇتتىغا قايتقاندىن كىيىن، شەھەرنىڭ دىنى داھىسىغا بۇ ئىش توغرىلىق خەۋەر بېرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، ھاياتىنى نامراتلارغا بېغىشلاش نىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن دىنى جەمىيەت بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. 1948-يىلى، ئاخىرى ۋاتىكان پوپى ئۇنىڭغا بىر يىللىق رۇخسەت بېرىدۇ.

ۋاقىپنىڭ قۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

رۇخسەت ئالغان تېرېسا ئانا ئۆزىگە كۆك ۋە ئاق رەڭلىك سارى تاللايدۇ. 1948-يىلى 16- ئاۋغۇستتا لورەت مۇناستىرىدىن ئايرىلىپ، پاتناغا كېلىپ، سېستىرالىق ئۈگىنىدۇ. كالكۇتتا دىنى داھىسىنىڭ تەلىپى بىلەن بىر گېزىت چىقىرىپ، ئويلىغانلىرىنى ئېلان قىلىدۇ:" ھەددىدىن تاشقىرى نامراتلىق ئىنساننى ئاستا-ئاستا ئىنسانلىقتىن چىقىرىدۇ." شۇ يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى تېرېسا ئانا نامراتلارنىڭ بالىلىرىغا دەرس بەرمەكچى بولىدۇ ۋە ئون كۈن ئىچىدىلا 50 بالا يىغىلىدۇ. بۇ بالىلار ئۈچۈن دەرس يېرى ئىزدەيدۇ. خەلققە سوپۇن تارقىتىپ، ئۇنى ئىشلىتىشنى ئۈگىتىدۇ. بەزىلەر تېرېسا ئانىنىڭ يېڭى ھاياتىنى خىيالى ۋە پايدىسىز دەپ ئەيپلەيدۇ.

1949-يىلى 5-ئايدا، تېرېسا ئانىنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر قانچىسى ئۇنى كۆرگىلى كېلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىش نىيىتى بارلىقىنى ئېيتىشىدۇ. 1950- يىلى، دىن قائىدىلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مىسسيونىرلىرى جامائىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

تېرېسا ئانىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك جامائىتى پۇلى يوق، ئىجدىمائى ئورنى ۋە ھوقۇقى يوق، كوچىدا تاشلىنىپ قالغان ئاغرىق كىشىلەرنى دوختۇرخانىغا ئاپارسىمۇ، دوختۇرخانا رەت قىلغىنى ئۈچۈن، بۇ كىشىلەرنى داۋالاشقا كالكۇتتا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن بىر ئورۇن سورايدۇ. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن يېرى بىر ھىندى ئىبادەتخانىسىغا يېقىن بولۇپ، ھىندىلار بۇ مىسسىيونىرلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئاخىرى قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. مۇناخلار ساقچىلارنىڭ ياردىمىدە زوراۋانلىقلاردىن قېچىپ چىقىدۇ. ۋاقىپ قۇرۇلۇپ، ئىككى يىلدىن كىيىن، تېرېسا ئانا بىر مۇسۇلماننىڭ ئەرزان باھاغا ساتقان ئۆيىنى ئېلىپ، ۋاقىپنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تېرېسا ئانا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن نامازنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك زىچلىقىنى تەكىتلەپ كېلىپ، قىلغان بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنسانلارنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بىر كۈنى تېرېسا ئانا كوچىدا ئىت تەرىپىدىن يىيىلىۋاتقان بىر بوۋاقنى قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇنى ۋاقىپقا ئەكىلىپ باقىدۇ. لېكىن بىر قانچە كۈندىن كىيىن، بوۋاق ئۆلىدۇ. تېرېسا ئانا شۇندىن باشلاپ، مەخسۇس تاشلىنىپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز بالىلار ئۈچۈن دارىلتام ئاچىدۇ ۋە ئىسمىنى نېرمالا شىشۇ باۋان قويىدۇ.

تېرېسا ئانا پۈتۈن ھاياتى بويىچە بالا چۈشۈرۈشكە قارشى چىققان. ئۇ يەنە ۋابا كېسىلى يامرىغان ھىندىستاندا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى مەخسۇس داۋالاش ئۈچۈن ۋابا مەركىزى ئاچىدۇ.

خەلقئاراغا كېڭەيتىلىشى[تەھرىرلەش]

دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، كالكۇتتا شەھەرلىك چىركاۋ پوپى گېزىتتە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋاقپى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىق قىلىدۇ. بېنگال باش مىنىستىرى تېرېسا ئانىنى قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لايىكلاردىن ئان بىلايكى ئۆزىنىڭ تېرېسا ئانا قارايدىغان يېتىملارغا روژىستوۋا سوۋغىتى بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. تېرېسا ئانا ھېچبىر بالىغا ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن، بىلايكىدىن مۇسۇلمان ۋە ھىندى بايراملىرىدىمۇ سوۋغات بېرىشىنى سورايدۇ.

ۋاقىپ قۇرۇلۇپ ئون يىلدىن كىيىن، تېرېسا ئانا پۈتۈن ھىندىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ھەرىكەتلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. 1962-يىلى ھىندىستان پرىزدىنتى ئۇنىڭغا پام شرى ئوردېنى تەقدىم قىلىدۇ.

1963-يىلى، كالكۇتتىدىكى بىر دىنبىر ۋابا دوختۇرخانىسىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى چىققان تېرېسا ئانا ئۆزى مەخسۇس ۋابا داۋالاش رايونى قۇرىدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن ھىندىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ۋاتىكان پاپى پول 6 ئۆزى ئولتۇرىدىغان لىمۇزىن ماشىنىسىنى بۇ رايونغا ئىئانە قىلىدۇ. تېرېسا ئانا بۇ لىمۇزىننى تالاشتۇرۇپ سېتىپ، پۇلىنى ۋابانى داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ. شۇ يىلى پاپنىڭ تەلىۋى بىلەن، جەنۇبى ئامرىكىدا ئىنسانپەرۋەر مىسسىيونىرلار جامائىتى قۇرۇلىدۇ.

1968-يىلى پاپنىڭ تەلىۋى بىلەن رىمدا بىر ئۆي ئاچقان تېرېسا ئانا شۇندىلا غەرپتىكى نامراتلىقنى ھېس قىلىدۇ. ئوخشاش ۋاقىتتا ئىنسانپەرۋەر مۇناخلار مۇستەقىللىق ئۇرۇش ئوتىدا قالغان بېنگالدا ۋە باشقا خىرىستىيانلار ئانچە قارشى ئېلىنمايدىغان دۆلەتلەردىمۇ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بارىدۇ. 1973-يىلى يەمەن باش مىنىستىرى تېرېسا ئانىنى ئالھۇدايدادا ۋابانى داۋالاش مەركىزى ئېچىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا "چىگرىسىز ئانا" دېگەن نامنى بېرىدۇ.

تېرېسا ئانىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنسانپەرۋەرلىك كۈرەشلىرى ئاخىرى پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشلىنىدۇ. نۇرغۇن تىنچلىق مۇكاپاتلىرى، ئوردېنلار تەقدىم قىلىنىدۇ ۋە بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتنىڭ پەخرى دوكتۇرى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. 1979-يىلى17-ئۆكتەبىردە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. بۇ مەزگىللەردە تېرېسا ئانا دۇنياۋى مەشھۇر زات بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.

تېرېسا ئانىغا قارىتىلغان تەنقىدلەر[تەھرىرلەش]

دوختۇرلار تېرېسا ئانىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كېسەلنى داۋالاش ئەمەس بەلكى ئۆلۈشىگە ياردەمدە بولۇش دەپ ئەيىپلەيدۇ. ئىلمى داۋالاشنىڭ كامچىللىقىغا ئىقرار تېرېسا ئانا بۇ ئەيىپلەشلەرگە قارىتا، ئۆزلىرىنىڭ يا دوختۇر ياكى ئىجدىمائى ياردەمچىلەر ئەمەسلىكىنى، مەقسىدىنىڭ كىشىلەرنى خۇداغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن تىنىچلىقتا ياشاشقا ياردەملىشىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

يەنە بەزىلەر تېرېسا ئانىنى دىن تارقىتىش ۋە بالىلار ۋە جەسەتلەرنى خىرىستىيانچە يۇيۇش بىلەن ئەيىپلەيدۇ. تېرېسا ئانا بالىلار ۋە جەسەتلەرنىڭ ھېچقاندا دىنى بەلگىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالمىغاندىلا ئاندىن كاتولىكچە يۇيىدىغانلىقىنى، دىنى ئېنىقلىرىنى مۇسۇلمان ياكى ھىندى دىنى ئورگانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ دىكتاتۇر دۆلەتلەردە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ۋە دېكتاتۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىنى قوبۇل قىلىشىنى بۇ دېكتاتۇرلارنى قوللاش دەپ ئەيىپلەيدۇ. تېرېسا ئانا بۇلارغا جاۋابەن، ئۆزىگە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنىڭ قانداق قىلىپ، نامراتلارغا ياردەم بېرەلىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تېرېسا ئانىنىڭ بالا چۈشۈرۈشكە قارشىلىقى نۇرغۇن تەنقىدلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. بەزىلەر ئۇنى ئايالىزىمغا قارشىلىق بىلەن ئەيىپلەيدۇ.

يەنە بەزىلەر ئۇنى دۇنياۋى ئاخباراتلاشتۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى ئەۋلىيا كۆرسەتتى دەپ ئەيىپلەيدۇ. ۋە يەنە بەزىلەر بولسا، يىغىلغان ئىئانىلەرنى شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى بىلەن تەنقىد قىلىدۇ.

مەيلى قايسى ئەيىپلەشلەر ياكى ئاخباراتلاشتۇرۇشلار بولسۇن، تېرېسا ئانىنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش بىر تەسىر قوزغايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىگە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دىنلاردىن كىشىلەر كېلىدۇ.