تەبلىغى جامائەت

ئورنى Wikipedia

مەھمەت ئەلى كارابۈيۈك – ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

تەبلىغ جامائىتى كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن دىيوبەندىلىككە تۇتىشىدىغان ۋە بۈگۈن دۇنيا مىقياسى ۋە ئالەمشۇمۇللۇق ئىدىيەسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ناھايىتى چوڭ جامائەتتۇر. جامائەتنىڭ قۇرغۇچىسى دىيوبەند دارۇلئۇلۇمنى پۈتتۈرۈپ چىققان مەۋلانا مۇھەممەد ئىلياس قاندەھلەۋى ( ۋاپات، Muhammed İlyas Kandehlevi, 1944 ) تۇنجى تەبلىغ پائالىيەتلىرىنى 1926 – يىلى دىھلىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى مەۋات ( Mevat )تا باشلىغان. ئۇنىڭ ھەرىكەت نۇقتىسى سۈپىتىدە مەۋاتنى تاللىشى، بۇ رايون مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ھەققىدىكى نادانلىقى ۋە ھىندى ئەنئەنىسىگە بولغان يېقىنلىقى سەۋەپ بولغانىدى. ھېكايە قىلىنىشىچە مۇھەممەد ئىلياس تەبلىغ بۇيرىقىنى چۈشىگە كىرگەن ئۇستازى، يەنى دىيوبەندىييە ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان رەشىد ئەھمەد گانگۇھىدىن ئالغان. ئەسلى سەۋەپ دىيوبەندى ئۆرنىكى مەدرىسە خىزمىتىنىڭ خەلقنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكى قىسمىغا خىتاپ قىلىشى ئىدى. مۇسۇلمان ھىندىستانلىقلارنىڭ 95%ى بۇ تەلىم – تەربىيەدىن مەھرۇم قالغانىدى. ئېغىر تۇرمۇش شەرتى ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان ئېغىر ئىشلار بۇ كىشىلەرنى مەدرىسە تەلىم – تەربىيسىدىن مەھرۇم قالدۇرغانىدى. بۇنداق ئەھۋالدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىسلامنى ئۇلارغا يەتكۈزۈش ئىدى. بۇ خالىس تەبلىغ ھەرىكىتى 1934 – يىلى 107 كىشى بىلەن ئېچىلغان يىغىن بىلەن بىرلىكتە بىر تەشكىلات شەكلىنى ئالدى.

مۇھەممەد ئىلياس قاندەھلەۋى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ قاندەھلەۋى ( ۋاپات، 1984 )، بۈگۈن جامائەت ئەزالىرى پۈتۈن دۇنيادا تەدبىقلىغان تەبلىغ ئۇسلۇبلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ جامائەت تەبلىغ قىلىدىغان ئاساسلارنى ئالتە ماددىغا يىغىنچاقلىغان. مەركىزى نۇقتا ياكى سۈپەت دەپ ئاتالغان بۇ پىرىنسىپلارنىڭ تۇنجىسى « كەلىمەئى تەۋھىد ياكى شاھادەت »، ئاللاھقا ئىماننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ھاياتقا ئىبادەت ۋە سالىھ ئەمەل ( ياخشى ئىشلار ) سۈپتىدە ئەكىس ئېتىشىنى ئىپادە قىلماقتا. شاھادەتنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسلىش ئىدى. ئىككىنچى پىرىنسىپ « ناماز » بولۇپ، بۇ ئىبادەتتىكى ئىزچىللىق ۋە خۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان پىرىنسىپ ئىدى. پەرز نامازلارغا قوشۇپ نەپلە ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىدى.

« ئىلىم ۋە زىكىر » ئۈچىنچى پىرىنسىپ بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ ئىمان ۋە ئەمەلىنىڭ پىشىپ – يېتىلىپ كۈچىيىشىنى نىشان قىلاتتى. ئىلىم مەدرىسىگە، زىكىر خانىقاغا بەنت قىلىنماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇستازلاردىن ۋە كىتاپلاردىن ئۆگەنگەن ئىلىم چوقۇم باشقىلارغا يەتكۈزۈلىشى لازىم ئىدى ( تەلىم ۋە تەئەللۇم ). زىكىرنىڭ باش تاجى قۇرئان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا دۇئالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلتۈرۈلگەن سالىۋاتى شېرىپلەر ۋە شەخسى تەۋبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىغفارلار كېلەتتى. تۆتىنچى پىرىنسىپ بولغان « ئىكرام ۋە ئىھتىرامى مۇسلىمىن »، دىندىشىغا قېرىندىشىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشنى كۆرسىتەتتى. بىر مۇسۇلمان ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى دىن قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈشى كېرەك، ئۆزىگە راۋا كۆرمىگەننى قېرىندىشىغا راۋا كۆرمەسلىكى؛ قېرىندىشىغا پىداكار، ۋاپادار ۋە خىزمەتكار بولۇشى لازىم ئىدى. بەشىنچى پىرىنسىپ « ئىخلاسى نىيەت ۋە سەمىمىيەت » بولۇپ، ئاللاھ رازىلىقىنى ھەر ئىشتا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى شەرت قىلاتتى. بىر مۇسۇلمان، بولۇپمۇ تەبلىغچى سۈپتىگە ئىگە بولغان كىشى، باشقىلارغا يەتكۈزگەن نەرسىلەرگە ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلىشى ۋە ئەمەللىرىگە ھەرگىزمۇ رىيا قوشماسلىقى كېرەك.

« تەفرىغى ۋاقت »، يەنى تەبلىغ ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىش ئالتىنچى ۋە ئاخىرقى پىرىنسىپ بولۇپ، جامائەت بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىگە خاس بىر كىملىككە ئىگە بولغان. پەرز ئىبادەت سۈپتىدە تەبلىغ بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغانلىقتىن، باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭغىمۇ مۇئەييەت ۋاقىت ۋە ئىقتىسادىي شارائىت ئاجرىتىش كېرەك. بۇ ئادا قىلىنمىسا ۋاجىپ ئەمەل تەرك قىلىنغان بولىدۇ. جامائەتى تەبلىغ بۇ ۋاجىپنىڭ ئادا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس سىستېما شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن بىر تەبلىغچى ھەپتىدە بىر قانچە سائىتىنى ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى تەبلىغ پائالىيىتىگە ئاجرىتىشى كېرەك. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىن چىقىپ باشقا جايدا تەبلىغ قىلىشى لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر يىلى 40 كۈن ئىزچىل ھالدا يەنە تەبلىغ گۇرۇپپىلىرىدا ۋەزىپە ئېلىشى كېرەك. تەجرىبىسى بار بىر تەبلىغچى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى پەللە ئۆمرىدە بىر قېتىم بولسىمۇ ئىزچىل ھالدا تۆت ئاينى تەبلىغ ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشتۇر.

بۇ پائالىيەتلەر ئۆز مەيلىچە ئېلىپ بېرىلغان شەخسىي تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئالدى بىلەن تەبلىغ خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغان خالىس گۇرۇپپىلار تەشكىل قىلىنىشى كېرەك. تەشكىل دەپ ئاتالغان 10 – 15 كىشىلىك گۇرۇپپىلارنىڭ بېشىدا بىر ئەمىر بولىدۇ. « مەشۋەرەت » دەپ ئاتالغان ئۆزئارا رازىلىق ۋە خالىسلىقنى ئاساس قىلغان ئىش تەقسىماتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاماق، تازلىق، قاتناش، رەسمىي ئۇچرىشىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەر تەقسىم قىلىنىدۇ. چەتئەللەرگە قارىتىلغان ساياھەتلەردە چوقۇم تەرجىمانمۇ بولىدۇ. تەشكىل گۇرۇپپىلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى تەبئىي ھالدا بارغان جايدا تەبلىغ خىزمىتى ئېلىپ بېرىش بولۇپ، قونىدىغان جايى كۆپىنچە مەھەللىنىڭ مەسچىتى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن رۇخسەت ئېلىنىدۇ.

تەبلىغ ئادەتتە مەسچىتلەردە ئەسىر ۋە شام نامىزىدىن كېيىن مەسچىت جامائىتىگە قىلىنغان 15 – 20 مىنۇتلۇق سۆھبەتلەر ئارقىلىق قىلىنىدۇ. تەبلىغ ئالتە پىرىنسىپتىن بىرسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدىن ئۈلگىلەر كۆرسىتىلىش ئارقىلىق نەسىھەت خاراكتېرىدە تەۋسىيە ۋە تەنبىھلەر قىلىنىدۇ. ئاندىن جامائەت ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە تەبلىغ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئاۋاز قوشقان ۋە ئىسىملىرىنى يازغۇزغان بۇ يېڭى تەبلىغچىلەر كېيىنكى پائالىيەتلەردە بۇ گۇرۇپپا ئىچىدە تۇنجى تەبلىغ تەجرىبىسىنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. تەبلىغچىلەر مەسچىتلەرگە قوشۇمچە قىلغان ھالدا مەزكۇر رايوندا بەلگىلەنگەن ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تەبلىغ خىزمىتىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزمەكتە.

تەبلىغ جامائىتىگە قوشۇلۇشنىڭ ماھىيىتى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. ھەرقانداق بىر رەسمىي تەشكىلات ئەزالىقى ياكى نىزامنامە ۋە قائىدە – بەلگىلىمىلەر بىلەن بىكىتىلگەن بىر رەسمىيەت يوق. بۇ تۇنجى قەدەمدىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ياقتۇرۇپ داۋام قىلغۇچىلار تەبلىغ يۇقىرى باسقۇچلىرىغا ئۆتۈپ ھەقىقىي جامائەتكە بولغان ساداقىتىنى كۈچەيتىدۇ. خۇرۇج ياكى تەشكىلگە چىقىش دەپ ئاتالغان بۇ تەبلىغ ساياھەتلىرى جەريانىدا چىقىمنى ھەركىم ئۆزى كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەزالىق بەدەل پۇلى تۈزۈمى يوق. بۇ پائالىيەتلەر بىلەن ھەم كىشىلەرگە تەبلىغ قىلغان بولىدۇ، ھەم بۇ ساياھەتلەر ئارقىلىق تەبلىغچىنىڭ مەنىۋى تەربىيەسى باشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ماددى ۋە مەنىۋى پىداكارلىقنى تەجىرىبە قىلىپ باشتىن ئۆتكۈزىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سالىدۇ. تەشكىللەش ۋە ھەمكارلىشىش قابىلىيىتى تەرەققىي قىلىدۇ. پىشقەدەملەرنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق ئىبادەت ۋە ئەخلاقى مۇئامىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىدۇ. تەھەججۇدقا ئوخشاش مۇھىم نەپلە ئىبادەتلەرگە ئادەتلىنىدۇ. گۇرۇپ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇش ۋە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ئىلىمى موللىشىدۇ. تەبلىغ ماھىيىتىدىكى ۋە گۇرۇپ ئىچىدىكى ئوقۇشلاردا مۇھەممەد زەكەرىييا قاندەھلەۋىنىڭ « فەزائىلى ئامەل ( ئەمەللەرنى پەزىلەتلىرى ) » ناملىق ئەسىرى ئاساس قىلىنىدۇ. يەنە مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرىدىن رىيازۇس سالىھىن ئاساس قىلىنىدىغان ئەسەرلەردىن بىرىدۇر.

تەبلىغ جامائىتىنى مەدرىسىدىن كېلىپ چىققان باشقا جامائەت ياكى تەشكىلاتلاردىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق تەرەپ – جامائەتنىڭ مەلۇم بىر مەزھەبكە چىڭ ئېسلىۋالماسلىقى سەۋەبىدىن، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان بىر جامائەتنىڭ مۇئەييەن بىر فىقىھ مەزھىبىنىڭ ئەگەشكۈچىسى بولماسلىقى تەبىئىي ۋە نورمال پوزىتسىيە سۈپتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەر كىم ئۆز مەزھىبىگە ئەگىشىشتە ئەركىن بولۇپ، جامائەت ئەزالىرى زامانىۋى كىيىم – كىچەك كىيىشنىڭ ئورنىغا تون، تامبال قاتارلىق ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىشىدۇ، سۈننەتنى ئىجرا قىلىش  ئۈچۈن ساقال قويىدۇ. ئاياللار كۆپىنچە ھىجاپلىنىدىغان بولۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردە ئاياللارنىڭ تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قوشۇلىشى ئېشىپ بارماقتا. لېكىن بۇ پائالىيەتلەر ئەرلەرگە قەتئىي ئارلاشماستىن، پەقەت ئاياللارغىلا ئېلىپ بېرىلماقتا.

تەبلىغ جامائىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، سىياسىي مەسىلىلەردە بىتەرەپ تۇرۇشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلغان بولۇپ، تەشكىل ساياھەتلىرىدە ۋە تەبلىغ پائالىيەتلىرىدە سىياسىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ، ھەرگىز بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمايدۇ. بۇ پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن جامائەت ئەزالىرى دۇنيانىڭ ھەرقانداق ئەللىرىگە ساياھەت ۋىزىسى ۋە رەسمىي ئورگانلاردىن رۇخسەت ئېلىپ تەبلىغ پائالىيىتى قىلالايدۇ. جامائەت ئەزالىرى جىھاد ئۇقۇمىنى ئاساسەن دېگۈدەك نەپىس ۋە شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىش دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار ئۇلارنى ياقتۇرمايدۇ. بولۇپمۇ سىياسىي ئىسلامچى تەشكىلاتلار تەبلىغ جامائەتنى سىياسىي بىپەرۋالىق ۋە ئىسلامغا قارشى ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئەپلىشىپ ياشىدى دەپ ئەيىپلىمەكتە.

تەبلىغ جامائىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەردىن يەنە بىرسى، تەبلىغنىڭ پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا قارىتىلىپ، غەيرى مۇسلىملارغا يۈزلەنگەن دەۋەت پروگراممىسىنىڭ بولماسلىقىدۇر. بۇ جامائەتكە نسىبەتەن بۇ ناھايىتى نورمال پوزىتسىيەدۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزىتىشى لازىم، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. كەڭ دائىرىلىك تەبلىغنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بىر ھەرىكەتنىڭ تەبلىغ ۋاستىسى سۈپتىدە تېلېۋىزۇر، ئىنتېرنىت، گېزىت، ژورنال قاتارلىق ئاخبارات – تاراتقۇ ۋاستىلىرىدىن پىرىنسىپ جەھەتتىن پائال پايدىلانماسلىقى كىشىگە غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، لېكىن تەبلىغ جامائەتىگە نىسبەتەن نورمال ئەھۋالدۇر. چۈنكى يۈز تۇرانە تۇرۇپ تەبلىغ قىلىش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەدبىقلىغان ئۇسلۇب بولۇپ، ئىسلام بۇ مېتود بىلەن تارقالغان. ئاللاھ بۇ يولدا سەرپ قىلىنغان تىرىشچانلىقلارنى چوقۇم بەرىكەتلىك قىلىدۇ.

تەبلىغ جامائىتىنىڭ رەسمىي ئەزالىق سىستېمىسى بولمىغانلىقتىن بۇ جەھەتتىكى ئىددىئالارنى دەلىللەش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن قوللىغۇچىلىرىنىڭ نوپۇس جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامى ھەرىكەت ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا. ھەر يىلى تەخمىنەن ئۈچ مىليۇن تەبلىغچىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان باڭلادىشتىكى بىشۋا ( Bishwa ) ئىجتىماسى ( يىغىلىش ) ۋە ئىككى مىليۇن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان پاكىستاندىكى رىۋاند ( Raiwand ) ئىجتىماسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج پائالىيىتىدىن قالسىلا كەڭ دائىرىلىك ئىشتىراك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان جەم بولۇش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر ئۈچ كۈن بويىچە چامىنىڭ يېتىشىچە يىغلىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ ۋەز ۋە نەسىھەت ئاڭلايدۇ. ھىدايەت دۇئاسى دەپ ئاتالغان ئۇزۇن جامائەت خاراكتېرلىق دۇئادىن كېيىن بۇ يىغىلىش ئاخىرلىشىدۇ.

ئەركىن تەشكىلات تۈزۈمىگە ئىگە بولغان بۇ جامائەتنىڭ ئەڭ ئالىي شۇرا ھەيئىتىنىڭ بارلىقى مەلۇم. شۇنداقتىمۇ ھەيئەت رەئىسى داھىلىق رولىنى ئوينىيالمايدۇ. تەشكىلاتنىڭ مەركەزنى ئاساس قىلغان تۈزۈمىنىڭ بولماسلىقى بۇ باشقۇرۇش شەكلىگە مۇۋاپىق بولۇپ، پائالىيەتلەر مەھەللە خاراكتېرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. گەرچە جەنۇبى دىھلىدىكى نىزامۇددىن مەركەز مەسچىتى ھەرىكەتنىڭ مەركىزى دەپ قوبۇل قىلىنسىمۇ، پاكىستاندا رىۋاند، ئەنگىلىيەدە داۋسبۇرى ( Dawsbury ) دارۇلئۇلۇم دەپ ئاتالغان مەركىزى مەسچىت جامائەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئورگانلىرىدۇر. تۈركىيەدىكى مەركىزى سۇلتانگازىدىكى مەسجىدى سالامدۇر.

تۇتۇپ ماڭغان ئەنئەنىۋى ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبى سەۋەبىدىن تەبلىغ جامائەتىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن چاغداش مەسىلىلەرگە قارىتا ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويالىغۇدەك ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى ۋە ئالىملارنى تەربىيلەپ چىقىشنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ جامائەتى تەبلىغ كۈنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق ئىسلامى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپتى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا[1].

[1]  جامائەتى تەبلىغ ھەققىدە كەڭ دائىرىدە مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن م. م. ئاھسان، « جامائەتى تەبلىغ »، دىيانەت ئىشىلىرى ئانىسكىلوپېدىيىسى، 7 – جىلىت، 293- 4- بەتلەر؛ فىكرەت ئەفە، « جامائەتى تەبلىغ، تۇغۇلىشى ۋە ئۆزىگە قارىتىلغان تەنقىتلەر »، ئىسلام تەتقىقات ژورنىلى، 8 ( 2002 )، 101-121 – بەتلەر؛ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئەسەر، « جامائەتى تەبلىغنىڭ دەۋەت، تەبلىغ ۋە تەربىيە مېتودى »، ئىسلام تەتقىقات ژورنىلى، 17/3 ( 2004 )، 216-234 – بەتلەر؛

Muhammad Khalid Masud, Travellers in Faith: Studies of the Tablighi Jama’at as a Transnational Islamic Movement for Faith Renewal, Leiden, 2000; Jan A. Ali, Islamic Revivalism Encounters the Modern World: A Study of the Tabligh Jamaat, New Delhi, 2012.