تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى

ئورنى Wikipedia

تەبىئى پەننى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى ئەركىن سىدىق

بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بىر نەرسىنى (مەسىلەن، ماتېماتىكىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر نەرسىنى (مەسىلەن، چەت ئەل تىلىنى) ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا يەنە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن بىر ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا يەكۈنلەپ چىقىشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رادىئو كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مۇنداق بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم: 1) دەرستىن بۇرۇن كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىش. 2) دەرس ۋاقتىدا پۈتۈن ۋۇجۇد بىلەن دىققەت قىلىپ ئاڭلاش، ھەمدە خاتىرە قالدۇرۇش. 3) دەرستىن پىششىغلاپ تەكرار قىلىش. 4) مۇھىم مەزمۇننى ئىخچام ھۇلاسە قىلىش. تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي

1) تەبىئى پەندە يېڭى دەرس ئۆتۈلگەندە، يېڭى ئاتالغۇنىڭ كۆپلۈكىدىن دەرسنىڭ مەزمۇنىغا ئەگىشىپ مېڭىش بىر ئاز قىيىنغا توختايدۇ. ئەگەر يېڭى دەرس ئۆتۈلۈشتىن بۇرۇن سىز ئۇ دەرسلىكنى بىر قېتىم ئۆزىڭىز كۆرۈۋالسىڭىز، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ مېڭىشىڭىز جىق ئاسانغا توختايدۇ. زېھنىڭىزنى يېڭى ئاتالغۇلارغا ئەمەس، دەرسنىڭ مەزمۇنىغا مەركەزلەشتۈرەلەيسىز.

2) دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرىغا جۈملىمۇ-جۈملە ئەگىشىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ۋاقىتنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنالايسىز. ئاشۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يازغانلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىش. بۇ خاتىرە ئىمتىھان ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ: سىز ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ بۇرۇن نېمىلەرنى سوزلىگەنلىگىنى ئاسانلا ئاڭقىرالايسىز. تاپشۇرۇق ئىشلىگەندىمۇ شۇنداق

3) كۆپىنچە ئەھۋالدا، بىر قېتىم دەرس ئاڭلاش بىلەنلا ھەممە ماتېرىياللارنى چۈشىنىپ بولۇش ئانچە مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا دەرستىن چۈشۈپ، يەنە بىر قېتىملىق دەرسكىچە بولغان ۋاقىتتا، چوقۇم يېڭى دەرسنى ئۆزلۈكىڭىزدىن تەكرار قىلىشىڭىز، سىز چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر بولسا ئۇنى ساۋاقدىشىڭىز ياكى ئۇستازىڭىزدىن سوراپ چۈشىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. دەرسنى تەكرارلىمىسىڭىز قايسى مەسىلىنى چۈشىنىپسىز، قايسىسىنى چۈشەنمەپسىز ئۇنى بىلەلمەيسىز. بۇ قېتىمقى دەرستىكى چۈشەنمىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالمىسىڭىز، يېڭى دەرستىكى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ چۈشىنەلمەيسىز.

4) ئوقۇغان نەرسىلەرنى ئىخچام قىلىپ خۇلاسىۋەلىشنىڭ بىر قانچە پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىر دەرستىن نېمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ۋاقتىدا، دەسلەپتە پۈتۈن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىز تەييارلىۋالغان خۇلاسىلىگىلا قارىسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇقۇمنى ئېسىڭىزدە قالدۇرالايسىز. بۇ خۇلاسىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدىكى خىزمەت جەريانىدىمۇ پايدىلىنالايسىز. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ھەر بىر دەرستىن تەييارلىۋالغان خۇلاسىدىن ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلىنىۋاتىمەن.

ئەگەر سىز بىر تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى تولۇق قوللانسىڭىز، سىز چوقۇم ھەر قانداق قىيىن دەرستىمۇ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايسىز.



ئالدىنقى: مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋىسىيە

كـىيىنكى: ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك(2)