تەبەسسۇم

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سالاھىدىن ياسىن

تۆنۈگۈن كەچ يەنە ئىگىز چىنار ئاستىدا ئۇ ناتۇنۇش پەيلاسۇپ بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭدىن ئىنساننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالامىتى نىمە ئىكەنلىكىنى سورىدۇم، ئۇ شۇ جاۋابنى بەردى:

يەر يۈزىدە ئىنسانىي مۇھەببەت تەبەسسۇمنىڭ تۇنجى كۆرىنىشى بىلەن بىرگە باشلانغاندۇر. ئىلگىرى بۇ قارا تۇپراقتا ئىنسانلاردىن تەبەسسۇمدىن ئەسەر يوق ئىدى. تەبەسسۇم ئىنسانغا خاستۇر. ھېچبىر ھايۋان تەبەسسۇم قىلماس ۋە قىلالماس. مەنتىقچىلەرنىڭ ئىنساننى كۈلۈش (تەبەسسۇم) نى بىلگەن ھايۋان دەپ تەرپ ئېتىشى بۇنىڭدىن بولسا كېرەك. مېنىڭ روھلار ھەققىدىكى تەجىرىبىلىرىمگە ئاساسەن، كۈلۈمسىرەش – ئىنسانلارنىڭ باشقا شەيئىلەردىن ئەڭ روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالامىتىدۇر.

مەن خەستىلەنگەن روھلارنى ۋە ئەسەب كىسەللىكلىرىنى دائىما  يۈزلىرىدە تەبەسسۇم بار يوقلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىمەن. روھى دۇنياسى بۇزۇلغان ئىنساننىڭ  يۈزلىرى كۈلمەس. قاچانكى تەبەسسۇمدىن مەھرۇم بولغان بىر يۈزنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ روھى ياكى نىرۋا كىسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ھىس قىلىمەن. تەبەسسۇم روھنىڭ  ساغلاملىقىغا دالالەت قىلغىنىدەك، بەخت – سائادەتنىڭ ھەم  بېشارەتچىسىدۇر. بۆشۈكتىكى بوۋاقنىڭ تۇنجى تەبەسسۇم قىلغان  كۈنى بىر ئائىلىنىڭ سائادىتىنىڭ  مۇكەممەللەشكەنلىكەن كۈنىدۇر. بوۋاقنىڭ تۇنجى تەربىيەسى ئانىنىڭ تەبەسسۇمىدۇر.  قانچىلىغان  كۆز ياشلارنى تۆككەن ئاشىقنىڭ تۇنجى سەۋداسى تاتلىق بىر تەبەسسۇم  بىلەن باشلانغاندۇر. دوستلار ئارىسىدىكى سەمىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى ھەم تەبەسسۇمدۇر. مەن ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك قابىلىيەتلىرىنى ھەر بىر شەخسنىڭ تەبەسسۇمى بىلەن ئۆلچەيمەن.

ئەپسۇسكى، بىزدە زاھىت ئاتالغان ئاتا-ئانىلار ۋە تەربىيەلىگۈچىلەر تەبەسسۇمنى كۈندىلىك ھاياتتىن چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، تەبەسسۇمنى تەرغىپ قىلىشتا چىڭ  تۇرغان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا دەۋرىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ۋە ئىلغار كىشىلەر بولۇپ يىتىشىپ چىقماقتا.

بۇرۇنقى تۈركلەر دائىما تەبەسسۇمنى تەرغىپ قىلىدىغان ھەم تەبەسسۇم قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى.

بۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك خەلقىمىز خۇشچىراي خەلقتۇر. مىنىڭچە زامانىمىزدا قىلىدىغان ئىنقىلاپنىڭ بىرى “تەبەسسۇم ئىنقىلابى” بولىشى كېرەك  .

ھەئە، خەلقىمىز ھەر دائىم خۇشخۇي ۋە خۇشچىراي كىشىلەردىن بولىشى كېرەك. ھەر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ باشلانغۇچى تەبەسسۇم قىلىشتۇر. يەنى،  توغرا پوزىتسىيە بىلەن ھاياتقا كۈلۈپ بېقىش كېرەك. يۈزى كۈلمىگەن بىر ئادەم ھېچقاچان بىر ئىشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ. مەسىلەن: يۈزى كۈلمىگەن بىر ئادۇۋكات  ھەقلىق بىر داۋادا بولسىمۇ  ئۇتۇپ چىقالمايدۇ.

يۈزى كۈلمىگەن بىر ئوقۇتقۇچى ھېچقاچان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە ئىلىم نۇرى چاچالمايدۇ.

بىر ھەسەلچى دۇكىنىغا ئەڭ سۈپەتلىك،  ئەڭ شىرىن  ھەسەلدىن كەلتۈرۈپمۇ ھېچبىر خېرىدارغا ساتالماپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن  بىر ئارىفنىڭ ئالدىغا بېرىپ  شىكايەت قىپتۇ،  كەلگەن خېرىدارلارنىڭ  بۇ ھەسەللەردىن سېتىۋالمىغانلىقى ئەكسىچە،  قوشنا ھەسەلچىلەرنىڭ  ھەسەللىرى بۇ قەدەر ياخشى بولمىسىمۇ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتىپتۇ ھەم شۇنداق جاۋاب ئاپتۇ:

– سەن ھەسەل ساتماقچى بولساڭمۇ ئەمما چېھرىڭ سىركە ساتىدىكەن.

– ئۇنداقتا كىشىلەر دائىما چېھرىدە تەبەسسۇمنى جىلۋىلەندۈرىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟

– ئاۋۋال دىنىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت زاھىتلىق، تەركىدۇنيالىق دىنى ئەمەسلىكىنى ھەر كىشى بىلىشى كېرەك. دىن ھېچ بىر زامان كىشلەرنى تەبەسسۇمدىن  چەكلىگەن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چېھرىدە ھەرقاچان تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇنى بىر كۆرگەن كىشى ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى  كەلمەيتتى. دىنىمىزدا ھەقىقىي تەركىدۇنيالىق دۇنيادىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىش ياكى دۇنيانى تەرك ئېتىش دەيدىغان بىر ئۇقۇم يوق ئىكەنلىكىنى “ئىسلامدا  روھبانىيلىق يوق” دىگەن بۇ ھەدىسى-شەرىف بىلەن بىلەلەيمىز. لىكىن بىلىشىمىز  كېرەككى، كېيىنكى زامانلاردا غۇۋالاشقان زاھىتلىق  ئۇقۇمى دىنىمىزنىڭ سۈزۈك ئەقىدىسىنى دۇغلاشتۇردى. ئىسلام دۇنياسىدا ناخشا-ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە ھەيكەلتراشلىق… قاتارلىق  سەنئەتلەرنىڭ  تەرەققىي قىلالماسلىقنىڭ سەۋەبى دىنىمىز ئەمەس، ئەكسىچە ناتوغرا زاھىتلىق  ئىدىيىسىدۇر (بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، بۇ پەقەت  مۇئەللىپنىڭ خاس پىكرى ئىدىيىسىدۇر. بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە ئىدىلوگىيەدىكى كىشلەرنىڭ  ھەرخىل پىكىر – كۆز قاراشلىرى بولغىنىغا ئوخشاش ھەربىر ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىگە خاس پىكىرى بولىشى  تەبئىيدۇر -ت). زاھىتقا نىسبەتەن روھقا ھۇزۇر، خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى ھەرقانداق نەرسە ھارامدۇر (ئاپتۇرنىڭ كۆز قارىشى-ت). ھالبۇكى، ئىسلام  كۆڭۈل خاتىرجەملىكنى ۋە روھى تەڭپۇڭلىقنى ئۈزىدە مۇجەسسەملىگەن بىر دىن بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى قىسقا بىر زاماندىلا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە  يېتىپ بېرىشقا  قادىر بولالىدى.

تارىخى قىسسە كىتاپلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەۋلىيالار ھەم پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش يۈزلىرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.

بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغا باققىنىمىزدا ھەم ئاۋامغاخۇشخۇيلۇقنى ۋە تەبەسسۇمنى تەۋسىيە قىلغان ۋە كىشىلەرگە خۇش بېشارەت بېرىپ تەبەسسۇم بىلەن ئاۋامغا يۈزلەنگەن ۋائىزلار جامائەتنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتىدۇر. ئەمما قاشلىرى ھىمىرىلگەن، قۇشۇمىلىرى تۈرۈلگەن ۋە لەۋلىرى تەبەسسۇمدىن يىراق ھالدە مۇنبەرگە چىققان ۋائىزنىڭ مەسچىتتىكى جامائىتىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى تەبىئىيدۇر. دېمەك بۇ مىللەت تەبەسسۇمسىز يۈزلەرنى سۆيمەيدۇ. بەزى مەكتەپكە كىرگىنىڭىزدە  بالىلارنىڭ يۈزلىرىدە تەبەسسۇمنىڭ ئەسىرىنى كۆرىسىز بۇنىڭدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداقتۇر بىر بېسىم قىلغانلىقىنى بىلىسىز. بەزى دادىلار باركى  باللىرىم مەندىن قورقسۇن، تەپتارتسۇن دەپ باللىرىغا مۇزدەك سوغۇق ۋە سۈرلۈك مۇئامىلە  قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بەزى ئەرلەرنىڭ ھالال جۈپتىگە قىلغان مۇئائىلىسى خۇددى ناتۇنۇش بىرىگە قىلغان مۇئامىلىگە ئوخشايدۇ. ئىش ئىگىسىنىڭ ئىشچىغا، ئۇستىنىڭ شاگىرتىغا، يۇرت باشلىرىنىڭ  ئۆز خەلقىگە قىلغان مۇئامىلىرىدە نە مىھىر-مۇھەببەت، نە تەبەسسۇم، نە ئىززەت بار!

بىر بىرىگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش، قېرىنداشلارچە قول سىقىش ۋە مۇھەببەتلىك بېقىشلارنىڭ جانلىق دەلىلى – ھەر كىشىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدۇر.

تەبەسسۇمنى، مىھرى-مۇھەببەتنى، قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدىمىز بولغان ۋە كەلگۈسى ئىلغار پىكىر ساھىبى بولغۇسى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋە ياشلىرىمىزنىڭ  چېھرىدە جىلۋىلەندۈرۈشكە تىرىشايلى. شۇندىلا  كۈنىمىزدىكى غايىسىزلىك، بوشاڭلىق، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، زاماندىن زارلىنىش ۋە  چۈشكۈنلىشىش، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتەك ئىتىقادىمىزغا، قىممەت قارىشىمىزغا ۋە ھايات پىرىنسىپلىرىمىزغا يات ھادىسىلەر ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشكۈسى،  ئىنشائالاھ.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئاستى يازمىلىرى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.



ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى