تەربىيە

ئورنى Wikipedia

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

ئىسلام تەربىيەسى دېگەن ھامان ئىككى ئوي كاللىغا كېلىدۇ: بىرىنچىسى، ئىسلام دىنىنىڭ تەلىم–تەربىيەدە قوللانغان ئۇسۇللار، ئىككىنچىسى، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە تەربىيەلىنىشى.

ئىسلامىيەتنىڭ تەلىم–تەربىيە ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىش تەربىيە تارىخىنىڭ ئىشىدۇر. بىز بۇ ماقالىدە تارىخ ھەققىدە ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇش ھەققىدە سۆزلەيمىز، شۇنداقلا ئىسلامىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ تەربىيە مەپكۇرىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز.

بىر مەكتەپ پروگراممىسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزگە ئۈچ تۈرلۈك بىلىم ئۆگەتكەنلىكىمىزنى كۆرىمىز. ئالدى بىلەن مىللىي تىل بىلەن ئەدەبىياتىمىزنى ۋە مىللىي تارىخىمىزنى ئۆگىتىۋاتىمىزكى، بۇلار تۈرك تىلى بىلەن تۈرك ئەدەبىياتىدىن ۋە تۈرك تارىخىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىككىنچىدىن، قۇرئان كەرىم، تەجۋىد، فىقھى قاتارلىق دىنىي دەرسلەر ۋە ئىسلام تارىخى بىلەن ئىسلام تىللىرىنى ئوقۇتۇۋاتىمىز.

ئۈچىنچىدىن، ماتېماتىكا ۋە تەبىئەت قاتارلىق ئىلىملەرنى ھەمدە مۇشۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ياردىمى بولىدىغان چەتئەل تىللىرى بىلەن قول ھۈنەرلىرى، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆگىتىۋاتىمىز. بۇ قىسقىچە نەزەر تاشلاشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەلىم-تەربىيەدە كۆزلەنگەن نىشان ئۈچتۇر: تۈركلۈك، ئىسلاملىق ۋە چاغداشلىق.

بىر تۈرك دادا ئۆز پەرزەنتىنىڭ تۈركچە سۆزلىمەسلىكىگە، تۈركچە ئوقۇپ–يازماسلىقىغا ۋە تۈرك تارىخىنى بىلمەسلىكىگە رازى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئىسلامنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلىرىنى بىلمەسلىكىگە ھەم ئىسلام تارىخىدىن بىخەۋەر قېلىشىغىمۇ قاراپ تۇرالمايدۇ. بۇ دادا پەرزەنتىنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان سۈپىتىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلغىنىغا ئوخشاش، چاغداش بىر ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، بىزگە نىسبەتەن مۇكەممەل تەربىيە ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ: تۈرك تەربىيەسى، ئىسلام تەربىيەسى ۋە چاغداش تەربىيە. ئىسلاھات ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى پەرزەنتلىرىمىزگە پەقەت ئىسلام تەربىيەسىلا بېرىلەتتى. كېيىن ئىسلاھاتچىلار دۆلىتىمىزگە چاغداش تەربىيەنى ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇندى. دەسلەپتە بۇ ئىككى تەربىيە ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەمدە توقۇنۇشلار يۈز بەردى. پىيادە ئەسكەرلەر بىرلىكىنىڭ ئورنىغا نىزامى جەدىتنى دەسسىتىش كۇپۇرلۇق، ياۋروپاچە كىيىملەرنى كىيىش دىنسىزلىق قىياپىتى دەپ قارالدى، مەكتەپلەرگە رەسىم ۋە فرانسۇزچە دەرسلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە ئېتىرازلار بىلدۈرۈلدى.

يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقى، قۇياشنىڭ ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقىغا ئوخشاش ھۆكۈملەر نەقىلگە زىت كېلىدۇ، دېيىلدى. تەجرىبە ۋە ئەقىل بىلەن ئىسپاتلانغان بۇ ھەقىقەتلەرنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن نەقلىي دەلىللەر ئىزدەشكە ئېھتىياج تۇغۇلدى.

شۇنداقتىمۇ ئاستا–ئاستا چاغداش تەربىيە ئۆزلىشىشكە ۋە يىلتىز تارتىشقا باشلىدى، لېكىن مۇتەئەسسىپلىككە قانچىكى ئەھمىيەت بېرىلگەنچە ئىسلام تەربىيەسى ئەھمىيىتىنى يوقىتىشقا يۈزلەندى. ئەمەلىيەتتە مەكتەپنىڭ دەرس پروگراممىلىرىدا دىن دەرسلىرى يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئىسلام تەربىيەسىنىڭ چېكىنىشى سان جەھەتتە ئەمەس، بەلكى سۈپەتتە ئىدى، دىن دەرسلىرى جانلىق رەۋىشتە ئوقۇتۇلمايتتى، دىن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە ھېلىھەم بىدئەت نەزىرى بىلەن قارايتتى. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قوياتتى. بۇنىڭدىن سىرت دىنىي تەربىيەدە ئىلمىي مېتودلار تېخىچە قوللىنىلمىغان ئىدى.

ئىسلام تەربىيەسى شۇنداق بىر زاماندا ئىدىكى، تۈرك-ئىسلام دۇنياسى گىرىپتار بولغان قارشىلىقلار ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان پالاكەتلەر «تۈرك مىللەتچىلىكى» ۋە «ئىسلام ئۈممەتچىلىكى» ناملىرى بىلەن ئىككى جانلىق مەپكۇرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. ئەمدىگە كەلگەندە ئاشۇ خاپىلىقلارنىڭ زەربىسىدە ئويغانغان ئەقىللىق ياشلار خىزمىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەلىم-تەربىيەدىكى مەپكۇرىسىزلىكىمىزگە ئارتىۋاتىدۇ. ئۇلار دەيدۇكى: «بىز ياشلىرىمىزغا نە مىللىي تەربىيە، نە دىنىي تەربىيە بەرمەپتۇق. ھالبۇكى كىشىلەرنى مۇقەددەس غايىلەر ئۈچۈن ئۆلۈمگە ئۈندىگەن تۇيغۇلار دىن ۋە مىللەت تۇيغۇلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. بىز پەرزەنتلىرىمىزگە تۈرك ۋە ئىسلام تەربىيەلىرى بەرمىگىنىمىزدەك، چاغداش تەربىيەمۇ بەرمەپتۇق. چۈنكى چاغداش تەربىيەنىڭ نىشانى ئەڭ تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر ئىشلەپچىقىرىپ، قوللىنىۋاتقان ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى بىزنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرالىشىمىز ھەم قوللىنالىشىمىز ئىدى. ھالبۇكى بىز ئىقتىساد ساھەسىدىكىگە ئوخشاشلا، ئەسكىرىي ساھەدىمۇ دەۋرىمىزنىڭ ئىلغار قوراللىرىنى ئىشلىتىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئىلىمنىڭ ئۆلچىمى ئەمەلدۇر. ئەمەلدىكى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىمىز ئارقىلىق ئىلىمدىن بەھرىلىنەلمىگەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىدۇق. ئۇنداق بولغانىكەن، مۇتەخەسسىس ئالىملارنى يېتىشتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپلىرىمىزنىڭمۇ، ۋەتەنداشلارنى تەربىيەلەشكە تىرىشىۋاتقان تۆۋەن سەۋىيەدىكى مەكتەپلىرىمىزنىڭمۇ ھېچقانداق پايدىسى بولماپتۇ».

يېڭىچە ھاياتقا ئەھمىيەت بەرگەن مەتبۇئاتلار مۇشۇنداق دەلىل-پاكىتلارغا ئاساسەن ئىسلاھات تەربىيەسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئەمدى ئۈچ مۇتەپەككۇر گۇرۇھ يېڭى تەربىيەمىزنىڭ ئاساسلىرىنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا. تۈرك تەربىيەچىلىرى يېڭىچە ھاياتتا مىللىي مەپكۇرىلەرنىڭ قانداق رول ئويدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، چاغداش تەربىيەچىلەر بولسا خىلمۇخىل ئىلىملەردىن ئەمەلىي ۋە ئىقتىسادىي پايدىلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا قانداق مېتودلارنىڭ قوللىنىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشماقتا. مۇشۇنداق تىرىشچانلىق دەۋرىدە ئىسلام تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ ئۈچ خىل تەربىيە بىر-بىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋە تولۇقلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. ئەمما بۇلارنىڭ سالاھىيەتلىرىنىڭ دائىرىسى ھەم بۇ دائىرىنىڭ چەك-چېگرالىرى ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەم توغرا بىر شەكىلدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بېكىتىلمىسە، بىرى يەنە بىرىگە قارشى رەقىب بوپقېلىشىمۇ مۇمكىن.

چاغداش تەربىيە ماددىيات ساھەسىدىلا قالماي، مەنىۋىيات ساھالىرىگە چەتنەپ كەتكەن چاغدا ئىسلام ۋە تۈرك تەربىيەلىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولىدۇ. مىللىي ھەم دىنىي تەربىيەلەرنىڭ چەك-چېگرالىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تېخىمۇ قىيىن. ئىسلام ئەنئەنىلىرىدىن قايسىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئىسلامىيەتكە، قايسىلىرىنىڭ ئەرەب، پارس ياكى تۈرككە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا موھتاج.

شۇنداق بولغانىكەن، «ئىسلام تەربىيەسى» ئاساسىي جەھەتتىن تۈرك ۋە چاغداش تەربىيەلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، بۇلار تەرىپىدىن ئۆز ساھەسىگە كېلىدىغان دەخلى-تەرۇزلارغا يول قويماسلىققا تىرىشىشى، شۇنداقلا ھەقىقىي ئىسلام ئەقىدىلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى ھەم دەسلەپتە ئەرەب مىللەتلىرىدىن كىرگەن، ھەمدە كېيىن باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئادەت ۋە بىدئەتلەردىن ئايرىپ چىقىشقا قەدەم قويۇشى كېرەك.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.



ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى