تەپكۈچ ئويۇنى

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

تەپكۈچ ئويۇنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەم ئومۇمىيلىققا، ھەم خاسلىققا ئىگە. يەنى تەپكۈچ ئويۇنىنى ئومۇمەن قىز - ئوغۇل بىرلىكتە ئوينىسىمۇ، قىزلار ئايرىم ئوينىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما، بۇ ئويۇن تۈر ۋە شەكىل نۇقتىسىدىن قىز - ئوغۇللارغا ئورتاق ياكى بىرىگىلا خاس بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. تەپكۈچ ئويۇنى قىش ياكى ئەتىياز پەسىللىرىدە، ئۆتۈك ۋە قونچلۇق بەتىنكە كىيىدىغان كۈنلەردە ئوينىلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا پۇت ئاغرىمايدۇ. بۇ ئويۇنغا كېرەكلىك بولغان تەپكۈچنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئومۇملاشقانلىرى قوي ۋە ئۆچكە تېرىسى بىلەن ياسالغان (بۇ چاسىلانغان تېرە، ئۇنىڭغا باب نېپىز تاش ۋە جىگدە يىلىمىدىن ياسىلىدۇ) چاپلىما تەپكۈچ ۋە توخۇ پەيلىرىدىن تۈپلەپ مىس داچەنگە ئۆتكۈزۈپ، ياسالغان <داچەن تەپكۈچ> قاتارلىقلار. بۇ خىل تەپكۈچلەرنى ياساش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماتېرىيالى ئوخشىمايدۇ. تەپكۈچ ئويۇنى قىزلارغا خاس ۋە قىز - ئوغۇللارغا ئورتاق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ قىز - ئوغۇللارغا ئورتاق تۈرلىرىنى قىز - ئوغۇل ئۆسمۈرلەر توپلىشىپ تۈز تېپىپ ئوينىسا، قىزلارغا خاس بولغانلىرىنى قىزلار تۈز ۋە <چا پۇتلاپ> تېپىش بويىچە ئوينايدۇ. تەپكۈچ ئويۇنىنى ئاز بولغاندا ئىككى، كۆپ بولغاندا 10 نەچچە بالا بىرلىكتە ئوينايدۇ. مەيلى قىز ياكى ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوينىسۇن، ياكى قىزلار ئۆز ئارا ئوينىسۇن ئىككى <ئانا> نىڭ ئادەم تاللىشى بىلەن تەك ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تەپكۈچ ئويۇنىنىڭ بىر يۈرۈش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئوينايدۇ، ئەگەر ئىككى بالا ئۆز ئارا ئوينىماقچى بولسا ئادەم تاللاش ھاجەتسىز، قىز - ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئويناشقا توغرا كەلسە، ئىككى گۇرۇپپىدىكى قىزلارنىڭ سانى تەڭ بولۇشى، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئادەم تاللاش ئارقىلىق ئىككى گۇرۇپپىغا تەڭ بۆلۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ ئاخىرقى نومۇر چېكىنى توختىتىدۇ. ئويۇننى قايسى گۇرۇپپىدىن باشلاشنى بەلگىلەش ئۈچۈن تەڭگە پۇل ياكى لېسپەك تاشنى ئاسمانغا تاشلىشىپ ئىككى ئانا تاللاشقان تەرەپتىن كىمنىڭ تاللىغان يۈزى ئاسمانغا قاراپ چۈشسە ئويۇننى شۇ تەرەپ باشلايدۇ. ئويۇننى باشلىغان تەرەپ ئەزالىرى نۆۋەت بىلەن تەپكۈچ تېپىپ، ھەر بىر قېتىم تەپكىنى بىر نومۇر ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر ئەزا ئايرىم - ئايرىم ئويناپ ئۆزلىرى بىر مەيداندا ئېرىشكەن نومۇرنى ئۆز ئارا قوشۇپ، باشتا بېكىتكەن نومۇر چېكىگە يەتكەندە توختايدۇ. بىر كىشىنىڭ بىر مەيداندىكى نۆۋىتى تەپكۈچ تېپىشكە باشلىنىپ، تەپكۈچ يەرگە چۈشۈپ كەتكۈچە بولغان ۋاقىتقا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر ىر گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن بىر ياكى بىر نەچچىسى بىر نۆۋىتىدىلا نومۇر چېكىگە يەتكۈزسە باشقا ئەزالىرى ئوينىمىسىمۇ بولىدۇ. ئويۇن يېڭىدىن باشلىنىپ بىر نۆۋىتىدىلا نومۇر چېكىگە يەتسە، قارشى تەرەپمۇ بىر قېتىمدىلا نومۇر چېكىگە يەتكۈزەلىسە، ئويۇن قايتا باشلىنىدۇ. بىر تەرەپ ئەزالىرىدىن بىرسى تەپكۈچ تېپىۋاتقاندا، شۇ گۇرۇپپىنىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە قارشى تەرەپ ئەزالىرى ئۇنىڭ تەپكۈچ تېپىش، ساناش قاتارلىق تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئويناۋاتقان تەرەپنىڭ نومۇر چېكى توشقان بولسا، قارشى تەرەپ ئەزالىرى نومۇر توشقۇزغۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەك نومۇرىنى ساناپ بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، تەپكۈچنى يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇۋالسا، ئوينىغۇچى تەرەپنىڭ پۈتۈن نومۇرى <كۆيۈپ> كېتىدۇ. ئونداق بولماي ئويناۋاتقان تەرەپ ئاخىرقى نومۇر چېكىنى ساناپ بولۇپمۇ تەپكۈچنى قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ قويمىسا، قارشى تەرەپ يېڭىلگەن بولىدۇ (قىزلار ئۆز ئارا ئوينىغان چاغدا ئۇتقان تەرەپ <خېنىم> بولغان بولىدۇ). بۇنىڭ بىلەن يەڭگەن تەرەپنىڭ ھەر بىر ئەزاسى نۆۋەت بىلەن ئالدىغا چىقىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسىنىڭ ئۆزىگە تاشلاپ بەرگەن تەپكۈچىنى ئۆز ئەزالىرى ۋە قارشى تەرەپ ئەزالىرى بار مەيدانغا تېپىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ باشقا ئەزالىرى ئوتتۇرىغا تېپىلگەن تەپكۈچنى يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىغا تېپىلگەن تەپكۈچ ئۆز ئەزالىرىنىڭ قولىغا چۈشسە، تۇتقۇچىنىڭ ئەسلىي نۆۋىتىگە يەنە بىر نۆۋەت قوشۇلىدۇ (قانچىنى تۇتسا شۇنچە نۆۋەت قوشۇلىدۇ). قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، تەپكۈچنىڭ نۆۋىتى تۈگەيدۇ (ئەگەر ئۇنىڭ بىر قانچە نۆۋىتى بولغان بولسا ئۇنىڭدىن پەقەت بىرسىلا تۈگەيدۇ). بۇ ئويۇن رايونىمىز تەۋەسىدە كەڭ ئەۋج ئالغان ھەم تەپكۈچ ئوينىغۇچىلارنىڭ ئويۇنىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشقان بولغاچقا، تەپكۈچ ئوينىغۇچىلار رەقىبلىرىدىن يېڭىلىپ قېلىپ: ئىزا - ئىزا ئەمەسمۇ؟ دۈۋەت قەلەم ئەمەسمۇ؟ مۇنچە ئىزا تارتقۇچە، ئۆلگەن ياخشى ئەمەسمۇ؟ دېگەن قوشاقنى ئاڭلاشتىن بەكمۇ قورقىدۇ. شۇڭا، تەپكۈچ ئوينىغۇچىلار تەپكۈچ ئويۇنىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆز نۆۋىتىدە تۈرلۈك ماھارەت كۆرسىتىدۇ. يېڭىلىپ قالغانلار كۆپ ھەسرەت چېكىشىدۇ ۋە كېيىنكى ئويۇن نۆۋىتىدە مۇنداق قوشاق توقۇيدۇ: مەن قاچان چوڭ بولىمەن، ئۇستام بىلەن تەڭ بولىمەن؟ سۆزىگە سۆز ياندۇرۇپ، دەردىگە دەرمان بولىمەن؟ دېگەن قوشاقنى ئوقۇپ ئۆزىنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. تەپكۈچ ئويۇنى كۆڭۈللۈك ئويۇن، ئۇ تەنتەربىيە پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ كىچىك چېغىدىن باشلاپ چاققان، زېرەك ئۆسۈشىنىڭ بىر شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر تەپكۈچ ياساپ ساتىدىغان ھۈنەرۋەن - كاسىپلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر - خوتەن تەرەپلەردە، بولۇپمۇ يېزىلاردا خورازنىڭ پېيىدە تەپكۈچ ياساپ ئوينايدىغان قىز - چوكانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ ئويۇننى مەدەنىي پائالىيەتلەر قاتارىدا جانلاندۇرۇشقا تولىمۇ باب كېلىدۇ."[1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]