تەۋەككۈل يېزىسى

ئورنى Wikipedia
تەۋەككۈل يېزىسى

塔瓦库勒乡.Tewekkül town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 27 مىڭ
يەر مەيدانى 259,6 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

تەۋەككۈل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيەسى گە، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، شەرق تەرىپى لوپ ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى سىماۋات يېزىسى بىلەن قوشنا،خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 866 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 259.56 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا بويىچە قۇرۇلغان ئوتتۇرا مەكتەپ 22 سى، 11 باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر يېزىلىق شىپاخانا، رادىئو ئوزىلى، مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار بار. 62 مەسچىت، قارىمىقىدا 18 مەمۇرىي كەنت بار بۇلۇپ، جەمئىي 5990 ئائىلە بار، ئومۇمىي نوپۇسى 25 مىڭ ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

بۇ يېزىغا تەۋە 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ،

  • قاقشال كەنتىى،
  • قارا توغراق كەنتى،
  • يېڭى يەر كەنتى،
  • ھوڭ كەنتى،
  • يەكشەنبە بازار كەنتى،
  • قاسساپئېرىق كەنتى،
  • ئارقا ئۆستەڭ كەنتى،
  • شەھەر بويى كەنتى،
  • بۇرزان كەنتى،
  • توساللا كەنتى،
  • يۇرۇڭقاش كەنتى،
  • يېڭىباغ كەنكتى،
  • تۈز يايلاق كەنتى،
  • ئاتبېشى كەنتى،
  • باكىدۆڭ كەنتى،
  • قاتچى كەنتى،
  • تار ئېقىل كەنتى
  • قوشنۇر كەنتى،
  • ئاقدۆڭ كەنتى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

يەر شەكلى جەھەتتە شەرق ۋە غەرب قىسمى ئېگىز، جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسمى پەس، ھاۋاسى نەم، قۇم-بوران كۆپ، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 27 مىڭ 900 گېكتار، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى چۆللۈك كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق قىروسىز مەزگىلى 102 كۈن. يىللىق كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 1780 سائەت، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 34.8 مىللىمېتىر. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، قۇمساڭ تۇپراقنى تاللاش، شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، چىملىق تۇپراق، شور توپا كۆپرەك بۇلۇپ، باغۋەنچىلىك ماس كېلىدۇ،بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 366 مىڭ مو، كىشى بېشىغا 1.5 مودىن يەر توغرا كېلىدۇ، بۇ يېزا دۆلەت دەرىجىلىك نامرات يېزا. يېزا بويىچە تېرىلغان بۇغداي 18 مىڭ 5000 مو، كۆممىقوناق 15600 مو، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە لاپاس 600 مو، مو بېشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى 3000 يۈەن؛ چىلانتېرىلغۇ يەر كۆلىمى 28 مىڭ موغا يەتكەن. 2011-يىلى يېزا بويىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3400 يۈەن بولغان.