ت.ج رەسمىي گېزىتى

ئورنى Wikipedia

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمي گېزىتى، تۈركىيەنىڭ 1920- يىلى 7- ئۆكتەبىر كۈنى قۇرۇلغان ۋە 1921- يىلى 7- فېۋرال تارىخىدىن ئىتىبارەن چىقىشقا باشلاغان رەسمى گېزىتىدۇر. مەقسىدى ھۆكۇمەت، مەجلىس، جۇمھۇررەئىس ۋە باش مىنىستىرلىك تەرىپىدىن چىققان قارارنامە، قانۇن، نىزامنامە، ئۇقتۇرۇش قاتارلىق قارارلارنى ئېلان قىلىشتۇر.

قۇرۇلغان دەستلەپكى زامانلاردا جەرىدەئى رەسمىيە نامى بىلەن بېسىلغان گېزىت 1923- يىلى 10- سىنتەبىر كۈنىدىن ئىتىبارەن رەسمىي جەرىدە نامى بىلەن بېسىلىشقا باشلىغان. بۇ ۋاقىتلاردا بەئزى بەئزىدە بېسىلماي قالغان. 1927- يىلى 17- دېكابىردىكى 763. سانىدىن ئىتىبارەن «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمى گېزىتى» نامى بىلەن نەشر قىلىنىشقا باشلىغان.

تەييارلىق ۋە باسما[تەھرىرلەش]

رەسمىي گېزىتنىڭ تەييارلىنىشى قانۇن - نىزام ۋە ئېلان بۆلۈمىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ.

قانۇن-نىزام بۆلۈمى، 1928- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى ۋە 1322- نومۇرلۇق "قانۇنلارنىڭ ۋە نىزامنامىلەرنىڭ ئەينەن نەشرى ۋە ئېلان قىلىنىشى ۋە كۈچكە ئىگىلىك مۇددىتى ھەققىدە قانۇن" بەلگىلىمىسى بويىچە، قانۇن-نىزام بۆلۈمى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نەشرىيات باش مۇدىرلىقى تەرىپىدىن ھازىرلىنىدۇ.

ئېلان بۆلۈمى، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنشى ئۈچۈن مەجبۇرىي بولغان ھۆكۈم، خېرىدا چاقىرىش ئېلانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. گېزىتتە ئېلان بېرىشنىڭ بەدىلى قۇر بېشى ₺10 (لىرا).

بېسىلىش ئىشى بولسا باسما ئەمرى بېرىلگەندىن كېيىن باش مىنىستېرلىك باسماخانىسى ئايلىنىشچان سەرمايە ئىدارىسى مۇدىرلىقىدا سائەت 23:00 تىن كېيىن بېسىلىدۇ.

تىلى تۈركچە بولۇپ، يىلدا 354 كۈن نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ قايتا بېسىلغان سانلىرى بىلەن بىرلىكتە تەخمىنەن 410 سان بېسىلىدۇ.

مۇشتەرى[تەھرىرلەش]

  • مۇشتەرى سانى: 5458 (ئوتتۇرىچە)
  • باسما سانى: 8200 (ئوتتۇرىچە)

ئۇلىنىش[تەھرىرلەش]

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەسمىي گېزىتى تور بېتى (تۈركچە)