ت ر ت ئاۋاز

ئورنى Wikipedia

ت ر ت ئاۋاز (TRT AVAZ) تۈركىيە رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە قۇرۇمىغا قاراشلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقانلار ۋە كاڧكازىيەدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە خىتاب قىلىدىغان تېلېۋىزىيە قانالىدۇر. بۇ قانال 2009- يىلى 21- مارت، يەئنى نەۋرۇزنىڭ تۇنجى كۈنى تارقىتىش باشلانغان رەسمىي قانال. قانال ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 11. ئەلباشى (جۇمھۇرباشقانى) ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تكلىڧى ۋە تەۋسىيەسى بىلەن ئۇمۇمىي تۈركىي خەلقلەردە ئورتاق بولغان «ئاۋاز» دەپ تاللانغان.