جانبازلىق ئويۇنى
ئۇيغۇر خەلقى جانبازلىق ھەرىكىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ھەمدە ئاتاقلىق جانبازلار مەيدانغا چىققان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ھەرىكىتىدىن بىرى بولغان دارۋازلىق ھەرىكىتىدىمۇ جانبازلىققا ئائىت قول، پۇت ھەرىكەتلىرى ۋە ھەر خىل موللاق ئېتىش ماھارەتلىرى كۆرسىتىلىدۇ. تۇرپان ئاستانىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن كىچىك بالىنى خادىدا موللاق ئاتقۇزۇۋاتقان Ⅶ - Ⅸ - ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان قونچاق ھەيكەل تېپىلغان. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، <غەربىي دىيارلىق شامىل دېگەن كىشى قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ، ئۆزىنىڭ جانبازلىق ھۈنىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەن ھەمدە شۆھرەت قازانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شامىل دېگەن كىشىنىڭ جانبازلىق ھۈنىرى <شياچۈەن> دەپ ئاتالغان. بۇ ھەقتە: <چىققانىكەن كوئىنلۇندىن بىر ئەۋلىيا، ئېتىپ پەشۋا داڭ كېتىپتۇ مۇرىتلار ئارا> دېگەن بى قوشاق بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ جانبازلىقىمۇ ئۇزاق تارىخقائىگىدۇر. جانبازلىق توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت تارقالغان. بۇرۇنقى زاماندا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ئىچكىدىن بىر بەگ بىر نەچچە جانبازنى غەربىي يۇرتقا ئېلىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن يەل گۇمپىسىنى پىششىق بىلىدىكەن. بىر كۈنى بەگنىڭ جانبازلىرى كوچىدا ئويۇن كۆرسىتىپتۇ. ھېلىقى گۇمپىسى بار كىشى بىر دانە كۆك تانى بىر مۇشت بىلەن ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ. جامائەت بۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قايىل بولۇپ چاۋاك چېلىشىپتۇ. ئۇ يەنە بىر تامنى راسا بىر تەپكەنىكەن تام لىڭشىپ كېتىپتۇ. ئاخىرىدا، بىر سەكرەپلا بىر قەۋەت ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقىۋاپتۇ. تاماشىبىنلار <بۇ ئادەم قالتىسكەن> دېيىشىپتۇ. دەل مۇشۇ پەتتە، بىر ئۇيغۇر ئەزىمەت مەيداندا پەيدا بوپتۇ. ئۇ كۆپچىلىككە: <مەن قان گۇمپىسى كۆرسىتىمەن> دەپتۇ - دە، بىر دانە شار شەكلىدىكى تۆمۈرنى مۇشتۇمى بىلەن بىر قويۇپتىكەن، يۇمىلاق نەرسە ياپىلاق بولۇپ قاپتۇ. ئاندىن قولىنىڭ يېنى بىلەن بىرنى ئۇرۇپتىكەن، تۆمۈر ئىككىگە ئاجراپ كېتىپتۇ. ھېلىقى يەل گۇمپىسى بار كىشى قىزغىن چاۋاك ئۇرۇپتۇ. ئۇ يەنە تامنى ئىككى پۇتى بىلەن بىر تېپىپ، كەينىگە موللاق ئېتىپ قايتىپتىكەن، تام ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ. ئۇ جامائەتكە: <كېيىن مەن يەل ۋە قان گۇمپىلىرىدىن بىرىككەن نومۇرلارنى كۆرسىتىمەن> دەپتۇ - دە، توپ ئىچىدىن غايىب بوپتۇ. گۇچۇڭدا ھازىرغا قەدەر مەيلى ياشانغانلار ياكى مەكتەپ بالىلىرى ئارىسىدا بولسۇن، جانبازلىق ھەققىدە سۆز ئېچىلسىلا ھەممەيلەن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆھبەتكە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇلار مەشىققە چۈشكەندە ياكى ئۆز ھۈنەرلىرىنى نامايان قىلىشقا توغرا كەلگەندە ئاجايىپ ماھارەتلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئەجدادلىرىنىڭ جانبازلىق ھۈنىرىنى يىل بويى توختىماي مەشىق قىلىپ، ئۆز ماھارەتلىرىنى بېيىتىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھېيت - بايرام كۈنلىرىدە، ئويۇن - تاماشا سورۇنلىرىدا ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە جانبازلىق ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.[1]