جاھاننەما

ئورنى Wikipedia

جاھاننەمە


1

كاككۇك شەپەق ئوتقىشىدا جەۋلان قىلدى .

مارجانلار سۇ يۈزىدە بۇژغۇنلىدى .

سۇمۇرغ مېنى ئەڭگۈشتەر تېغىدىكى ھېكمەت غارى ئالدىغا تاشلىدى .

مەن جاھاننەما ئەينىكىنى قولۇمغا ئالدىم .

بۇ ئەفلاتوننىڭ«غايىۋى دەۋلەتنامە»سىدىكى تەقلىدىيەت ئەينىكى ئەمەس .

بۇ«مىڭ بىر كېچە» قىسسىسىدىكى سۇلايمان سۈرىسى پۈتۈلگەن ھېكمەتلىك ئۈزۈكنىڭ يىراقنى زاھىر قىلغۇچى ئەڭگۈشتەر كۆزىمۇ ئەمەس .

بۇ«پەرھاد - شىرىن» داستانىدىكى جاھان ئەينىكى ئەمەس . . .

بۇ ماھىيەتلەر جەۋھىرى . . . مەن ئۇنىڭدىن ئادەمزاتنىڭ خۇلق - مىجەزىنى، روھىي ئالامەتلىرىنى، سۆيۈملۈك ۋە يىرگىنچلىك خاسىيەتلىرىنى كۆرىمەن .

دوزاخ ئىشىكى ئالدىدا«بۇ يەردە ئۈمىدكە ئورۇن يوق» دېگەن خەتلەر يېزىلغىنىدەك جاھاننەما ئەينىكىنىڭ ئۈستىگە«ئۆزىنى بىلمەك ئەلا» دېگەن شولا چۈشۈرۈلگەن .

2

قۇياش كۆتۈرۈلدى، ئۇنىڭ زەر شولىلىرى ئۇپۇقنى بېزىدى، ئالەمدە نۇر ۋە سايىلەر قەد كۆتۈرۈپ چىقتى . . .

قىلىچ قىنىدىن سۇغۇرۇلدى، ئۇنىڭ ھەيۋىتى كۆزنى چاقنىتىپ كىبىر ۋە قورقۇنچ پەيدا قىلدى، جاھاندا ھاكىم ۋە مەھكۇملار زاھىر بولدى . . .

ئالتۇن يوللار جاراڭلىدى، ئۇنىڭ پارقىرىشى ھەسەت ۋە ھىيلىگەرلىك ياراتتى . دۇنيادا كامىرانلىق ۋە غۇربەتلىكنىڭ غەلىتە قىسمەتلىرى تۆرەلدى .

پىرقىراپ تىنمىغان زېمىن سەييارىسىدىكى تىنىق جاھاننەما ئەينىكىدە نۇر ۋە سايىلەردىن ياسالغان سۇفىكىل ۋە ئىسخولىس، ھومېر ۋە ۋېرگىل، چۈييۈەن ۋە ساگوندىرا، دانتى ۋە سەئدى، رافائىل ۋە سېرۋانتېس، شېكېسپىر ۋە بالزاك، بايرۇن ۋە گيۇتې، ساۋشۆچىن ۋە تولستوي، تاگور ۋە لۇشۈننىڭ كۈلكە ۋە يىغا، مەدھىيە ۋە مەسخىرە، مۇھەببەت ۋە نەپرەت قوزغايدىغان ئاجايىپ قەھرىمانلىرىنىڭ كىشىلىك سەۋدالىقىنى ۋە دانالىقىنى ئەكس ئەتكۈچى ئوبرازلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى .

يەھۋەدىن ئاپىرىدە بولغان ئىنسانىيەت يەھۋەنى دورىغاندەك ئوبراز ياراتتى . . . ئەپسانىۋى ئېرەم بېغىدا ئەمەس، زاھىر زېمىن كۆكسىدە، لايدىن ئەمەس، نۇر ۋە سايىلەردىن . . .

3

مەن ئىنسانىيەتتىن ئېلىپ ئىنسانىيەتكە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان بۇ مۆجىزىگە تەئەججۈپلىنىپ زوقلاندىم . ئىنسانىيەتكە يورۇقلۇق ئىشىكىنى ئاچقان بۇ ئىككىنچى قۇياشنىڭ نۇرانە ئاپتىپىدىن يۈكسەك پەشتاقى ياساپ، روھىيەت دۇنياسىدىكى پەزىلەتلەرنىڭ مۇشۇ ئاجايىپ - غارايىپ پاراتىغا كۆز تىكتىم . ھەركىم ئۆز مېڭىسىنى، ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى، ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى ياپيالىڭاچلاپ كۆتۈرۈپ ماڭماقتا . ئۇلارنىڭ ساخاۋەتلىك لوزۇنكىلىرى قەيەرلەردىدۇر يىغىشتۇرۇلۇپ قالغان .

ئېچىنىمەن، يېنىپ - يېنىپ ئېچىنىمەن . غۇرۇرلىنىمەن، زوقلىنىپ - زوقلىنىپ غۇرۇرلىنىمەن . كۈلكىلىرىممۇ، مەسخىرىلىرىممۇ، نەپرەتلىرىممۇ ئىنسانىيەتكە بولغان شەكسىز ۋە شەرتسىز مۇھەببەت بىلەن تولغان .

بىردىنلا يىغلايمەن . نومۇس - ئۇيات مېنى ئۈن - تىنسىز ئازابلايدۇ .

4

كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىدىم : گۈلدۈرلىگەن توپ ئاۋازى، چىرايلىق سايرىغان قۇش ناۋاسى، پەرياد چەككەن نالە، قاقاقلىغان مەسخىرە، يىرىك كىبىر، مۇغەمبەر مەدھىيە، ئوماق بالىنىڭ چۈچۈك تىلى، ئىزگۈلۈك ئەللەي . . .

كۆپ نەرسىلەرنى ئۇچراتتىم : ھارغىن ئەمگەك، مەجرۇھنىڭ دەلدۈگۈنۈشى، تەنتەنىلىك يالغان - ياۋىداق، نۇرانە ساختىپەزلىك، ئېزىتقۇ، پەند - نەسىھەت، قائىدىلىك قاراقچىلىق، مەنىسىز مەئىشەت، چاياندەك ھەسەت، تېتىقسىز پاراكەندىچىلىك . . .

كۆپ ئويلىدىم، ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كەتتى . . .

يامغۇرلۇق تۈندىكى ئەمگەكتىن، تۇمانلىق سەھەردىكى سەپەردىن، گۇگۇملۇق قىرغاقتىكى ماتەمدىن قايتىپ كېلىپ سۈزۈلۈۋاتقان ئاسمان قەرىگە كۆز تىكتىم : چالا شەپەق، تۈگۈن - تۈگۈن بۇلۇت قاينىمى . . . تۇيۇقسىز زوقلىنىپ كەتتىم . كۆزۈمگە كۆرۈنگىنى بايراق جىلۋىسىمۇ ئەمەس، مەشئەل يالجىشىمۇ ئەمەس . ئەنە، پىرقىرىغان ئوتقاشلىق بۇلۇت پارچىسى . ئۇ ئېغىر ھىجران ۋە بىقەرەل خارلىقتىن كېيىن ئۆز ئاشىقى بىلەن ئۇچراشقان قىزدەك چاچلىرىنى ئۇچۇرۇپ، غۇلاچلىرىنى كېرىپ پىرقىرىماقتا . . . قاقاقلاپ كۈلگەن قىزنىڭ پاك كۈلكىسى ئاڭلاندى ! مۇشۇ سادا، پەقەت قەلبىمنى تىترەتكەن مۇشۇ سادالا ئېسىمدە !

مەن ئۇنى پۈتۈن تەنتەنىلەرنىڭ ئەۋجى دەپ قۇۋاندىم .

كۆپ ئويلىدىم، ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كەتتى .

ئىنسانىيەت كۈلكىسى !

5

مەسخىرە ۋە ھاقارەت مېنى ئۇيالدۇردى .

مەسخىرە ۋە ھاقارەت مېنى روھلاندۇردى .

مەسخىرە ۋە ھاقارەت مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى .

مەن ئۇنىڭدىن غۇرۇر ۋە شەرەپ ئېلىپبەسىنى ئاچتىم .

6

ئۇ كىبىرلىنىپ كەتتى، قىن - قىنىغا پاتمىدى . ئۇنىڭ يۇمران مەسۇم قەلبىنى شەيتان تۇيغۇلىرى قامال قىلدى، كىبىرلىك سەلدەك ئېقىپ ئۇنىڭ ئەتراپىنى باستى، ئۇ يېگانە خادىدەك يالغۇز قالدى، دوستلىرى غەرق قىلىندى .

ئۇ كىبىرلىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئوغۇز سۈتى ئىچكەن بىغۇبار لېۋى ۋە شېرىن تىلىدىن كىبىرنىڭ ئېھتىياتسىز، يۈگەنسىز قوتازلىرى چاپچىپ چىقىپ، ئار - نومۇس، مىزان ۋە قائىدە خاسىيەتلىرىنىڭ لەۋھەلىرىنى پېتىقلىدى . ئۇنىڭ دوستلىرى جاراھەتلىنىپ، ئۈمىد يولىدىكى كۆچەتلەر، ئىشەنچ بېغىدىكى مېۋىلەر، ئەقىدە ئېتىزىدىكى چېچەكلەر نابۇت قىلىندى .

ئۇ كىبىرلىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ يۇمران ئۆسكىلەڭ چاچلىرى ئارىسىدىكى گۆدەك مېڭىسىنى ھاكاۋۇرلۇق ۋە سالقىن نەزەرنىڭ ئەجدىھاسى ئىگىلىۋالدى . ئۇنىڭ جۇدۇنلىرى، شەپقەتسىز غەزەپلىرى كۇھىقاپ بورانلىرىدەك قۇتراشقا چۈشتى . ئۇنىڭ ھايات كېمىسى ئاقىۋەت قۇمغا چۈشتى . . .

قىلىچ ۋە ئالتۇنغا ئىقتىدا قىلىدىغان بۇ راھىبنىڭ كېيىنكى ئوبرازىنى ئۇچراتتىم . ئۇ دەريا ساھىلىدا كۇكۇم - تالقان بولۇپ كەتكەن غېدىر تاۋىقىنى سېغىز لاي بىلەن يەملەۋاتاتتى . ئۈستىدىن ئۆزىنى ئەۋرەت قىلغۇدەك چۇپۇرىسى كۆرۈنمەيتتى .

مەن ئۇنىڭ ئۇياتچان، كەمتەر، ئويلىنىپ باسىدىغان يېڭى قىياپىتىنى ئۇچراتتىم . ئۇ توڭۇپ دۈگدەيگەن چېغىدا قۇياشنىڭ پاتراق چىقىشىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ ئوماق پەرزەنتىم دەپ ئىللىق نۇرانە مېھرى بىلەن پەپىلىشىنى كۈتەتتى .

كۆپ ئويلاندىم، كۆزۈمگە كۆپلىگەن تونۇش چىرايلار كۆرۈنگەندەك بولدى .

ئۆزۈمچە پىچىرلىدىم : بۇزغۇنچى زورلۇقنىڭ ياراتقۇچى ئەھمىيىتى بولغىنىدەك، پاجىئەلىك ھادىسىنىڭمۇ سەمىمىي يالدامىسى بولىدۇ .

مەن ئۇنى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇنىڭ ئېرىشكىنى يوقاتقىنىدىن ھۆرمەتلىك . ئۇنىڭ يېڭى قەلبىدە نەپرەتلىك كىبىرنىڭ ھەشەمەتلىك خاقانلىقى يوق .

7

ئۇلۇغ ئىنسانىيەت پەرزەنتىنى خار قىلىدىغان نەرسە نېمە ؟ ئۇ مەغرۇرلۇق .

پايانسىز كەڭ جاھاننى تار قىلىدىغان نەرسە نېمە ؟ ئۇ مەغرۇرلۇق .

مۇستەھكەم قورغاننى يىمىرىدىغان ھەممە سۇيىقەستلەرگە شەرت ھازىرلايدىغان نەرسىمۇ مەغرۇرلۇق .

مەغرۇر شاھ زەپەر ھارپىسىدا دارغا ئېسىلىدۇ . مەغرۇر يىگىت توي بوسۇغىسىدا ئەرۋاھقا ئايلىنىدۇ . مەغرۇرلۇق سۇلتاننى ئۇلتان، ئۆلىما ئىبلىسنى شەيتان قىلىدىغان نەرسە .

پىكىر، يۈز يۇيۇش، ئۆي سۈپۈرۈش، زىننەت تاقاش مەغرۇرلۇق، تازىلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلمىقى لازىم .

8

<< ئىنسانىيەت» _ ئۇلۇغۋار ھەم گۈزەل ئاتالغۇ . ئۇلۇغ ئىنسانىيەت گۈزەللىكلىرىگە كائىنات قايىل . ئۇنىڭ ھۆسنىگە گۈللەر، ناخشىسىغا بۇلبۇللار، ئەقىل - ئىدراكىغا ئولىمپىيە ئىلاھلىرى ھەيران . ئۇ ياراتقان مۆجىزىلەرنى بەرپا قىلالايدىغان ھېچقانداق غەيرىي قۇدرەت يوق .

مېنى زوقلاندۇرغان مۇشۇ ئىنسانىيەتنى جاھاننەما ئەينىكىدە كۆرۈپ، بىردىنلا چۆچۈدۈم : قىيا - چىيا، ئوت تۈتەكلىرى، كىبىر ۋە قۇللۇق خۇشامىتى، ھەسەت ۋە رەشك، پىتنە ۋە قەست - كۈللەم، ئۇۋاللىق پاجىئە بىلەن لىق تولغان قاباھەت ئىچىگە بۇ گۈزەل مەلىكە قاچان ئەسىر بولدىكىنە . . .

ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ ئالتۇن ئەجدىھاسى قىلىچ تىمساھلىرىغا تۇتقۇن بولغانلىقىنى كۆرۈپ قۇياش قارايدى . ئۇنىڭ ھەسرەتلىرىدىن يامرىغان توپان كەلكۈنى بۇ قاباھەتلەرنى تازىلىيالمىدى . ئۇنىڭ غەزەپلىرىدىن ئوت چاقناپ زېمىن كۇكۇم - تالقان بولمىغىيتتى . . .

9

بۇ ناتىۋان يىگىتنى قەدىرلەيمەن . خۇددى گۈلباھار ياشلىقىمنى قەدىرلىگەندەك .

مەن بۇ مويسىپىت چالنى ھۆرمەتلەيمەن . خۇددى كېلىۋاتقان قېرىلىقىمنى ھۆرمەتلىگەندەك .

ئۇنىڭدا زوقلىنىدىغان ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئالامەتلەر تولا .

10

باغ ئۆز سەيلىچىسىگە ئالدى بىلەن گۈزەل يوپۇرماقلىرى بىلەن چىرايلىق چېچەكلىرىنى كۆرسىتىدۇ . ئاندىن كېيىنلا ساڭا مېۋىلىرىنى سۇنىدۇ .

مېھمان قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى داستىخان ئەمەس، ھېسسىيات .

11

ئۇچۇملىرىڭ چوڭ، كۆكسى - قارنىڭ چوڭ بولسۇن . ساخاۋەتنى تاپاۋەتتىن ئەلا بىل .

چېلەكلەپ، چېلەكلەپ تۆككىن . بېغىڭ ھىممىتىڭگە باقىدۇ . قوشۇق بىلەن سۇ تۆكۈشنى مەزھەپ قىلغان ئادەمنىڭ سۇغىرىدىغىنى باغ ئەمەس، بەلكى بىر تەشتەك گۈل .

بىر تەشتەك گۈلدىن گۈل سەيلىسى قىلالمايمەن .

مەردلىك كۆكىرەر، نامەردلىك يۈگىرەر، تۆكۈلەر . . .

12

ئېھ جاھاننەما . ئەنە ئاياللار دۇنياسى . . .

ماڭا دەسلەپ يالتىراپ كۆرۈنگىنى گۈزەل ئېلىنا . ئۇنىڭ گۈزەللىكى مۇھەببەت ئىلاھى ئافرۇدېتنى مەھلىيا قىلىپ ترۇيا ئۇرۇشىغا سەۋەب بولغان . ئەمما، ئېلىنا ئىككى ئاشىقى ترۇيا سېپىلى ئاستىدا يەكمۇيەك نەيزىلەشكەندە سېپىل دەرۋازىسى ئۈستىدە تېڭىرقاپ يىغلىغان .

ئاندىن كېيىن ماڭا چاقناپ كۆرۈنگىنى كىلىتمىنسترا . ئودىسسانى ئون ئىككى يىل كۈتكەن ۋە ئۆز مۇشتەرىلىرىگە ئودىسسانىڭ ئېغىر ئوقياسى بىلەن ئودىسسادەك چىنەشنى شەرت قىلغان بۇ ساداقەت سىيماسى، تېخى قەھرىمانلىق ئۈلگىسى بولالمىغانىدى .

مانا ئىئۇش بېزەك كىلوپاتېرا . گۈزەل ئايال شاھقا رىم سەركەردىسى قەيسەر مەپتۇن بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ پەزىلەتسىزلىكى دانتى يازغان«جەھەننەمنامە»دە ھېلىمۇ ئۆرتىنىشكە سەۋەب بولغان . ئۇ پەزىلەتسىز گۈزەللەرنىڭ ئۆرنىكى .

ئەنە سۇلايماننى مەپتۇن قىلغان تۆتىنچى خانىش بىلقىس ( تەۋراتتا تىلغا ئېلىنىدىغان بىر خانىش، ئۇ كېيىن تەقۋادارلىق يولىنى تۇتقان ) گۈزەلنىڭ ئوماقلىقى ھېلىمۇ ئاياللىق خۇش پۇراقلىرى بىلەن سېھىرلەنگەن قۇدرەت بىلەن كۆڭۈللەرنى ئېزىقتۇرۇپ تۇرۇپتۇ . ئەمما، ئۇ ھەسەت ۋە كۈنچىلىكنىڭ ئەسىرىسى ئىدى .

ئەنە، ئايال ساك شاھى تومارىس . رەپىقى ۋە پەرزەنتى، ئېلى ۋە خەلقى ئۈچۈن جەڭ تۇلپىرىغا مىنگەن ئايال قەھرىمان . كىياندىتلار شاھى كەيخىسراۋنىڭ بېشىنى قان تولغان ئىدىشقا چۆمۈلدۈرگەن بۇ جەسۇر جەڭچىنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكى خاتىرىلەنمىگەن .

ئەنە، رامانىڭ ئاشىقى گۈزەل شىدۇ مەلىكە . مايمۇنلار پادىشاھى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىلگەن بۇ گۈزەلنىڭ پاك قەلبىنى ئىلاھىيەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە راما رەشك بىلەن خارلىدى .

پاھ، ئىسكەندەرنى تىترەتكەن رۇخسانە . ئوتتۇرا ئاسىيا گۈزىلى ئۆز ئىستېلاچىسىغا تۇتقۇن بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىسيان قىلمىدى، ئۇنىڭ ئىشرەت خانىشى بولدى .

زىلەيخانىڭ يۈسۈپكە مۇھەببىتى بەگ ئاغىچىسىنىڭ ئەقىدىسىزلىكى بىلەن باشلانغان .

شىرىن ھەقىقەتەن گۈزەل خرىستىئان قىزى ئىدى . داستانچىلىقتا گۈزەللەشتۈرۈلگەن ۋە چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ ئىستېلاسىغا قارشى ھېس - تۇيغۇنى خىسراۋغا قارىتىلغان نەپرەت بىلەن نىقابلاشتۇرۇلغان ھېكايىلەرنىڭ ئەكسىچە، شىرىن ئېرۇسالىمدىكى ئەيسا ئوبرازىغا پىداكارلىق بىلدۈرگەن ۋە رۇخسانىدەك ئاقىۋەتكە مۇپتىلا بولغان ئايال ئۈلگىسى ئىدى . . .

ئەنە، لەيلى، سەنەم، زۆھرە، ژۇلىتتا . . .

ئەنە، دون جۇئان كۆزلەشكەن جەنۇبىي ياۋروپا، كىچىك ئاسىيا، برىتانىيە سەتەڭلىرى .

ئەنە، شاھى جاھان، ماھى تابان، زىبۇ ناتاۋان، زىلۋا نەۋقىران نامىدىكى گۈزەل ئاياللىق جىنسى . . .

ئېھ، جاھاننەما ئەينىكى، ئەنە ئاياللار دۇنياسى .

مەيلى ئىنسانىيەت ئادەم بىلەن ھاۋادىن ياكى پاندۇرادىن، ياكى براخمادىن، ياكى نىگۇدىن، ياكى نېمىدىن يارىتىلغان بولمىسۇن، ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ئايال جىنسى ئىچىدە ئاشۇ«شەرق گۈزىلى» ( ئاپتور ئىپارخاننى دېمەكچى بولسا كېرەك )نى قەدىرلەيمەن .

ئۇ گۈزەللىكتە شەرق ئېلىناسى ئىدى .

ئۇ شېئىرىيەتتە شەرق سافۇسى ئىدى .

ئۇ جەڭدە يىگىرمە بەش ئۆرۈملۈك بىر جۈپ قۇندۇز چېچىنى چىشلەپ، ساۋۇت كىيىپ قىلىچ ئويناتقان چەۋەنداز جەڭچى ئىدى .

ھۆسنى شاھىنشاھنى، ھەتتا بۈزرۈكۋار خاقاننى مەھلىيا قىلغان بۇ ئىپار بويلۇق شەرق گۈزىلى ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارىنى نامايەندە قىلىپ، جەڭ ئىچىدە تۇتقۇن بولدى ۋە ساۋۇت لىباسلىرى ئىچىدە ئۆز - ئۆزىنى ئۆلتۈردى .

مەن ئويلىنىمەن : ھومېر، سۇفىكىل، نىزامى ۋە نەۋائى، شېكېسپىر ۋە بايرۇنلار قولىغا قەلەم ئالغاندا ئۇ تۇغۇلمىغان، ئۇ تۇغۇلغاندا بۇ ئالەم مۇئەللىپلىرى ئۇيقۇغا غەرق بولغانمۇ يا ؟

ئۇ ئىسكەندەر ئۈزۈكىدىكى گۆھەرگە مۆكۈنگەن پەرىدەك ئاياللىقنىڭ ئەرلىك ئۈستىدىكى، مەھكۇمىنىڭ ھاكىم ئۈستىدىكى، مەغلۇپنىڭ غالىب ئۈستىدىكى، ئەركىنلىكنىڭ زورلۇق ئۈستىدىكى، ئاۋامنىڭ خاقان ئۈستىدىكى تارىخىي مەسخىرىسىنى شولىلاندۇرۇپ غۇرۇر بىلەن چېچەكتەك تۆكۈلدى . ئۇنىڭ قېنى ئون مىڭ يول مۇساپىسىگە ئون ئىككى يىل ئاققان .

ئىلھاملىنىمەن : يۈكسەكلىك بىلەن قوشۇلغان قەلب گۈزەللىكىڭ بولمىسا، تەڭرى ئاتا قىلغان ھۆسن زىبالىقىڭ خاقان ۋە ئالدامچىلار قولىدىكى ئويۇنچۇق ئەرمىكى !

13

كىچىككىنە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرزىمىگىنىدەك، ھەممىسىمۇ ئەرزىمەس ئەمەس . يەھۋە ئادەمنىڭ تېنىنى بىر سىقىم توپا، جېنىنى بىر قەترە سۇيۇقلۇقتىن بىنا قىلغاندا ئۇمۇ كىچىككىنە نەرسە ئىدى .

ئەڭ كىچىك ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىگە ئورىنىۋالغان ئالەم سىرلىرىنى تېخى بىلمەيمەن، بەلكى تەڭرىنىڭ دەرگاھى ئاشۇ كۆرۈنمىگەن زەررىچىلەرگە يوشۇرۇنغاندۇ .

بىلىدىغىنىم جاھاننەما ئەينىكىدە زاھىر بولغان غارايىپلار .

ئامەت بىلەن ئاپەت، مەدەت بىلەن خۇسۇمەت، ھايات بىلەن ماماتنىڭ كىچىككىنە نەرسىدىن _ تۈزۈلگەن قوشۇما، بۇزۇلغان ئۆڭ، ئېچىلغان سىر، قىلىنغان سۆزدىن ئاپىرىدە بولغانلىقىنى كۆپ كۆزەتتىم . ئۇ بىلىنەر - بىلىنمەس، ئەمما كومزەكتىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان تۈتەكسىمان دىۋىدەك ئاپىرىدە بولىدۇ .

14

ئويلىمىغان ئادەمنى ئوي قېرىتىدۇ، لاي تۇتمىغان قولۇڭنى لاي چىرىتىدۇ .

كىشى نېمىدە بەختلىك بولۇپ پەخەس بولمىسا، دەل شۇنىڭ ئۆزىدە بەختسىزلىككە يولۇقىدۇ .

15

يىغلىما سىڭلىم، سېنىڭ ئۈچۈن تارىخ يىغلىسۇن .

تىلەنمە سىڭلىم، سېنىڭ ئۈچۈن ئەل تىلەنسۇن .

بۇ بولۇر شاد كۈلكىلىرىڭنىڭ ئەڭ چوڭ تەرەددۇتى .

16

پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن . ھەيران - ھەيران بولۇپ، چۆچۈپ ئەندىكىپ، ھاياجان ۋە بارىكاللا ئوقۇپ، قاقشاپ ۋە كۆز يېشىمنى تۆكۈپ پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن .

پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن . خۇدالار قۇدرەتلىرى، ئەۋلىيالار ھېكمەتلىرى توغرىسىدا ئەمەس، جانلىق ئادەمنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ قىسمەتلىرى ھەققىدە رەڭسىز، ياسالمىسىز پىكىر قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن .

ئېزىقىش ماڭا نادانلىق، ئالدىنىش ماڭا گۇناھ، پىكىر قىلماسلىق ماڭا پاسىقلىق .

جاھاننەما ئەينىكىگە نەزەر سالغىنىمدا گۈزەل مەلىكە شىرىننى ياكى خاسىيەتلىك رەناگۈلنى دېرەكلەۋاتقىنىم يوق . كۆزۈمگە چېلىققىنى : يالاڭ ئاياغلار، توڭۇپ دۇغدايغان گەۋدىلەر، موھتاج چىرايلار، نىجادىيەت تىلەكلىرى . . .

مەن خىزىر ئەمەس، ئۇلار مېنىڭ خىزىرىم . مەن پەقەت يۈرەكنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاشىق، تەڭرىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان راھىب .

17

كۆزۈمگە ئالەم ساماسىغا پىرقىراۋاتقان يەر سەييارىسى كۆرۈندى . بەخت ئىستەكلىرى ئىچىدىكى بەخت تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن بەختسىزلىك تۇمانلىرى ئارىسىدىكى بەخت تۈگۈنلىرى يېنىدا زاھىر بولغىنى : گۈزەللەر ئايىغىدىكى رەشك، شۆھرەتلەر ئىزىدىكى خۇسۇمەت، ئىجادىيەت كەينىدىكى ھەسەت، مەئىشەت ئارقىسىدىكى ئىغۋا، ھوقۇقلار يېنىدىكى قەست - كۈنەم .

ھەيران بولدۇم : بۇ تېخى تىنچ - ئىناقلىقنى، ھالاللىق ۋە ساداقەتنى مەڭگۈ ئىستەيدىغان ھەم ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدىغان بەختمىدۇ ؟

ھودۇقۇپ قالدىم : بۇ بەختنىڭ ھەر مىسقىلىدا بىر قانچە قاداقتىن بەختسىزلىكنىڭ خەۋپ - خەتىرى ياندىشىپ تۇرىدۇ - يا !

ئەنە، قولىدا كۆمەچ، ئۇچىسىدا بوز، قەلبىدە ئىنساپ، ھېچنېمىدىن ئارتۇقچە تەمەسى بولمىغان ئاددىي كىشىلەر . ئۇلارنىڭ ھەر بىر مىسقال بەختسىزلىكىگە بىر قانچە قاداقتىن ئىناقلىق، ھالاللىق، ساداقەت ھېسسىياتلىرى چېچەك تاقاپ تۇرۇپتۇ .

ئالەمنىڭ نىسبەتلىكىگە ۋە ئەكسەرىيەتلىكىگە ئەجەبلىنىمەن . . .

18

ئاسمان ئۇپۇقى زېمىن بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى بىر چوڭ ئەينەك .

زېمىن پەرياد چېكىپ تۇمانلاشقاندا قايغۇرۇپ سارغىيىمەن . قۇياش كۈلگەندە شەپەق بولۇپ قىزىرىمەن .

مېنىڭ بىلىدىغىنىم راستچىللىق، مېنىڭ ئىقتىدارىم يوپۇقسىز ئەكس ئېتىش .

19

جاھاننەما ئەينىكىگە ئۈزمەي قارايمەن، ھادىسىلەرنىڭ قاسراقلىرىنى شۇپۇڭدايمەن . مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم ماھىيەتلەرنى يوشۇرىدىغان دەلىللەر ئەمەس . چۈنكى، چاكىنا قىمىرلاشلار، ئەرزىمەس پاكىتلار ماڭا ھېچنېمىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ . مېنىڭ ئىزدەيدىغىنىم ماھىيەتلەرنىڭ ئاچقۇچى . پاكىتلارنىڭ كۈچى ئۇنىڭ جەمئىيىتىدە، ماھىيەتلەرگە باغلىنىشىدا، ۋالاقتەگكۈرلۈكتە ئەمەس !

20

تاڭ شەپىقى يۈزۈمنى قىزارتقاندا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، ئۇنىڭغا ھېسسىياتلىق پىچىرلىدىم : ئوماق ئوغلۇڭنىڭ كۆزلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئۈمىدى ؛ چىرايلىق قىزىڭنىڭ قىلىقلىرى ئىنسانىيەتنىڭ خۇشاللىقى ؛ ئۆزۈڭنىڭ قاپقارا، ساپسېرىق، قوڭۇر چاچلىرىڭ كىشىلىكنىڭ سۆيۈنچى . ئاھ، مىسلىسىز ئىنسانىيەت !

كەچكى گۇگۇم غۇۋاسىدا كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىدۇ، لام - جىم دېمەي خىيال سۈرىمەن : ئالەم تۈتەكلەشمەكتە، بورانلار ئۇپۇق يۈزىنى تىلغاپ، بۇلۇتلار ساما پەردىسىنى قاپساپ ئالەم تۈتەكلەشمەكتە . چىغىر يوللۇق باغلار، دۇخاۋا پەردىلىك تىياتىرخانىلار نېمىگە ئەرزىيدۇ . توپلانغان يېقىلغۇلار، تىكلەنگەن زەمبىرەكلەر، قاچىلانغان ئۇچقۇر بومبىلار، ئۆتكۈرلەنگەن تىغلار ئالەمنى قاراڭغۇلاشتۇردى . زېمىن ئېغىر پىرقىرايدۇ، شاماللار ئېغىر تىنىدۇ . ئادالەت تۇمارلىرىنى تاقاشقان ناتىقلار ۋارقىراشماقتا، سەركەردىلەر پىچىرلاشماقتا، ئالدامچىلار پايپېتەك بولماقتا، جاسۇسلار خۇپىيانە سايىدەك سوزۇلماقتا .

ئىنسانىيەت گىرىپتار بولغان ئالجىش كېسىلىگە ھەسرەتلىنىپ، ئۇنىڭ غېمىدە پىچىرلايمەن، پرومىتۇس بىلەن بىللە پىچىرلايمەن .

21

باراۋەرلىك ئىنسانىيەتنىڭ تۇغما ئىقتىدارى .

باراۋەرلىك ئىنسانىيەت ئىززىتى ۋە ئىپتىخارىنىڭ جەۋھىرى .

باراۋەرلىك تۇيغۇسى ئادالەت ۋە يۈكسىلىشنىڭ مەشئىلى .

ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى خۇنۈكلۈكلەر باراۋەرسىزلىكتە .

باراۋەرلىك ھەققىدە مېنى ئەپسانە مەستانىسى قىلمىغىن . مۇتلەق باراۋەرلىك ھەققىدىكى تەرسالىقلىرىڭدىن چۆچۈيمەن . ئاسمان بىلەن زېمىن مۇتلەق باراۋەر بولغىنىدا قىيامەت بولمامدۇ ؟! ئوكيانلار بىلەن تاغ - ئېدىرلار مۇتلەق باراۋەر بولغىنىدا جاھاننى توپان باسمامدۇ ؟! ھايات بىلەن مامات مۇتلەق باراۋەر بولغىنىدا مەن نېمىنى تەپەككۇر قىلىمەن ؟! . . .

ئالەمنىڭ گۈزەللىكى باراۋەرسىزلىكتە ئوخشىمامدۇ ؟

22

ئىزغىرىن شاماللار ئارىسىدا، سەلكىن يوپۇرماقلار تىترىشىدە، مەيىن گۈللەر جىلۋىسى ئارىسىدا ماڭا كىمدۇر پىچىرلاپ سۆزلەيدۇ . مەن ئۇنى كۆرەلمەيمەن . مەن ئۇنىڭ تىۋىشلىرىدىن ئۇنىڭ گويا جاھاننى قولىدا ساقىدەك ئۆرۈپ - چۆرۈپ تۇرغان قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىمەن . ئۇ يەر تېگىدىن، ئەرۋاھلار تىلىدىن ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سۆزلىگەندەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئېسىمدە قالغىنى تولىمۇ ئاز :

. . . تارىخ تۈمەن - مىڭلىغان جەڭ ماجىرالىرى بىلەن تويۇنغان، خەلقىئالەم زامان سەھنىلىرىگە چىققان ھەر خىل ئەزىمەتلەرنى كۆرگەن . ۋەز - نەسىھەتلەرمۇ، كىتاب - قامۇسلارمۇ، ۋەدە - توختاملارمۇ، شىكايەت ۋە ماختىنىشلارمۇ نۇرغۇن . . . گاڭگىرىماسلىق ئۈچۈن سەن ئۇلارنى نەتىجىلىرىدىن كۆرە ئىككى ئېقىمغا بۆلگىن . ئومۇمەن ھەر بىر ئەمەلىي قەدىمى، ھەر بىر يۈكسەك تەپەككۇرى، ھەر بىر ھېس - تۇيغۇسى، ھەر بىر مىجەز - خۇلقى ئۆزىنى ئەمەس، ئۆز مۇرىتىنى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى يورۇقلۇققا، كەڭ - كۇشادىلىككە، پەزىلەتلىككە باشلايدىغانلارلا نۇرانىلىككە ۋە زەپەرگە ئىگە . يالغان - ياۋىداق لەۋھەلىرىگە، ۋەھشەتلىك دەررىلىرىگە پىسەنت قىلما . تارىختا ئۆتكەن ئەزىمەتلەر يەنە تارىخقا قايتىپ كېلىدۇ . جەننەت بىلەن دوزاخ، ئاپىرىن بىلەن مەسخىرە پەقەت باقىي ئالەم قىرغاقلىرىدا، فىلسىراتنىڭ بېشىدا، ئەرشنىڭ تۆپىسىدە، زېمىننىڭ تەكتىدە ئەمەس، ئۇ قىقاس - چۇقانلىرى بىلەن تولغان پانىي ئالەم داۋىنىنىڭ تەمكىن تەپەككۇرىدا . . .

ئۇ داۋاملىق پىچىرلىدى . ئالەمچە نەپەس ئېلىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدىم . ھاياجانلىق بىلەن جىمجىتلىق مېنىڭ دەرسخانام .

23

جاھاننەما ئەينىكىدە شۇنداق گۈزەل مىسرالار ئىبرەت بىلەن جۇلالىدى : ئىنسانىيەت تارىخىنى بىرەر زامان، بىرەر ئەل، بىرەر كىشى خۇلاسىلەيدۇ دېيىشتىنمۇ ئارتۇق ھاماقەتلىك يوق . چۈنكى، پايان يوق تارىخ ئۆز خۇلاسىچىلىرىنى خۇلاسىلەپ ئىلگىرىلەپ بارىدۇ .

24

چۈمۈلىلەر ھەرىكىتىگە ھەيرانمەن . ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغۇم كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى راۋان قىلغان ئۇيۇشما نوپۇزى، ھاياتلىق مەجبۇرىيىتى ياكى ئۆزگەرمەس تۇغما ئادىتى، نېمىدۇ . . .

پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ خەلقئارا تارىخىنى، ئۇنىڭ بىرەر مىللىي تارىخىنى ئەمەس ؛ پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى، ئۇنىڭ بىرەر تەنتەنىسىنى ئەمەس ؛ پەقەت ئىنسانىيەت تارىخىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مەنتىققە ئۇيغۇن جاسارىتىنى، ئۇنىڭ بىرەر ھېكايىسىنى ئەمەس ئىپادىلىگەن شەخس بىلەن ئۇ ئىپادىلىگەن تۈپ ئېقىملا ئىنسانلار پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان نوپۇز بولالايدۇ . بۇنىڭ ئالدىدا ئىسكەندەرنىڭ شەرققە يۈرۈشى، ئاتىللانىڭ غەربكە يۈرۈشى، مانۇ قانۇنى، ئافىنا كونستىتۇتسىيىسى ( ئىشغالىيىتى، قورشاۋى، ئىستېلاسى، قانۇنى ) . ئېرۇسالىم ئىبادەتخانىسى، روپىسپىر نۇتۇقلىرى، تۆمۈر لەڭنىڭ جازا مەيدانى، ئەشتەرخاننىڭ دارى ئەرزىگۈدەك نەرسە ئەمەس .

چۈمۈلىلەرنىڭ مۇقەددەس ھەرىكەت نوپۇزىغا ھەيرانمەن . ئۇلارغا ئىچىم سىيرىلىدۇ .

25

ئۇنىڭ زىلۋا بەدىنىنى ئەجەللىك كېسەل چىرمىۋالغان . ئۇنىڭغا ئارام بەرمىگىنى نەپسانىيەت تەلۋىلىكى، ساختا شۆھرەت ھېرىسى، شۇملۇق قىچىشىشلىرى، ھىيلىگەرلىك قىزىقىشى، رەشك يىلانلىرى . . . ئۇنىڭ مېڭىسى يىلان چۈشكەن بىر قۇمرا قېتىق، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىبلىس مۆكۈنگەن سېھىرلىك غار، ئۇنىڭ كۆكسى قاباھەت دەرگاھى، ئۇنىڭدا مىڭلىغان مەلئۇنلار، ساتقۇنلار، مۇناپىقلار، نامەردلەر، كاززاپلار، خۇشامەتچىلەر، بىدىكلەر، كىبىرلىكلەر، پەسكەشلەر تىقما - تىقما بولۇپ، پېتىشماي كۆتۈرۈلۈپ - كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ .

يېقىنلاپ نەزەر سالدىم : ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى ئىنسانىيەت ئورنىنى باھانە - سەۋەبلەر بىلەن بىر - بىرلەپ ھالاك قىلىش يولىدا پىچاق چاقلاش ھەم يۈزىگە پەرىزاتنىڭ زىننىتىنى سىزىشتىن ئىبارەت .

قاتتىق سەسكەندىم : ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى زەھەر ياسىغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى . . .