جاۋ لېجى

ئورنى Wikipedia

 جاۋ لېجى، ئەر، خەنزۇ، 1957- يىلى 3- ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى شىئەندىن، 1974- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

  1974- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گۇيدې ناھىيەسى خېدۇڭ يېزىسى گۇڭبا چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان.

  1975- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىدە ئالاقىچى بولغان.

  1977- يىلىدىن 1980- يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇغان.

  1980- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىدا كادىر، ئۆلكىلىك سودا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1982- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا مەكتىپى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نازارەت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك بەش خىل مېتال، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دىرېكتور بولغان.

  1986- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، نازارەت پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتكوم شۇجىسى بولغان (1992- يىلى 4- ئايدا ئۆلكىلىك تەمىنات- سودا بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن).

  1993- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1994- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1997- يىلىدىن 1997- يىلغىچە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1997- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  (1996- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى پۇل- بانكا كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان، 1998- يىلى 9- ئايدىن 1999- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1999- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2000- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  (2002- يىلىدىن 2005- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپى سىياسىي كەسپىدە ئوقۇغان).

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.

  16- ، 17- ، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىسى.