جورجىت يېزىقى

ئورنى Wikipedia

16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، مانجۇلار موڭغۇل يېزىقى ھەرپلىرى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. مانجۇلارنىڭ ئەجدادى جورجىتلارنىڭ ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ يېزىقى يوق ئىدى. جورجىتلار كۈچەيگەندىن كېيىن، خوشنا ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىدە ئىزچىل قىتان يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. لياۋتيەنچىڭنىڭ 5- يىلى(1115)، ئاگۇدا ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ جىن سۇلالىسىنى قۇرغاندا، ۋەنيەنشىيىننى جورجىت يېزىقىنى ئىشلەشكە بۇيرۇغان. ۋەنيەنشىيىن پەرمانغا بىنائەن، خەنزۇلارنىڭ كەيتى خەت شەكلىگە تەقلىد قىلىپ، قىتان يېزىقىنىڭ قائىدىلىرىدىن پايدىلىنىپ، جورجىت تىلىنى خاتىرىلەيدىغان «جورجىت يېزىقى»نى ئىشلەپ چىققان.[12] يەنى جورجىت تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، خەنزۇلارنىڭ كەيتى خەت شەكلىگە تەقلىد قىلىپ، قىتان يېزىقىنىڭ تۈزىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جورجىت يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. بۇ يېزىق تيەنفۇنىڭ 3- يىلى (1119) 8- ئايدا ئىشلەپ تاماملىنىپ، جىن تەيزۇنىڭ پەرمانى بىلەن يولغا قويۇلغان. جىن شىزوڭ تيەنجۇەننىڭ بىرىنچى يىلى (1138) غا كەلگەندە، يەنە بىرەيلەن يېڭى بىر خىل يېزىقنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە يۇخۇاڭتوڭنىڭ 5- يىلى (1145) يولغا قويۇلغان، ئادەت بويىچە بۇ يېزىق « جورجىت كىچىك يېزىقى» دەپ ئاتالغان. ۋەنيەنشىيىن ئىشلەپ چىققان يېزىق « جورجىت چوڭ يېزىقى» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى خىل يېزىق بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىلغان. لېكىن جىن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئىستېمالدىن قېلىپ، پەقەت شەرقىي شىمالدىكى ئاز سانلىق كىشىلەرلا قوللانغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن، پۈتۈنلەي يوقالغان. 15- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مانجۇلارنىڭ غەربتىكى قوشنىسى موڭغۇللار بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا موڭغۇللار باسپا يېزىقىنى تاشلاپ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىكى موڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىۋاتقانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مانجۇلارنىڭ موڭغۇللار بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق ئىدى، ئەمما مانجۇلارنىڭ يېزىقى بولمىغاچقا، ئالاقە ئىشلىرى موڭغۇل يېزىقى بىلەن خاتىرىلىنەتتى. بارلىق ئىشلاردا ئاۋۋال مانجۇ تىلىنى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئاندىن قايتا موڭغۇل يېزىقى بىلەن خاتىرىلەيتتى. گەرچە موڭغۇل- مانجۇ تىللىرى ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە، گرامماتىكا جەھەتتىن يېقىن، مەنىداش ئاھاڭداش نۇرغۇن سۆزلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئىككىسى ئوخشىمايدىغان تىل تۈركۈمىگە، يەنى بىرى موڭغۇل تىل تۈركۈمىگە، يەنە بىرى توڭغۇس- مانجۇ تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولغاچقا، مانجۇ تىلىنى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئاندىن قايتا خاتىرىلىگەندە، نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلار كۆرۈلەتتى. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتلار مانجۇلار باش كۆتىرىۋاتقان، دۆلەت كۈچى كۈچىيىۋاتقان چاغلار ئىدى، ئۆز يېزىقى بولمىسا سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىگە ماسلىشالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن مىڭ ۋەنلىنىڭ 27- يىلى(1599) ، چىڭ تەيزۇ نۇرخاچ ئېردېنى ۋە گاگەي ئىككى كىشىگە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. بۇ توغرىلىق مۇنداق خاتىرە قالدۇرۇلغان:

«سىخەي يىلىنىڭ 2-ئېيىدا، تەيزۇ سۇلېبېيلې موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەپ يولغا قويماقچى بولغان. لېكىن ئېردېنى، گاگەيلەر: ‹موڭغۇل يېزىقىنى بىز بىلىمىز، خەلق ئارىسىدا تارقالغىلى ئۇزۇن زامان بولدى، ئۇنىڭ خەت شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ› دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. خان: ‹خەنزۇلار خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئومۇمەن خەنزۇ يېزىقىنى بىلىدىغانلار ۋە بىلمەيدىغانلار بولسۇن ھەممىسى خەنزۇ تىلىنى چۈشىنىدۇ. موڭغۇللار موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدۇ، موڭغۇل يېزىقىنى بىلمەيدىغانلارمۇ موڭغۇل تىلىنى چۈشىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، خانلىقىمىزنىڭ تىلى موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ موڭغۇل يېزىقىدا ئوقۇلىۋاتسا، ئەلۋەتتە موڭغۇل تىلىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ-دە! نېمە ئۈچۈن خانلىقىمىزنىڭ تىلىدا يېزىق ئىشلەش قىيىن، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ تىلىدا يېزىق ئىشلەش ئاسان؟›دېگەن. ئېردېنى، گاگەيلەر: ‹خانلىقىمىزنىڭ تىلى بىلەن يېزىق ئىجاد قىلساق بەك ياخشى بولاتتى، لېكىن خەت شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى بىلمەيمىز، شۇڭا بۇ بەك تەس› دېگەن. خان: ‹تەس ئەمەس! 阿 خېتىنىڭ كەينىگە 玛 خېتىنى قوشساق ئاتا دېگەن سۆز بولمامدۇ؟ 鄂 خېتىنىڭ كەينىگە 墨 خېتىنى قوشساق ئانا دېگەن سۆز بولمامدۇ؟ پەقەت موڭغۇل يېزىقىنى مانجۇ تىل تاۋۇشلىرىغا ماسلاشتۇرۇپ، خەتلەرنى باغلاپ جۈملە ھاسىل قىلساق، يېزىققا ئاساسەن مەنىنى بىلگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ. مەن ئاللىقاچان قارار چىقىرىپ بولدۇم، سىلەر بۇ يېڭى يېزىقنى يېزىشنى سىناپ بېقىڭلار، نېمىشقا بولمايدىكەن› دېگەن».[13]

شۇنىڭ بىلەن ئېردېنى بىلەن گاگەي پەرمانغا بىنائەن موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا، ئوڭدىن باشلاپ تىك يېزىلىدىغان مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەپ چىققان. تۇنجى ئىشلەنگەن مانجۇ يېزىقىغا ھېچقانداق بەلگىلەر ئىشلىتىلمىگەن، خەت شەكلى تۇراقسىز بولۇپ، كېيىنكى خەت بەلگىلىرى قويۇلغان مانجۇ يېزىقى بىلەن پەرقلەنگەچكە، «بەلگىسىز مانجۇ يېزىقى» ياكى« كونا مانجۇ يېزىقى» دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى چىڭ تەيزۇ دىڭۋېي يىلى(مىڭۋەنلىنىڭ 31- يىلى، مىلادى 1607- يىلى) دىن باشلاپ، چىڭ تەيزوڭنىڭ چوڭدې بىرىنچى يىلى(1636) غىچە بولغان ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن مۇھىم تارىخىي ئەسەر «مانجۇچە ھۆججەتلەر» دەل مۇشۇ يېزىقتا بايان قىلىنغانىدى.

كېيىن، ئىشلىتىش جەريانىدا، بۇ خىل تۇنجى ئىشلەنگەن مانجۇ يېزىقىدا ئوقۇش قىيىن بولۇشتەك ئېغىر يېتەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى بايقالغان. بۇ ھال ئۇنىڭ ئۆز- ئارا ئالاقىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن خان يەنە بىر داخەي ئىسىملىك كىشىگە بۇ يېزىقنى ئىسلاھ قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرگەن. داخەي پەرمانغا بىنائەن 10 يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، ھەرپلەرگە بەلگە قويۇش، بەزى ھەرپلەرنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن ھەرپ قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ، خۇاڭتەيجى تيەنسوڭنىڭ 6- يىلى (1632- يىلى) ئىسلاھاتنى تاماملاپ، ئەسلىدىكى مانجۇ يېزىقىنى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان يېزىق قىلىپ ئىشلەپ چىققان. ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى مانجۇ يېزىقى « يېڭى مانجۇ يېزىقى» ياكى «بەلگىلىك مانجۇ يېزىقى» دەپ ئاتالغان.[14]

يېڭى مانجۇ يېزىقى مانجۇ تىلىنى بىر قەدەر توغرا ھالدا خاتىرىلىگەنىدى. چىڭ دەۋرىدە شۇنىڭدىن باشلاپ مۇشۇ يېزىقتىن پايدىلىنىپ ھۆججەتلەرنى يازغان، تارىخلارنى خاتىرىلىگەن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان، خەنزۇچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. بولۇپمۇ چىڭ سۇلالىسى جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىل يېزىق دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە خەنزۇ يېزىقى بىلەن بىرگە قوللىنىلىپ، تاغدەك دۆۋىلەنگەن ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى خاتىرىلەپ، چىڭ سۇلالىسى تارىخى، جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيالغا ئايلانغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىر خىل مىللىي يېزىق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى سۇلالە( يۇەن، چىڭ) دەۋرىدە قوللىنىلىشى، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش.[15]

مانجۇ يېزىقى جياچىڭ(1820-1795)، داۋگۇاڭ(1850-1820) دەۋرلىرىدىن كېيىن، خان ئوردىسىدا تەدرىجىي قوللىنىشتىن قالغان. 1911- يىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، خەلق ئارىسىدىمۇ ئىستېمالدىن قالغان. لېكىن شىبەلەر داۋاملىق قوللىنىپ كەلگەن.

يۇقىرىقى تارىخىي پاكىتلار موڭغۇللار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مانجۇلار ئارىسىدا 1599- يىلىدىن 1911- يىلغىچە قوللىنىلغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

3. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شىبەلەر ئارىسىدا قوللىنىلىشى

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ھەرپلىرى ئاساسىدىكى مانجۇ يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى يەنە بىۋاسىتە ھالدا شىبە يېزىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شىبەلەر ئەسلىدىلا يېزىقى يوق بىر مىللەت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئەسلىدە خەيلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جالانتورو دەريا ۋادىسىدا ياشىغان. يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ كېرچىن موڭغۇل قەبىلىلىرىگە تەۋە بولغان. مىڭ ۋەنلىنىڭ 21- يىلىدىكى 9 قەبىلە ئۇرۇشىدىن كېيىن، نورخاچنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، كېرچىن موڭغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە موڭغۇل سەككىز قوشۇنىغا قوشۇلغان. كاڭشىنىڭ 31- يىلى(1692) ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىبەلەرنى كېرچىن موڭغۇللىرىدىن ئايرىپ مانجۇ سەككىز قوشۇنىغا قوشۇپ، مورگېن، چىچىخار، بودۇنا (بۈگۈنكى جىلىننىڭ فۇيۈشەن ناھىيىسى)، ۋۇلا (بۈگۈنكى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىلىن شەھرى) قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېيلوڭجياڭ سانغۇنى ۋە جىلىن سانغۇنىغا تەۋە قىلغان. كاڭشىنىڭ 38- يىلى (1699) دىن 41- يىلى (1702) غىچە بولغان ئارىلىقتا ، يەنە شىبەلەرنى يۇقىرىقى جايلاردىن بىردەك كۆچۈرۈپ، پايتەختنىڭ ھەرقايسى سېپىللىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

شىبەلەرنىڭ تىلى مانجۇ تىلى بىلەن ئوخشىشىپ كەتكەچكە، شۇڭا مانجۇ سەككىز قوشۇنىغا قوشۇلغاندىن تارتىپ مانجۇ يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، شىبەلەرنىڭ مانجۇ يېزىقىنى ئىشلىتىشى مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنىپ 96 يىلدىن كېيىنكى كاڭشىنىڭ 34- يىلى ( 1695) باشلانغان.[16] بۇ، شىبەلەرنىڭ شەرقىي شىمالدىكى چېغىدىلا مانجۇ يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 29- يىلى (1764)، بوز يەر ئېچىپ چېگرا ساقلاش ئۈچۈن، 3000 دىن ئارتۇق شىبە خەلقى ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى دەل شىنجاڭنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى شىبە مىللىتى بولۇپ، 240 يىللىق تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئۆز تىلىنى ئىزچىل ساقلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن، 1947- يىلىغا كەلگەندە، مانجۇ يېزىقىنى شىبە يېزىقىغا تەرەققىي قىلدۇرغان.

ئۇنداقتا، ئىلىدىكى شىبەلەر قانداق قىلىپ مانجۇ يېزىقىنى شىبە يېزىقىغا تەرەققىي قىلدۇرالىدى؟ بۇنى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى پارتلىغان ئىلى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 1946- يىلى، ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» شىبەلەرنىڭ ئۆز گېزىتىنى نەشر قىلىشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن شىبەلەر ئۆزلىرى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان تىل يېزىقنى مانجۇ تىل يېزىقى دەپ ئاتاش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ دېگەن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. كېيىن شىبەلەر ئىچىدىكى ئالاقىدار زاتلار مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئورتاق بىر قارارغا كەلگەن. قاراردا:

«پۈتكۈل مانجۇ مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جياچىڭ داۋگۇاڭ خاندىن كېيىن، خان ئوردىسىدا مانجۇ تىل يېزىقى قوللىنىلمايدىغان ياكى ئاز قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئوردىدىكى ئەمەلدارلاردىن تارتىپ ئاددىي پۇخرالارغىچە بولغان پۈتكۈل مانجۇلار تىل جەھەتتىن خەنزۇلىشىشقا باشلىغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، مانجۇلارنىڭ ئورنىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن مانجۇلار ئىسىم فامىلىسىنى يوشۇرۇپ، خەنزۇغا ئۆزگىرىۋالغان، ئومۇميۈزلۈك خەنزۇ تىل يېزىقىنى قوللىنىدىغان بولغان. پەقەت شىبەلەر مانجۇ يېزىقىنى ساقلاپ بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كەلگەن ھەمدە ئۆز تىل يېزىقى سۈپىتىدە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇنى قايتا مانجۇ يېزىقى دەپ ئاتاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە شىبە يېزىقى دەپ ئاتىساقلا بولىدۇ.» دېيىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ «شىبە يېزىقى» دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا چىققان.[16]

1947- يىلى، ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى «ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» تۇرۇشلۇق غۇلجا شەھىرىدە «شىبە سولۇن مەدەنىيەت جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ، ۋۇجالا سالاچۈن قاتارلىق كونا بىر ئەۋلاد ئالىملار شىبەلەر ئۇزۇندىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان مانجۇ يېزىقى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدا يولۇققان كونكرېت مەسىلىلەرنى خۇلاسىلەپ، مانجۇ يېزىقىغا قارىتا بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلانغان مانجۇ يېزىقى ھەقىقىي تۈردە شىبە يېزىقىغا ئايلانغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلەت مەزكۇر يېزىقنىڭ شىبەلەر قوللىنىدىغان يېزىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.[17] شىبەلەر بۇ يېزىقنى بۈگۈنگىچە قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.