جورجى لۇكاس

ئورنى Wikipedia

گىيورگى لۇكاس (Georgy Lukacs,1885—1971 ) غەربچە ماركىسزمنىڭ داڭلىق نەزەرىيەچىسى ۋە پەيلاسوپ.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

لۇكاس ۋىنگىرىيەنىڭ بۇداپىشتتا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1903-يىلى بۇداپىشت ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ۋە دۆلەت ئىقتىساد ئىلىمى كەسپىدە ئوقۇغان، كېيىن پەلسەپەگە ئالماشقان. 1906-يىلى قانۇن ئىلىمىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1908-يىلىدىن كېيىن «ھازىرقى زامان تىياتىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى» كىرىستىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1909-يىلى بۇداپىشت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. بولۇپمۇ تەتقىقاتىنى ماركىس، گېگېل ۋە گىرمانىيە پەلسەپەسىدىن باشلىغان. 1918-يىلى ۋىنگىرىيە پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاۋىستىرىيە ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1933-يىلى گېرمانىيە فاشىستلىرى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ نائىلاج باشقا دۆلەتلەردە قېچىپ يۈرگەن. ئىلگىرى ئىككى قېتىم رۇسىيەدە قېچىپ يۈرگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇ بۇداپىشتقا قايتىپ كەلگەن. ئۇ قېچىپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە «خەلقئارا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىيات ۋە ئوبزور» قاتارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ژۇرناللىرىدا تەھرىر ۋە ماقالە تەييارلىغۇچى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 1956-يىلى ۋىنگىرىيە ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىلاجىسىز رومىنىيەدە قېچىپ يۈرگەن. بىر يىلدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1971-يىلى لۇكاس راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن: «روھ ۋە شەكىل»، «تارىخ ۋە سىنىپىي ئاڭ»، «ياش گېگېل»، «تارىخىي رومانلار ھەققىدە مۇھاكىمە»، «رېئالىزم ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»، «ئېستېتېكا خاسلىقى» قاتارلىقلار.

لۇكاس غەربچە ماركىسزمنىڭ مۇھىم ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئەدەبىي نەزەرىيەسىدە ئېنىق بولغان رېئالىزم يۆنىلىشىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي نەزەرىيەلىرىدىكى ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى ماركىسزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىقا قارىتىلغان. بەدىئىي ئېسسېنتىئالىزمدا، لۇكاس يەنىلا بىردىنبىر ماددىي نەزەرىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق بىر رېئال ئىنكاسقا نىسبەتەن ھەممىسىنىڭ رېئاللىقىنى ئاساس قىلغان سۇبيېكتىپ ۋە ئوبيېكتىپنىڭ بىرىكىشىدىن، جانسىز نەرسىدە ئىنكاس بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئەدەبىيات-سەنئەت قاتلىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا كەلسەك، لۇكاس ئەدەبىيات-سەنئەتنى ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ بېكىتكەن يۇقىرى قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسىمى يەنىلا رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈش تەرىقىسىدە بولىدىغانلىقى، لېكىن بۇ خىل ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلىنىدىغان، ئەمما جانسىز، فوتوگرافىيە شەكلىدە بولىدۇ، دەپ قارىغان.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ رېئال ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى ئاساسلىقى ئىستىتىكىنى ئەسكى ئەتتۈرۈش بولۇپ، ئادەم ( يازغۇچى) ئەمەلىيەتنى ئۆلچەم قىلىپ بۇ خىل ئەكىس ئەتتۈرۈشنى كۆۋرۈك قىلغان. نەتىجىدە ھەر بىر يازغۇچىنىڭ تارىخى ئوخشاش بولمىغان. كۆزىتىش دائىرىسى ۋە گۈزەللىك سەزگۈلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان.يەنە ئۇلارنىڭ تاللىغان ئوبيېكتىپ رىئاللىقى ھەمدە ئوبيېكتىپ رېئاللىق ۋە يازغۇچىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى پەيدا قىلغان ھېسسىيات شەكىللىرى قاتارلىق نۇرغۇنلار ئوخشىمايدۇ. شۇڭا رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەردىمۇ چوقۇم ئوخشىمىغان پەرقلەر پەيدا بولىدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت تۇرمۇش كەلگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا تۇرمۇشتىن ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ھالقىغان، ئادەمنىڭ دۇنياسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

ئادەمنىڭ ياشاشتىكى شارائىتىنى تەسۋىرلەش ۋە سۈرەتلەپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ دائىم رېئاللىقتىن تېخىمۇ ئۈستۈن، تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. ئۇ تەسۋىرلەپ بەرگەن ئەدەبىي چېگرا ۋە ئىدىيەمۇ كىشىنى تېخىمۇ ئىنتىلدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا مۇشۇنداق گۈزەل بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت قانداق قىلغاندائاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ؟ لۇكاس ئۈلگە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۈلگە بولۇش-بولماسلىقى رېئالىزم نەزەرىيەسىدىكى بىر خىل ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەسىلە. لۇكاس ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى ئىجاد قىلىنغان ئۈلگىنىڭ بىر تەرىپى چوڭقۇر خاسلىققا ئىگە بولۇشى، يەنە بىر تەرىپى مۇشۇ خاسلىقتىن ئۆتۈپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رېئاللىق بولۇپ، ئۇ خاسلىق ۋە ئورتاقلىقنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئۇ ئۈلگىنى «پىرسۇناژ ۋە شارائىت ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئادەتتىكى ۋە ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلغان ئورگانىكنىڭ بىر خىل ئالاھىدە بىرلەشمىسى» بولۇپ، ئىجاد قىلىنغان بۇنداق ئۈلگە، ئەدەبىياتنىڭ رېئال ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ، دەپ قارىغان. لۇكاس ئەدەبىي ساھەدە ئۈنۈم يارىتىپ، ئۆزىنىڭ پىكرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ رېئالىزملىق نۇقتىئىنەزىرىدىن چىقىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتتە بار بولۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي رولىنى تونىغان. ئۇ ئەدەبىيات–سەنئەت تونۇش ۋە ئىستېتىك تەربىيىۋى رولىغا ئىگە، چۈنكى ئەدەبىيات–سەنئەت رېئال تۇرمۇشتىكى ئېستېتېكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئېستېتېكىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى خاس بولغان سەنئەت دۇنياسى بىلەن، ئېدىياللاشتۇرۇلغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ ھۇزۇرلانغاندىكى بىر خىل ۋاقىتلىق يىراق جەمئىيەتتىكى دەھرىيلىك ھالەت ئېستېتېكىدىن ھۇزۇرلىنىشىنىڭ ۋە خۇشاللىقنىڭ ئىچىگە چۆكتۈرۈپ، بىر خىل تىنچ كۆزىتىش ھالىتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇ ۋاقىتتا، «ھېس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتلىرىنى توپلىغانلىق سەۋەبىدىن، گەۋدىلىك بولغانلىرىدىن خاسلىقنى بارلىق ئەسەردىكى تىنچ كۆزىتىشتىكى قوللىنىش قىلسا........تۇرمۇشقا قايتىپ كىرگەن بارلىق كىشىلەر بۇنىڭدىن ئېرىشكەن يېڭىلىقلرىنى تۇرمۇشتا ئىشلەتسە، ئەسەر ئۇنىڭدىكى ھېسسىياتنىڭ ئاساسلىقى ئۆزگەرتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىكى كەچۈرمىشى قىلغان.

ئەدەبىي ئەسەردىكى ئوبرازدا چوقۇم ئېستېتېك ھېسسىيات بولغان بولۇشى كېرەك. كىشىلەر سەنئەت ئوبرازىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشى ئارقىلىق مۇھەببەتنى ئويغاتقان. ئاندىن سەنئەتنىڭ تونۇش ۋە ئېستېتېك تەربىيەسىنىڭ قىممىتىنى تېگى-تەكتىدىن تونۇپ يەتتۇق. ئۇلار ئوبرازدا بار بولۇشقا تېگىشلىك بولغان گۈزەللىك تۇيغۇسىنى جانلاندۇرۇشنى ئېتىراپ قىلىپ، ئادەمنىڭ پۈتۈنلىكىنى چۈشەنگەن. ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئۇلار ئەمەلىي تۇرمۇشتىن مۇشۇ خىلدىكى ئادەمنىڭ مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئۆزگەرتىشىگە، ئېنتىرفېرىنسىيەلىك رېئال ئارزۇسىغا ئىلھام بەرگەن. سەنئەت ئاساسلىقى بىر خىل ئويدۇرما بولغانلىقتىن، ئۇ شۇ ئويدۇرمىدىن كىشىلەرگە نۇرغۇنلىغان تونۇش ۋە ئىستېتىك تەربىيىسى بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. تېخىمۇ ياخشى بولغىنى، ئۇ سۇبيېكتىپ قىممەت ۋە تەبىئىي ئىجتىمائىي قىممەتنى بىرىكتۈرۈپ، كىشىلەرنى ئېستېتىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇشتىن باشقا يەنە تېخى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوبيېكتىپ رىئاللىقنىڭ چىنلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. لۇكاس بىر ئاڭلىق ماركىسىزىمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي رولى ھەمدە رېئال ئىجتىمائىي كۈرەشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن.

لۇكاس «تارىخ ۋە سىنىپىي ئاڭ»دا، ئىنتايىن مۇھىم بولغان چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ئۇ «بۇيۇملاشتۇرۇش». ئۇ كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، كاپىتالىزم ئىشلەپچىقىرىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ماددىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن، بۇرژۇئازىيە ھەربىر ئىشلارنى ھېسابلىشىدىغان، خالىغانچە بىر نەرسىلەر قىلىۋالدى، دەپ قارىغان. دەل مۇشۇنى ئاساس قىلىپ ئۇ غەربنىڭ ھازىرقى سەنئىتىنى بۇيۇملاشتۇرۇلغانلىقنىڭ مەھسۇلى، ھازىرقى زامان سەنئىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، ھازىرقى زامان سەنئىتىنىڭ شەيئىلەرنى تەسىۋىرلەپ بېرىشى كىشىنى ئۇنچىۋالا ئىنتىلدۈرمەيدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. ھازىرقى زامان سەنئىتىدە ھېكايىلەر يوقاپ كېتىپ، ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل غالجىرانە تەجرىبىلىرى ئىگىلەپ كەتكەن. مانا مۇشۇ دەل كاپىتالىزم جەمئىيىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇيۇملاشتۇرۇلغان سەنئىتىنىڭ بىشارىتى ۋە ئىنكاسى دەپ قارىغان . لۇكاس ھازىرقى زامان سەنئەتنى چىنلىق بىلەن ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ، ئۇنىڭدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن پەقەت بىر خىل ھادىسە، ئەھۋال بولۇپ قالغان، ھالبۇكى رىئالىزم ئەدەبىي ئەسەر ئىجتىمائىي رېئاللىقتىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇ ئاساسلىقى ھازىرقى زامان سەنئىتىنى كاپىتالىزىمنىڭ بۇيۇملاشتۇرۇلغان ئىدىيەسىدىن ئازاد قىلماقچى بولغان.

لۇكاسنىڭ رېئالىزم ئەدەبىيات–سەنئەت نەزەرىيەسى ماركىسزملىق ئەدەبىيات–سەنئەت نەزەرىيەسىنى بېيتقان. ئۇ ماركىسزملىق ئەدەبىيات–سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە دەۋر ئىجتىمائىي رېئالىزمنى زىچ بىرىكتۈرۈپ، مول بولغان ئېۋرسىتىك تونۇش ۋە چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا رېئالىزملىق نۇقتىئىنەزەردىن قاراپ، ھازىرقى زامان سەنئىتىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ چۈشۈرگەن. مەلۇم دەرىجىدە كەمچىلىك بىلەن يېتەرسىزلىكنى ئېچىپ تاشلىغان.