جون سترائۇس

ئورنى Wikipedia

جون سترائۇس (1825-1899) ئاۋسترىيەلىك كومپوزىتور، دىرىژور ۋە ئىسكىرىپكا چالغۇچى، ئۇ كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا ئامراق بولۇپ، يەتتە يېشىدىلا ۋالىس مۇزىكىسى ئىجاد قىلىشنى باشلىغان. 19 يېشىدا ۋېنادا تۇرۇبىلىق-كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى تەشكىللەپ، پولشا ۋە گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋالىس مۇزىكىلىرى يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن، ۋېنا ۋالىسلىرى پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغان.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جون سترائۇس


دۆلەت تەۋەلىكى :ئاۋسترىيە

يۇرتى :ئاۋسترىيە ۋيېننا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1825-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1899-يىل 6- ئاينىڭ 3-كۈنى

كەسپى :كومپوزىتور، دىرىژور ۋە ئىسكىرىپكا مۇتەخەسسىسى

چەتئەلچە نامى :Johann Strauss

شان- شەرەپلىرى[تەھرىرلەش]

1872-يىلى خون سترائۇس تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ بوستون، نيۇيورك شەھەرلىرىدە ئويۇن قويۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە 2000 كىشىلىك تۇرۇبىلىق-كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى بىلەن20 مىڭ كىشىلىك خور ئۆمىكى بىرلىشىپ ئورۇندىغان ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «كۆك دۇناي دەرياسى» غا دىرىژورلۇق قىلىپ، مۇزىكا تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • شان- شەرەپلىرى
  • ئاساسلىق ئەسىرى
  • ئالاقىدار بايان
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئاساسلىق ئەسىرى[تەھرىرلەش]

جون سترائۇس ئۆز ئۆمرىدە  168 ۋالىس، 117 پولكا، 43 مارش، 16 ئوپېرېتتا ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قىزغىن، شاد-خۇرام، مېلودىيە خاراكتېرى كۈچلۈك، رومانتىزم كەيپىياتى قويۇق، يۇمۇرلۇق ھېسسىيات مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. كىشىلەرگە تونۇش «كۆك دۇناي دەرياسى»، «ۋېنا ئورمانلىقىدىكى ھېكايە»، «سەنئەتكارنىڭ ھاياتى» قاتارلىق ۋالىسلار ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.

ئالاقىدار بايان[تەھرىرلەش]

1899-يىلى جون سترائۇس ۋاپات بولغاندا، ۋېنا خەلقى 100 مىڭ كىشىلىك كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

جون سترائۇس دادىسى بىلەن ئىسىمداش. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ۋالىس ئىجادىيىتىدە دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق كومپوزىتورلار. ئادەتتە دادا-بالىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا «چوڭ»، «كىچىك» دېگەن سۈپەتلەر قوشۇلىدۇ. كىشىلەر چوڭ جون سترائۇسنى «ۋالىس مۇزىكىسىنىڭ ئاتىسى»، كىچىك جون سترائۇسنى «ۋالىس پادىشاھى» دەپ ئاتايدۇ.